چوڭ تاللا بازىرىدىكى ياراملىق مال سېتىۋېلىش ياردەمچىسى

تۈنۈگۈن تېخى QR كودى ئوقۇش ۋە ياساش قورالىنى تەۋسىيە قىلغان ئىدۇق. قارىسام ماۋۇ ئەپ ئارقىلىق بىز گەرچە بىر قەدەر ئىپتىدائىي بولغان تاياقچە كودنى ئوقۇيالايدىغان بولساقمۇ، لېكىن بۇ پەقەت ئوقۇپ بېرىش بىلەنلا چەكلىنپ قالمايدىكەن. تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى داۋامىدىن كۆرۈڭ ئەمىسە.

بۇ ئەپ دۆلىتىمىزدىكى چوڭ زەنجىرسىمان تاللا بازارلىرىدىكى ھەرقايسى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنى سېلىشتۇرۇش، كود ئارقىلىق مەھسۇلات ئىسمىنى بىلىش، ئوخشاش مەھسۇلاتنىڭ باشقا تاللا بازارلىرىدىكى باھاسىنى سېلىشتۇرۇش قاتارلىق بىر قەدەر قوللىنىشچان ئىقتىدارلارغا ئېگە ئىكەن.

رەسىمگە قارىساق 贝因美金装爱婴幼儿配方奶粉 نىڭ 900 گراملىق قاچىلانغان سۈت پاراشوگىنىڭ ھەرقايسى تاللا بازارلىرىدىكى باھالىرىنى كۆرەلەيدىكەنمىز. بۇنىڭغا توختىماي تېخىمۇ كۆپ تاللا بازارلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى قوشىلىۋېتىپتۇ. ئىقتىدارى بارغانسىرى مۇكەممەللىشىدىكەن.

ئەگەر ئاپاراتى يوق ئۈسكۈنە بوپقالسا كود نومۇرىنى قولىمىز بىلەنمۇ كىرگۈزۈپ ئىزدىيەلەيدىكەنمىز. بۇ قولاي ئەپنى ھازىرچە ھەقلىق ساتماپتۇ. مېنىڭچە بۇندىن كىيىنمۇ ھەقسىز بولسا كېرەك. قېنى، سىزمۇ ماڭا ئىشلەيدىغان نەرسىكەن دېسىڭىز ئايفونىڭىزدىن 8 مېگابايت جاي بېرىپ بۇ ئەپنى قاچىلاپ قويغايسىز.

ئەپ ئىسمى : 我查查-条码扫描比价-Wochacha

ساتقۇچى : ShiningTrip

تۈرى : قوللىنىشچان

چوڭلۇقى : 3.4 MB

باھاسى : ھەقسىز.

iTunes چۈشۈرۈش ئادرىسى:



无觅相关文章插件,快速提升流量



بىرتال ئىنكاس بار.

  1. مەن بۇ ئەپنى خېلى بۇرۇندىن باشلاپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن، ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى. مېنىڭ ھېس قىلغان كەمچىلىك دەپ قارىغىنىم، بۇ ئەپ پەقەت يىمەك-ئىچمەك تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىلا تەكشۈرەلەيدىكەن. باشقا تۈردىكى مەسىلەن دورا، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى… قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرەلمەيدىكەن. مۇشۇ كەمچىلىكىنى تۈزەتسە بۇ ھەقىقەتەن تەڭداشسىز قوللىنىشچان ئەپ بولۇپ قالاتتى.
    سىز مۇشۇ پاسىباندا Heart Rate دەپ بىر يۈرەك سۇقۇش ھەرىكىتىنى تەكشۈرىدىغان ئەپنى تونۇشتۇرغانىدىڭىز، گەرچە بۇ ھەقلىق ئەپ بولسىمۇ توغرىلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ئەتراپىمدىكى دوست-بۇرادەرلەرنىڭ ناھايىتى ياقتۇرىدىغان ئەپلىرىگە ئايلىنىپ كەتتى. مۇشۇ ئىقتىداردىكى ئەپلەر كۆپ بولسىمۇ بۇ ئەپ ھەممىدىن ياخشىدەك بىلىنىدۇ. ھازىر مەن دوستلىرىمنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن قان بېسىمىنى تەكشۈرىدىغان ئەپ بارمىدۇ دەپ ئىزدەپ يۈرۈيمەن. قانائەتلەنگۈدەك بىرەر ئەپ تاپالمىدىم. مېنىڭ بىر نەچچە دوستلىرىم ئايفون ئىشلىتىدۇ ئۇلارنىڭ بەزىسىدە يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بار. مۇشۇلارغا بۇنداق ئەپ بەك زۆرۈر ئىكەندۇق. قانچە پۇل بولسا سېتىۋالىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتتى. ئۇلار يۈرەك سوقۇش ھەرىكىتىنى تەكشۈرىدىغان ئەپتىكى نەتىجە بىلەن دۇختۇرخانىدىكى 心电图 نىڭ نەتىجىسىنىڭ ئوخشاش چىققانلىقىدىن ھەيران قېلىشتى. سىز ماڭا قارىغاندا بۇ جەھەتتە تەجرىبىلىك. ئۇلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىشىمغا ياردەم قىلىڭچۇ، يۇقىرى قان بېسىمىنى ئۆلچىگىلى بولىدىغان ئىشەنچلىكرەك ئەپ بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى.

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

© 2014 پاسىبان بلوگى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش