يېقىندا توردا غەلىتە بىر ھەرىكەتچان رەسىملەر پەيدا بولۇپ قالدى. بۇ رەسىمگە قارىساق جىمجىتلا تۇرغا پورترېت رەسىم. لېكىن ئۇ رەسىمنىڭ بىر يەرلىرى ئازراقتىن مىدىرايدۇ. بۇ خىل ئۇسلۇبتىكى ھەرىكەتچان رەسىملەرنى قانداق نەرسە ئارقىلىق ياساپ چىقىدىغانلىقىغا كۆپ قىسىم دوستلار ئەلۋەتتە قىزىققانغۇ دەيمەن؟
بۇ رەسىملەرنى ئېسىگە ئالالمىغانلار ئۈچۈن بىرەر پارچىدىن كۆرسىتىپ، ئاۋال بىر ئەسلىتىپ ئۆتەيلى.
يۇقارقى رەسىملەر بۇ ئەپ ئارقىلىق ئىشلەنگەن ئەمەس. پەقەت مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈنلا قىستۇرۇلدى.
يۇقارقىدەك بۇ خىل ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن يۇقىرى تېخنىكىغا ئېگە PS ئۇستىسى بولىشى ۋە مۇرەككەپ جەريانلارنى باشتىن ئۆتكۈزىشىنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت بۈگۈن تەۋسىيە قىلماقچى بولغان Cinemagram ناملىق بۇ ئەپ بولسىلا بولىدۇ!
بۇنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى تولىمۇ ئاددىي ئىكەن. بىز بۇ ئەپ ئارقىلىق 2~3 سېكونتلۇق فىلىم ئالىدىكەنمىز، ئاندىن قولىمىز بىلەن ھەرىكەتلەندۈرمەكچى بولغان ئورۇننى كۆرسىتىپ قويىدىكەنمىز. ئاندىن بىر ئاز ساقلىغاندىن كىيىن، يۇقارقىغا ئوخشاش پەقەت بىرلا يېرى مىدىرايدىغان ئاجايىپ غارايىپ بىر رەسىم كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولىدىكەن!
بۇ ئەپتە پەقەت ھەرىكەت قوشۇشلا ئەمەس، يەنە رەسىمگە ھەرخىل ئۈنۈم قوشىدىغان ئىقتىدارلارمۇ قوشۇلغان.
ئەسكەرتىش: سىلەرمۇ بىلىسىلەر، بىزنىڭ iPhone ىمىز تولىمۇ ئىلغار بىر تېلىفون بولسىمۇ، ھازىرغىچە GIF رەسىمىنى ئوقۇشنى بىلمەيدۇ. شۇڭا بىۋاستە رەسىمنى ساقلىيالمايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ياسىغان رەسىمىمىزنى ئۆزىمىزگە E-Mail شەكلىدە يوللاپ چىقىراىۋالساق بولىدۇ.
بۇ ئەپنى قاچىلاش ئۈچۈن ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 5.0 لىك سېستىما بولىشى كېرەك بولغانلىقى ئۈچۈن، مەن ھازىرغىچە سىناپ باقالمىدىم. سىناپ باققانلار رەسىمىنى بىر چىقىرىپ كۆرسىتىپ قويمامسىلەر؟ قانداقراق ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ بىر كۆرەيلى…
ئەپ ئىسمى : Cinemagram
ساتقۇچى : Factyle
تۈرى : فوتو-سۈرەت
چوڭلۇقى : 7.6 MB
باھاسى : ۋاقىتلىق ھەقسىز.
كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟









































مۇشۇ پاسىبان ئەپەندى فوتوگرافىيە كەسپىگە ئالاھىدە قىزىقىدۇ دە
قېنى بىر ھەپىلىشىپ باقىلى، ئالدىن ھەشقاللا دېگەچ تۇراي !
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھازىر مەن ئىشلىتىۋاتقان ئايفون3-ئەۋلادنىڭ سېستىما نەشىرى 4.1 ئىدى. بۇنىڭ نەشىرىنى 5.0.1 گە كۆتۈرسەم ئايفوننىڭ سۈرئىتىگە تەسىر يېتەرمۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئىشقىلىپ 4.1 دەك تېز بولمايدىكەن. ئارقا سۇپىنى پات-پات تازىلاپ يېنىك يېنىك ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ.
مەن دوستۇمنىڭكىنى 5.1 گە كۆتۈرگەن، لېكىن ھىچقانداق ئاستىلىشىش سەزمىدىم. پاسىبان دىگەندەك ئارقا سۇپىنى تازلاپ تۇرسۇڭىزلام بولىدۇ.
پاسىبان ئەپەندىم، بەك كەم دىدار بوپ كەتتىڭىزغۇ، نەچچە كۈن بولدى كۈندە كىرسەم سىز يوق، يازمىلارمۇ شۇ ھېلىقى ئايپەدنى سەي تاختىسى قىلىپ ئىشلىتىدىغان پەرەڭنڭكىدە توختاپ قاپتۇ،يەنە سەپەرگە چىقىپ قالمىغانسىز؟!
بۈگۈن ساق 40 كۈن بولدى يۇرتتىن ئايرىلىپ يۈرۈپتىمەن. خۇدا خالىسا بۇ يىل نورۇزنى تاشكەنتتە ئۆتكۈزىدىغان ئوخشايمەن. سەپەردە بېسىپ يازما يازالماي قالدىم.
راستىنلا سەپەردىكەنسىزدە’ سەپىرىڭىز ئاقيوللۇق بولسۇن، سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ!
بەك ياخشىكەن لىكىن ماڭا ئامال يوق 4.1 ئىدى