搜狗拼音输入法 نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئېسىل ۋە ئەڭ كەڭ تارقالغان خەنزۇچە پىنيىن كىرگۈزگۈچ. بۇ كىرگۈزگۈچنىڭ ھازىر Symbian ۋە Android تېلىفونلىرىدىكى كىرگۈزگۈچلىرىمۇ ئابونتلارنىڭ سۆيۈپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولغان. نۆۋەتتە بۇ كىرگۈزگۈچ App Store غا چىقىپتۇدەك!
كىرگۈزگۈچ قانداقسىگە App Store دا كىرگۈزگۈچ بولسۇن؟ شۇنداق. بۇ بىر كىرگۈزگۈچ بولماستىن، خۇددى بىزنىڭ «خاتىرەم» گە ئوخشاش، ئۆزىدە بىر كىرگۈزگۈچ بار بولغان خەت يېزىش تاختىسى ئىكەن. بۇ ئەپنىڭ ئەڭ يامان يېرى – تۈرمىدىن قاچۇرۇش ھاجەتسىز!
بۇنىڭدا يازغان خەتنى مىكروبلوگقا يوللاش، ئېلخەت ئەۋەتىش، قىسقا ئۇچۇرغا يوللاش قاتارلىق ئىقتىدارلار ھازىرلانغان ئىكەن. خۇددى بىزنىڭ «خاتىرەم» دەك…
لېكىن ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇلارنىڭ UI سى بەكلا گۈزەلكەن. ئەپنى دەسلەپ قوزغاتقاندا ئەپنى قانداق ئىشلىتىشنى تەپسىلىي ئۆگىتىپ چىقىدىكەن. تۈرمىدىن قاچۇرغانلار بۇ كىرگۈزگۈچكە بەكلا كۆنۈپ كەتكەن بولسا كېرەك. iOS نىڭ ئۆزىدىكى پىنيىنچە كىرگۈزگۈچمۇ خېلى كۈچلۈك بولسىمۇ، كونۇپكىلىرى بەكلا كىچىك بولغاچقا بارماق بىلەن بېسىپ تولا خاتالىشىپ كېتىدىغان ئىش ئىدى. ماڭا ئوخشاش T9 كىرگۈزگۈچىسىگە كۆنۈپ قالغانلارغا بۇ ھەسەلدەك بىر ئەپ.
مىكرو بلوگ ھېساۋاتىڭىزنى باغلىۋالغاندىن كىيىن خەتنى T9 كىرگۈزگۈچىسىدە تېز سۈرئەتتە يېزىپلا بىر كونۇپكا بىلەن يوللىغىلى بولىدىكەن. سىنا مىكروبلوگى، تېڭشۈن مىكروبلوگى ۋە سوخۇ مىكروبلوگىنى قوللايدىكەن.
خەتنى ئاپئاق ۋاراققا يېزىپ تەمسىز ھېس قىلغانلارغا، 140 تال خەت ئازلىق قىلىدىغانلارغا بۇ ئىقتىدار تولىمۇ ياخشى ئىشلەيدىكەن. يازغان خەتنى ئاتكرېتكا شەكلىدە رەسىملىك ھاسىل قىلىپ بېرەلەيدىكەن.
يازغان خەتلەرنى باشقا جايدا ئىشلىتىشمۇ ئىنتايىن قولاي بولۇپ، خەتنى يېزىپ بولۇپ بىر كونۇپكا بىلەن كۆچۈرۈپ ئالغىلى بولىدىكەن. خەنچە خەتنى كۆپراق يازىدىغان كىشىلەرگە، بولۇپمۇ Nokia تېلىفوندىن ئەمدى كۆچۈپ كەلگەنلەرگە ياخشى بىر تاللاش ئىكەن.
ئەپ ئىسمى : 搜狗输入板
ساتقۇچى : Beijing Sogou Technology Development Co.,Ltd.
تۈرى : قوللىنىشچان
چوڭلۇقى : 19.1 MB
باھاسى : ھەقسىز.
كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟









































يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار