سۆز قالدۇرۇڭ

سالام پاسىبان كۇلۇبىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى! قەدىمىڭلارغا مەرھابا! «ئاز-ئاز ئۆگىنىپ دانا بولۇر، تامچە-تامچە يىغىلىپ دەريا بولۇر» دەك، پېقىرمۇ كۇلۇبىمىزدا سۆزلىنىدىغان ھەرقايسى ساھەدە تېخى ئۆگىنىش باسقۇچىدىكى ھالەتتىمەن. ئەلۋەتتە ھەرخىل خاتالىق نوقسانلاردىن خالىي ئەمەسمەن. ئۆزۈم بىلىدىغانلىرىم بولسا ياردەمدە قولۇم كۆكسۈمدە!  بىللە ئۆگىنىپ بىللە ئىلگىرلەيلى. سىلەرنىڭ تەكلىپ پىكىرىڭلار، مېنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچۈم!


无觅相关文章插件,快速提升流量



556 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. بىر دوستۇمنىڭ 3.ئەۋلاد قۇلۇپلۇق نوسخىدىكى ئايفونىنى 5.0.1 گە كۆتۈرۈپ تۈرمىدىن قاچۇردۇم.لىكىن تېلفۇن كارتىسىنى تونىمىدى. بازاردىكى رىموتچىلار150يۈەن بەرسەڭ ئوڭشايمەن،دەيدۇ، ھەممىنى بىرمۇ-بىر ئوڭشاپ مۇشۇ كىچىككىنە يەردە توختاپ قىلىپ سىزدىن ياردەم سوراشنى لايىق كۆردۈم.بۇمەسىلە بەك كۆپ ئۇچرايدىكەن.

    • سىزگىمۇ بۇ يازمىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن./ultrasn0w-upgrated-to-1-2-5.html
      قۇلۇپ يېشىشتە مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىمىز. يازمىدا 3-ئەۋلادنىڭ يېشەلەيدىغان مودىم نەشىرلىرى بار. ئەگەر سىزنىڭ مودىم نەشىرى شۇلارنىڭ ئىچىدە بولسا ئۇلتراقار قۇلۇپىنى يېشەلەيدۇ. 

  2. مەن ئايفون تۆت ئېسنى لىيەنتوڭ دىن سېتىۋالغان ئۇيۇن ئوينىسام ، تورغا چىقسام تىلفۇن قىزىۋالىدۇ، يەنە سېتىۋالغاندا 100% تۇكىدىن 1-2 سائەتتە 2% ئازلايتى ،ھازىر 1 سائەتتە 4~5% تۇكى تۈگەيدىغان بوپ كالدى بۇ نورمال ئەھۋالمۇ ياكى تىلفۇننىڭ چاتىغىمۇ؟ ،لىيەنتوڭغا ئاپارسام ئاقسۇغا ئاپىرىپ تەكشۈرتىمىز لىكىن ئالمشتۇرمايمىز دەيدۇ شۇڭا سزدىن مەسلىھەت سوراي دەپ يازغانتىم.

    • بۇ نورمال ئەھۋال. باتارىيەنىڭ خورىشىنى سىز بۇنداق ئۆلچەپ توغرا نەتىجىگە ئېرىشەلمەيسىز. مۇشۇنداق خورىغىنىمۇ نورمال بىر ئەھۋال ئۇنىڭ ئۈستىگە

  3. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان كۇلۇبىدىكىلەرگە ۋە پاسىبان ئەپەندىمگە ياخشىمۇ سىلەر؟
    بۇ كۇلۇپتىن شۇنداق ياخشى پايدىلنىپ كېلۋاتىمە پاسىبان ئەپەندىمگە ۋە شۇنداق پايدىلىق تىمىلارنى يولىلىغان قېرىنداشلار غا كۆپ رەخمەت.
    مەخسەتكە كەلسەم ئاندىرود ۋە Symbian سېستىمىدىكى تېلىفۇنلانىڭ نەشىرنى كۇرۇتۈرۈشكە دائىر بىرا دەرىسلىك بامىدۇ؟
    بولسا ئادىرىسنى يوللاپ بەرگەن بولسېىڭىز!!!!!
    رەخمەت…………

  4. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

    مەنپەئەتلىك خېلى كۆپ ئەپلەر بار ئايپەد 2 ، Ipad2 ئىشلىتىلىشتىن توختىدى ،iTunes غا ئۇلاڭ ، دېگەندەك ئۇچۇر چىقىپ ، مەخپىي نومۇرى قۇلۇپلىنىپ قاپتىكەن . ئىچىدىكى ھۆججەتلەرگە تەسىر يەتكۈزمەي مەخپىي نومۇرنى ئېچىشنىڭ يوللىرى بارمىدۇ ؟

    توردىن خېلى ئۇچۇر ئىزدىگەن بولساممۇ ، ياخشىراق چارە ئۇچىرىتالمىدىم .

    • ئەگەر مەخپىي نومۇرى قۇلۇپلىنىپ شۇ ئەسكەرتمە چىقىپ قالغان بولسا بۇنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، پەقەت سىستىمىنى قايتىدىن يېزىش ئارقىلىقلا ئوڭشىغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئالما ئۈسكۈنىلىرى قۇلۇپ سېلېقلىق ھالەتتە كومپيۇتېردىكى ھىچقانداق يۇمشاق دىتال ئۈسكۈنە بىلەن ئالاقە قىلالمايدۇ.

  5. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، پاسىبان ئەپەندىم.
    بۈگۈن دوستۇم ئۆزىنىڭ 2- ئەۋلاد ئايفونىدىكى 通用 دىكى 还原 دېگەن ئورۇندىكى 抺掉所内容和设置 دېگەن يەرنى بېسپ ساپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئايفون بىر دەم تۇرۇپ قايتا قوزغالماي ئېكراندا ئالمىنىڭ لوگوسى چىقىپلا تۇرۇپلا قاپتۇ. مەنمۇ ھەر قانچە قىلىپمۇ ئوڭشىيالمىدىم. قانداق قىلسام ئوڭشىلىدۇ؟

    • كونا سىستىمىلاردا 抺掉所内容和设置 دېگەن كونۇپكىنى باسقاندا تىلىفۇندىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئۆچۈرگەندىن كىيىن بولدى قىلماي يەنە تور ئارقىلىق شۇ ئۈسكۈنىگە چۈشىدىغان يېڭى نۇسقىدىكى سىستىمىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاشقا ئۇرىنىدۇ، كۆپۈنچە ئەھۋالدا تور ئارقىلىق چۈشۈرەلمەي ، ھەم يېڭى سىستىمىنى قاچىلىيالماي مۇشۇنداق ئالمىنىڭ رەسىمى چىققان ھالەتتە قىتىپ قالىدۇ. بۇنى ئوڭشاشنىڭ بىردىنبىر چارىسى ئۆزىمىز قايتىدىن سىستىما قاچىلىماقتۇر.

      • سىستېما نەشىرى 4.1.3 ئىكەنتۇق. سىستېمىنى قايتا قاچىلاي كومپىيۇتېرغا چاتسام كومپىيۇتېردا ئايتىيۇنىستا ئايفوننى تونۇغانلىق ئىنكاسى بولمىدى.
        ئايفوننىڭ سىمى ساق ئىدى. ھەم بىر نەچچە بالىلارنىڭ ئايفونىنىڭ سىمىنى ئالماشتۇرۇپ باقتىم. يەنىلا ئوخشاش

        • 4.1.3 دىمۇ ئوخشاش. ھازىرقى ھالىتىدە(يەنى ئالما سۈرىتى چىقىپ تۇرغان ھالەتتە) ئايتۇنىس مۇ تونۇمايدۇ، بۇنى سىستىما يازىدىغان ھالەت يەنى (恢复模式(Recovery mode (بۇ ھالەتتە تىلىفۇن سىمىنىڭ ئايتۇنىس قا ئۇلىنىشنى ئىشارەت قىلىنغان سۈرەت چىقىپ تۇرىدۇ)غا ئەكىرىپ تۇرۇپ ئاندىن ئايتۇنىس قا چاتساق تونۇيدۇ.

  6. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    پاسىبان ئەپەندىم سېز خەزىنىگە :
    ((ئادەتتە 1 دانە Apple ID ئالما ھېساۋاتىنى پەقەت 5 دانە ئۈسكۈنىگە باغلىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە iTunes قاچىلىغان PC (كومپىيۇتېر) مۇ بار بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى پەقەت ئۆزىمىز 1 كىشىلا ئىشلەتكىنىمىز ياخشى. باشقىلارغا دەپ بەرسەك بۇ چەك بىردەمدىلا توشىدۇدە، ئاخىرىدا سىز ئۆزىڭىزمۇ بۇ ھېساۋاتىڭىزنى ئىشلىتەلمەي قالىسىز. بۇنداق ئەھۋالدا باشقا ئۈسكۈنىلەردىكى مۇشۇ ھېساۋاتنى ئىشلىتىش ھوقوقىنى ئېلىپ تاشلاش ئارقىلىق بۇ باش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلالايمىز. بۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق:
    ئاۋال iTunes نى ئېچىڭ. ئاندىن iTunes Store نىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى Apple ID رىڭىزنى باسىسىز. ئەگەر كىرمىگەن بولسىڭىز 登录 دەپ كۆرىنىدىغۇ دەيمەن. كىرىسڭىز iTunes Store نىڭ مۇشۇ جايىدا ئالما ھېساۋاتىڭىز كۆرىنىدۇ. رەسىمدىكىدەك

    cancel-authorized-01

    ئاندىن مەخپى نومۇرنى يەنە بىر كىرگۈزۈپ ھېساۋات بېتىڭىزنى ئاچىسىز. ئاستىغىراق ئەكەلسىڭىز 云端iTunes دەپ بىر جاي بار. مۇشۇ يەردە سىزنىڭ مۇشۇ ھېساۋاتىڭىزنىڭ قانچە دانە ئۈسكۈنىگە باغلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. رەسىمدىكىدەك (رەسىمنى چېكىپ چوڭ رەسىمنى كۆرۈڭ.)

    ئاخىرىدىكى 管理设备 نى بېسىپ تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ.

    cancel-authorized-02

    مەسىلەن مېنىڭ پەقەت 2 لا ئۈسكۈنىگە باغلانغان ئىكەن. بىرى iPhone ، بىرى مۇشۇ كومپىيۇتېرىم ئىكەن. رەسىمدىكىدەك:

    cancel-authorized-03

    سىزمۇ شۇلاردىن ئۆزىڭىزگە لازىملىقنى پەرق قىلىپ بولۇپ، باشقىلىرىنى ئاخىرىدىكى 删除 نى بېسىپ چىقىرىۋەتسىڭىزلا كۇپايە. ئاندىن مۇشۇ كومپىيۇتېرنى ئۆزىڭىزنىڭ ھېساۋاتىڭىزغا باغلىسىڭىز (ھوقۇق بېرىش دېگەن گەپ، خەنچە 授权) سىز دېگەن مەسىلە ھەل بولىدۇ.

    بۇنىڭ ئۇسۇلى:

    iTunes تىزىملىكى ئىچىدىكى Store دىن 对这台电脑授权 نى باسىسىز. ئاخىرىنى مېنىڭچە ئۆزىڭىز قىلالايسىز))

    دەپ يوللاپ تىكەن سېز ، مەن (云端iTunes)بۇ جاينى تاپالمىدىم ،ياكى ھازىرقى يېڭى نەشىر دە يوقمۇ(مېنىڭ ئىشلىتۋاتقېنىمitunes نىڭ ئەڭ يېڭى ھازىرقى نەشىرى ئىدى). مېنىڭ ھېساۋاتىمدا 5سان تۇشۇپ بۇپ تىكەن خالىغان ئۈزەم ئىشلەتمەيدىغاننى چىقىر ۋېتەي دىسەم بولمىدى.
    شۇڭا قايتا بىر چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسېڭىز!!!!…….. بولسا itunes نىڭ ئېنگىلىسچە ھالىتىدە بولسا تېخې ياخشى !!!
    رەخمەت ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم.

    • ھىساۋات كۆرىنىدىغان جايغا قاراپ 电脑授权 دېگەننى تېپىڭ. شۇ يەردە قانچە دانە كومپىيۇتېرنىڭ باغلانغانلىقىنى كۆرەلەيسىز. شۇنىڭ ئاخىرىدىكى 全部解除授权 دېگەننى باسسىڭىز بارلىق باغلانمىلارنى ئۈزىدۇ. ئاندىن ئۆزىڭىز خالىغان كومپىيۇتېرنى قايتىدىن باغلىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئېنگلىزچە لازىم بولسا مۇشۇ سۆزلەرنى Google دىن تەرجىمە قىلىپ ئىزدەپ كۆرۈڭ. مەن ئېنگلىزچە iTunes ئىشلەتمەيدىكەنمەن.

  7. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم Cydia دىن ئۇقۇشماستىن بەزىبىر ئەپلەر تېلىفونىمىزغا چۈشۈپ قالسا بۇ ئەپنى ئۆچۈرگىلى بولامدۇ؟

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. Cydia نى ئېچىپ 管理 دىن 软件包 دېگەن تۈرنىڭ ئىچىگە كىرىسىز. بۇ سىز Cydia دىن قاچىلىغان بارلىق ئەپلەرنى تاپالايسىز. ئۆزىڭىز ئۆچۈرمەكچى بولغاننى چېكىپ ئىچىگە كىرىپ، ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى 更改 نى بېسىڭ. چىققان ئىككى كونۇپكىنىڭ 卸载 دېگەننى باسسىڭىز ئۆچۈرىدۇ.
      ئىملايىڭىز بەكلا خاتاكەن. دىققەت قىلغايسىز.

  8. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    كومپىيۇتېر(خاتىر كومپىيۇتېرwindows7مۇھىتتا) ئارقىلىق سېمسىز (WiFi)تورنى قانداق ھاسىل قىلىمىز؟ iphoneغا ئۇلاش ئۈچۈن؟قايسى دېتال ئارقىلىق؟

  9. سالام تورداشلار ، مىنىڭapple ID تۇيۇقسىزلا مەخپى نومۇر خاتا دەپ ئېچىلمىدى ، ئىچىدە پۇلىمۇ بار ئىدى ….. ؟؟؟؟ ياردەم قىلساڭلار

  10. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، پاسىبان قېرىندىشىم، مەن پاسىبان تورى بىلەن ئۇچراشقىلى ئۇزۇن بولمىدى، لىكىن مۇشۇنچىلىك ياخشى بىر تور بەتنى سىزنىڭ قانچىلىك كۈچەپ روياتقا چىقارغانلىقىڭىز ھەممەيلەنگە نامەلۇم، دەيدىغىنىم، ئاللاھ قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، يېقىندا تىلفۇنۇم ئارقىلىق تورغا چىققان ئىدىم، تىلفۇن نۇسخىسىمۇ ناھايىتى چىرايلىقكەن، مىنىڭ پىكىرىم «خەزىنە» گە يېزىلغان يېڭى تىمىلار ئاخىرىدا كۆرۈنىدىكەن، كونا تىمىلار باشتا كۆرۈنىدىكەن، شۇنى ئوڭشىغىلى بولامۇ؟
    گەپلىرىم ئارتۇق كەتكەن بولسا كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، رەھمەت.

  11. ئىنكاس يېزىشىمدا سەۋەب شۇكى:
    ئىشتىن چۈشۈپ كەلسەم كىتاب ياكى تور كۆرىدىغان مېجەزىم بار(جاھاندىن بېخەۋەر بەك نازۇك مېجەزمۇ ئەمەسمەن)، ئانا يېزىقىمدا بەرپا بولىۋاتقان تور بەتلەردە لازىملىق نەرسىلەرنى تاپماق سەل مۈشكۈل. لىكىن چوقۇم كۆرىمەن.
    پاسىبان كۇلۇبى مېنىڭلا تور بېتىمكەن، مەن ياقتۇرىدىغان ماشىنا(ھەۋەسنىڭ بىرىنچىسى، قاتىلى)، ئايفون، فوتۇ-سۈرەت… ھەممىسى مۇشۇ جايدا جەم بوپتۇ.
    بەلكىم تور بەت ساھىبى بىلەن ھەۋەس، قىزىقىشلىرىمىز شۇ قەدەر ئوخشىشىپ كەتسە كېرەك. مۇشۇنداق كۆڭلۈمنى ئاچالايدىغان تور بەتنىڭ ئۆز يېزىقىمىزدا مەۋجۇدلىقىغا ئىشەنمەيتتىم، بۈگۈن ئىشەندىم(بۇ گېپىمنى ئارتۇقچە شەرھىلىمەي، مېنىڭچە بۇ كۈلۈب پۇتاقچىلاردىن خالىي بولسا كېرەك).
    يازمىلار ئارسىدىكى قەشقەرچە پۇراققا تويۇنغان ئىبارىلەردىن تېلىقىپ كۈلۈپتىمەن، ھاردۇقۇم چىقتى، ئۈمىدىم، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.
    رەھمەت.

    • ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ شۇنداق ھاردۇقۇم چىقتى. سىزگە ئوخشاش كۈندە نەچچە قېتىم قايتا-قايتىلاپ ئېچىپ كۆرىدىغان ئىشتراكچىلار سەۋەبىدىن مەن ھېلىھەم يازما يېزىپ كېلىۋاتىمەن. ھەرقايسىڭلارنىڭ قىزغىن ئىنكاسلىرى ماڭا چوڭ مەدەت بولىدىكەن. قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت! :)

  12. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن چچ تۇپىغا قاتنىشاي دىگەن چىچى نۇمۇرۇم 550887551

    • توپ نومۇرىنى ، قوشۇلۇش ئۇسۇلىنى شۇ يازمىدا ئېنىق ئېيتقان ئىدۇق. توپقا كىرىش ئىلتىماسى ئىۋەتسىڭىز ئاندىن كىرەلەيسىز. تەكلىپ قىلىپ ئەكىرگىلى بولمايدىكەن

  13. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەىندىم.مەن مەك بوك ئەيئېر ئشلىتىۋاتاتتىم.بۇ كومپىيوتېرنى سىلىق تورغا ئۇلاپ بۇنىڭدىن سىمىز تور تارقىتاي دېگەن سىمىز تورنى ئايرىپورتتىن يېڭى تور قۇرۇش دېگەن يەردىن قۇردۇم ھەم تارقاتتىم ،بۇنى ئايفونۇم نورال قۇبۇل قىلدى،لېكىن تورغا چىقىپ بور بەتلىرىنى ئاچالمىدى،باشقا كومپىيوتېرلارمۇ قىبۇل قىلىپ ئوخشاشلا تورغا چىقالممدى بۇ مەكسەتكە يېتىدىغان ئۈنۈملىك ئۇسۇل بارمۇ؟
    ئاللاھ ئلىمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن.

  14. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    cydiaدىن چۈشۈرگەن appلەرنى PCغا قانداق زاپاسلايمىز؟

    • ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ. IPA فورماتىدىكى ئەپلەرنى iTools ئارقىلىق زاپاسلىۋالغىلى بولاتتى. Cydia دىكىنى بولامدۇ يوق سىناپ باقمىغانكەنمەن. سىز سىناپ كۆرۈڭ بولمىسا.

  15. بۇ تور بەتنى ئايپەتتە زىيارەت قىلغاندا بەت يۈزى قالايمىقان بولۇپ ، تولۇق كۆرۈنمەيدىكەن … بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئامالى يوقمىدۇ؟

  16. ياخشىمۇ سىز پاسبان كۇلۇبى!
    مىنىڭ ئايفونۇم ئككنچى قول ئايفون ئىدى،مەخپى نۇمىرى بائكەن(通用-访问限制密码)،مەخپى نۇمىرىنى بىلمىگەچكە كومپيوتېرمغا باغلىيالمايۋاتىمەن،شۇڭا سېستمىنى قايتا قاچىلاي دىگەنتىم،بۇ ئەھۋالدا قانداق قىلىشىم كىرەك؟
    تۈنۈگۈن ئايتۇنىستىن 修复نى باسسام ،مەخپى نۇمىرى يۇيۇلماي نەشىرى 5.0.1گە كۆتۇرلۈپ كىتىپتۇ.

    • مەخپىي نومۇرىنى بىلمىسەك سېستىمىنى قايتا قاچىلىماي ئامال يوق. سىز سېستىمىنى يېڭىلاپ بوپسىز. ئىش تۈگەپتىغۇ؟

      • سېستىما يېڭلانغان بىلەن، مەخپى نۇمىرى يۇيۇلماپتۇ.

        • يىڭىلىماي قايتا قاچىلىسىڭىز شىفىر يۇقايدۇ.

          • قايتا قاچىلاشنى بلمەيدىكەنمەن شۇ

          • بۇ كومپىيۇتېردا خەنچە يېزىلمايدىكەن. HuiFu نى بېسىپ سېستىمىنى قايتا قاچىلاڭ. ئاندىن قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن بۇرۇنقى زاپاستىن قايتۇرامسەن ياكى يېڭىدىن بىر ئايفون قىلىپ تەڭشەمسەن دەپ سورايدۇ. سىز يېڭى قىلىپ تەڭشەشنى تاللاڭ. ئايفون يىپيېڭى بىر ئايفون بولىدۇ. بۇرۇنقى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆچىدۇ.

  17. سىلەرگە كۆپ رەخمەت . ئوڭشالدى.

    راسلام بەك رەخمەت.

    مۇشۇ تور بەتكە رەخمەت.

    تورداشلارغا رەخمەت

  18. ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم پاسىبان تورىدىكى بارىلىق تورداشلار ۋە باشقۇرغۇچىلار .
    كۆپتىن بېرى سىلەرنىڭ ئۇيغۇر تور تەرەققىياتى ۋە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى بىزگە يېقىندىن تونۇشتۇرۇش ، جاپالىق ئىزدىنىپ يېڭى-يېڭى ھۆنەرلەرنى بىزگە ئۆگىتىشىڭلار بىلەن بىزگە ئاز بولمىغان خوشاللىق ، قىممەتلىك ماتىرىيال ، ياخشى بىر ئۆگىنىش سەھنىسى يارىتىپ بەرگىنىڭلاردىن تولىمۇ مەمنۇنمەن .
    ئىنشائاللاھ ، بۇلار بىردە قارىماققا كىچىك بىر ئىشتەك قىلغىنى بىلەن ،ئەمما ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور بىر ئىش . شۇڭا بارىلىق ئىزدەنگۈچىلەر ۋە ھەۋەسكارلارنىڭ تىنىنىڭ سالامەت ، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمەن .
    بۇ يوللاردا ھارمىغايسىلەر ! ئاللاھ خالىسا سىلەردەك ئىزدەنگۈچىلەرگە چەكسىز خوشاللىق ۋە سالامەتلىك يار بولغاي .
    …..
    ناۋادا گەپلىرىمدە خاتالىق بولسا كەڭ تورداشلارنىڭ پىقىر ‹ئۇيغۇرباي›نى كەچۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . رەھمەت .

  19. دوسلار ماڭا ياردەم قىلساڭلار مەن س4ۈسكۈنەمنى5.1نەشرىگە ۆكترۈپ قويۇپ تۆۋەنلىتەلمىدىم ياكى تۇرمىدىن قاچرۇش ۇسۇلىنى تاپالمىدىم توردا تەمىنلىگەن بويچە نەشرى تۆۋەنلىتىش ۇسۇلى بويچە مەشغۇلات قىلساممۇ كار قىلمىدى ياردەم قىلساڭلار؟؟؟؟؟

    • 5.1 گە يېڭىلاشتىن بۇرۇن ئوبدان ئويلىشىپ ئاندىن يېڭىلاش كېرەك ئىدى. يېڭى سېستىمىنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى ئېلان قىلىنغىنى يوق. ئالمىنىڭ نەرسىلىرىنىڭ يېڭى نەشىردىن كونا نەشىرگە چۈشمەكتىن مۈشكۈل ئىش يوق. سىز ئەڭ ياخشىسى تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلىتىڭ. بۇنىڭدا كۆپ ئاۋارىچىلىقلاردىن خالىي بوپ قالىسىز.

  20.  تىلگىراف كارتىسىنى قوللايدىغان سىلەر توردا ئېيىقاندىكى 1387بولغان بۇخىل ئايفوننى تۇرمىدىن قاچۇرغىلى ۋە نەشرىنى يۇقىرلاتقىلى بولمايدىكەن ئەگەر بىلىپ بىلمەي  نەشرى يۇقىرلاپ كەتسە ھېچقانداق كارتا تونماس بوپ قالدىكەن بۇ قانداق ئەھۋال ؟يەنە سىلەر شۇ خىلدىكى ئايفونلارنىڭ ‏قۇلۇپسىز ياكى قۇلۇپلۇق ئىكەنلىگىنى تەۋسىيە قىپسىلەر قانداق پەرىقلەندۈرمىز؟؟؟ئەگەر قۇلۇپسىزى بولسا نۇرمال تۈرمىدىن قاچرۇپ ۋە نەشرىنى يۇقرى كۆترۈپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟؟؟

  21. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئايفۇندا تېلۋىزور قاناللىرىدا كۆرگەن فىلىمنى ساقلىۋالغىلى بۇلامدۇ ؟رەھمەت

    • بۇ شۇ ئەپنىڭ ئىقتىدارىغا باغلىق ئىش. قايسى ئەپنى ئىشلىتىپ كۆرگەن بولسىڭىز شۇلارنىڭ ياردەم سۇپىسىدىن پايدىلىنىڭ. 迅雷 نىڭ كۆرگۈچىدە بۇ ئىقتىدارى باردەك قىلىۋاتاتتى.

  22. رەھمەت سىلەرگە

  23. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندى. مەن قولىمدىكى 3- ئەۋلاد ئايفونغا cydia دىن Iconrename دېگەن قىستۇرمىنى قاچىلاپ ، ئېكراندىكى ئەپلەرنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچىغا ئۆزگەرتكەن ئىدىم. بىراق، خەتلەر بەكلا كىچىك چىقىپ قالدى. قانداق قىلغاندا ئېكراندىكى ئەپلەر ئىسمىنىڭ رازمېرىنى چوڭراق قىلغىلى بولىدۇ؟
    يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز.

    • سېستىمىنىڭ ئۆزىدە ئەپ ئىسمىنىڭ فونت چوڭ-كىچىكلىكىنى تەڭشەيدىغان جاي يوق. قاچقۇنلارغا ياماق ياماپ يۈرۈپ ئىمكانىيەت ياراتقىلى بولسا كېرەك. لېكىن مەن ئىزدىنىپ باقماپتىمەن.
      لېكىن كالىندار، قىسقا ئۇچۇر، خاتىرە دەپتەر ۋە ئېلخەت قاتارلىق جايلاردىكى مەزمۇنلارنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. ئۇسۇلى 设置-通用-辅助功能-大文本 دىن تاللايسىز.

  24. مەن بىر سىدىئەم ئايغۇن ئالغان .بۇنىڭ سىستمىسى 4.2.8ئىكەن .مەن بۇنىڭغا5.0.1سىستىما قاچىلىغان.لىكىن ئايفوننىڭ سىگىنالى يوقاپ كەتتى.تىلىفۇنغا كا سالمايدىغان نۇمۇرىنى مىڭىسگە يازىدىغان تىلىغۇن ئىكەن .مەن تىلىغۇننى ئالغان يەرگە ئاپارسام مەن ئوڭشالمايمەن دەيدۇ.شۇڭا ئەسلىدىكى سىستىمىسنى ئەسلىگە كەلتۇرەي دىگەن .ماڭا ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن
    اللە رەھمەت قىلسۇن.

    • سىزنىڭكى CMDA نۇسقىسى ئىكەن. ئۇنىڭغا كارتا سالغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭغا چوقۇم نومۇر يېزىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق قىلالايدىغان جايغا بارمىسىڭىز باشقا ياردەم قىلغىلى بولمايدۇ.

  25. مېنڭ ئىشلىتىپ كىلۋاتقان ئامېرىكا id رەم تۇيۇقسىز لا ھەقسىز نەرسىلەرنىمۇ چۈشۈرگىلى بولماس بولۇپ قالدى. بانكا كارتىسى تەلەپ قىلىپ، مەندە ئىناۋەتلىك كارتا بار ئىدى تولدۇرسام ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەندە ئوتمىدى، تولا ئەپىلەشتىم ئامالىنى تاپلالمىدىم. ھازىر يا ھەقسىز يا ھەقلىق ئەپلەرنىمۇ چۈشۈرگىلى بولماس بۇپ كالدى.

    • كارتا تاللايدىغان جاينىڭ ئەڭ ئاخىرىدا چوقۇم none دېگەن تاللاش تۈرى چىقاتتىغۇ؟ شۇنى تاللاپ قويۇپ ھەقسىزلىرىنى چۈشۈرىۋەرسىڭىز بولاتتى.
      مۇنداق قىلىپ سىناپ كۆرۈڭ. كومپىيۇتېردىكى iTunes Store نى ئېچىپ، ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى ھېساۋاتىڭىز ئىسمىغا بېسىڭ. ئاندىن ھېساۋات ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ ئارىسىدىن، پۇل تۆلەش ئۇسۇللىرىڭىزنى تاللاپ ئۆزگەرتىدىغان جايغا كىرىڭ. ئاندىن ئىناۋەتلىك كارتا تاللايدىغان جايدىن None نى تاللاپ مۇقىملاشتۇرۇڭ. ئوڭشىلىشى مۇمكىن.

  26. ‏ياخشىمۇ سىز پاسىبان ئەپەندىم   مىنىڭ  iphone4sتىلفۇنىمگە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ كارتىسىنى سالسام تىلفۇن ئۇرغىلى بولىدۇ  تورغا چىقىلى بولمايدۇ    قانداق قىلسام تورغا چىققىلى بولىدۇ

  27. ‏كەچورۇڭ پاسىبا  ئەپەندىم   ئەسلى  كۆچمە  خەۋەرلىشىش دەيمەن دەپ بىر لەشمە خەۋەرلىشىش دەپتىمەن كۆچمە  خەۋەرلىشىشنىڭ كارتىسى‏ سالسام تىلفۇن ئۇرغىلى بولىدۇ  تورغا  چىققىلى  بولمايدۇ  قانداق  قىلسام تورغا چىققىلى  بولىدۇ

  28. ەسسالام پاسىبان ەپەندىم مەن ايفوندا خەت يازسام مۇشۇنداق ە ياكى ا ھېرىپنىڭ باش ھېرپىنى چىقرالمىدىم قانداق چىقرىمەن؟يەنە بىرسى 5.0.1نى توردىن چۇشرۈپ ايتونىس ىچىگە يامان تەستە ەكىردىم كومپۇيوتېرنىڭ س رايۇن ىچىدىكى ايتونىس ھۆججتى ىچىگە چۈ كەن 5.1ھۆججەت ورنىغا مەن چۈشۈرگەن 5.0.1نى كۆچرۈپ ايفوننى ايتونىسقا ۇلاپ بۇ سېستىمىنى ايفونغا الدۇرالمىدىم،ياكى 5.1نىڭ تۇرمىدىن قاچرۇش ۇسۇلى چىقمىدى ياردەم قىلساڭلار؟يەنە بىرگە ايفونغا قاچلاپ ۈگىندىغان خەنزۇچە ۈگنىش سۆزلىشىش قوراللىرى بارمىدۇ؟؟؟؟

    • ئەمزە ئ نى كومپىيۇتېرغا ئوخشاش / كونۇپكىسىدىن چىقىرىمىز. ئۇ ئايفوننىڭ سان ۋە تىنىش بەلگىلىرى بار جايدا بار. سول تەرەپ ئاستىدىكى 123 نى بېسىپ 2 كونۇپكىسىنىڭ ئاستىغا قاراڭ.
      5.1 سېستىمىسىنى قاچىلىسىڭىز، بولاقنى چۈشۈرۈپ قويۇپ، iTunes تا سېستىما يېڭىلايدىغان جايدىكى 更新 نى Shift كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ باسىسىز. ئاندىن چۈشۈرۈپ قويغان سېستىما بولىقىنى كۆرسىتىپ بېرىسىز.

  29. ‏ياخشىمۇ سىز پاسىبان .مەن iphone4تىلفۇننى 1. 5 كۆتتۇرەي  دىسەم 9006 خاتالىق ئۇچۇرى  چىقىۋىلىپ كۆتەرگىلى بولمىدى  ئامالىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز

    • 5.1 سېستىما بولىقىنى چۈشۈرىۋاتقۇچە چىققان بولسا تورنىڭ مۇقىمسىزلىقىدىن چىققان خاتالىق. سىز كۇلۇبنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى iOS 5.1 سېستىما بولىقىنى بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسىدىن ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان بولاقنى تېپىپ ئۆزىڭىز چۈشۈرۈڭ. سېستىما يېڭىلىماقچى بولسىڭىز چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن iTunes تىكى سېستىما يېڭىلايدىغان جايدىن 更新 نى بىۋاستە باسماي Shift بىلەن باسسىڭىز ئۆزىڭىز چۈشۈرۈپ قويغان بولاقنى كۆرسىتىپ بېرەلەيسىز. شۇنداق قىلىپ يېڭىلاڭ.

  30. ئەسسالامۇئەلەيكۇم پاسىبان:
    بۈگۈن بىر دانە iphone 4sسېتىۋالغان ئىدىم(ئەلۋەتتە بۇنى پاسىبان تورىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ رولىدىن ئايرىپ قارىمايمەن، سىز مۇشۇ جايدا مېنى قىزىقتۇرمىغان بولسىڭىز 5880دانە ئاقچام يانچۇقتا قالاتتى، ھاھاھا)، i tunesنى سىز چۈشەندۈرگەن ئۇسۇل بويىچە قاچىلاپ، تىزىملىتىپ، يۇمشاق دېتال قاچىلاشقا باشلىدىم. تېخى تۈرمىدىن قاچۇرمىغان. چۈنكى قايسى بىر ماقالىڭىزدە شۇنداقراق قىلىشنى تەۋسىيە قپتىكەنسىز. ئۆزۈم بىلىدىغان، باشقىلارنىڭ i phoneدا ئويناپ باققان يۇمتال، ئويۇن دېگەندەكلەرنى چۈشۈرۋاتاتتىم، راس دېگەندەك بۇ ئاداشنىڭ چۈشۈرۈش سۈرئىتى بەكلا ئاستا ئېكەن، يەنە مۇشۇ پاسىباندىن جاۋاپ ئىزدەي دەپ قارىسام، راس دېگەندەك مۇشۇ توغىرىسىدا خىلى تەپسىلىي توختىلىپ بىر يازما تەييارلاپتىكەنسىز. دېگەن مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى تۈگىتىپ، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىپ، i tunesقا كىرسەم باشلاپ خىلى بىر يەرلەرگە بېرىپ بولغان يۇمتاللارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاخىرىسغا err=3259دەپ ئەسكەرتىش چىقىپ چۈشۈرمەي قويدى. ئاخىرىسىنى خەنچە تورلاردىن ئىزدىسەم، hostsھۆججىتىنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرۋىتىپ ساقلاپ چېكىنىشنى دەپتۇ، شۇ بويىچە مەشغۇلاتنى تۈگېتىپ قايتا سېنىسام يەنە نورمال چۈشىۋاتىدۇ.
    شۇ سەۋەب، مەزكۇر ئېنكاسنى يېزىۋاتىمەن. مەشغۇلاتىمدىكى خاتالىقمىدۇ ياكى…
    ئەگەردە، مۇشۇنداق ئىشقا سىزمۇ ئۇچرىغان بولسىڭىز، جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن، مەخسەت بىر، كۆپچىلىك i phoneدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلانسۇن، ئاخىردا پاسىبان تور بېتىنىڭ دوستلىرى كۆپەيسۇن. تامام.

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
      iTunes تىن چۈشۈرگەن نەرسىلەرنىڭ يېرىم يولدا توختاپ قېلىپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش error پالانى پوكونى دەپ خاتالىق چىقىۋېلىپ داۋامىنى چۈشۈرەلمەيدىغان ئىشلار بوپ تۇرىدۇ. سىز چۈشۈرىۋاتقان، يېرىم يولدا توختاپ قېلىپ خاتالىق چىقىۋالغان شۇ نەرسىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرىۋېتىپ، Store تىزىملىكىدىن 检车可用下载项目 دېگەننى باسسىڭىز سىز سېتىۋېلىپ چۈشۈرۈپ بولالمىغان ئەپلەرنى ئالما مۇلازىمېتىرىدىن قايتىدىن ئىزدەپ چىقىدۇ. ئاندىن چۈشۈرىۋالسىڭىز بولىدۇ.

  31. رەھمەت پاسىبان سىزنى كۆپ ئاۋار قىلدىم سىلەرگە ئاللا كۈچ قۇۋەت بەرسۇن

  32. ئەسالامۇ ئەلەيكۈم

  33. ‏رەخمەت  سىزگە  پاسىبان  ئەپەندىم  سىز دىگەن ئۇسۇل بىلەن  سىستىمىنى  يىڭىلى  ۋالدىم

  34. قارلۇقنىڭ ئۇيغۇر iPhone ئابونچىلىرى ئۈچۈن قىلغان سوۋغىسى!
    قارلۇق شىركىتى ئۇيغۇر iPhone ئابونچىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ‹خاتىرەم›نى ھەقسىز تارقاتى .iTunes Store غا كىرىپ ئىزدەش كۆزنىكىدىن ‹Xatirem› ياكى‹Uighur› دەپ باسسىڭىزلا، ‹خاتىرەم›نى ھەقسىز چۈشۈرۋالالايسىز. ناھايتى قولايلىقكەن. تۈرمىدىن قاچچۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق . ئادەتتىكى ئەپلەرنى چۈشۈرگەندەكلا ئادىي.iPhone4S،iPhone4،iPhone3GiPhone3GS قاتارلىقلارنڭ ھەممىسىگە قاچىلىغىلى بولىدۇ.
    ******************* ******************* *******************

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
    خاتىرەم بىرلا مەقسەت يەنى – ئايپەدتە ئۇيغۇرچە خاتىرە يېزىپ ئۇنى مەلۇم سۇپىلارغا يوللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن. خاتىرەم ئارقىلىق گۈدۈك، ئىلخەت، ئايمەسىجلەرگە ئۇچۇر يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. كونۇپكا تاختىسىنى بىز ئەسلىدىكى “كىلاسسىك ئۆلچەم” بويىچە ئورۇنلاشتۇردۇق. ئەلۋەتتە، سىز بۇ خىل كونۇپكا لايىھىسىغا بۇرۇنلا ئادەتلىنىپ بولغان.

    ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى:
    ☜ ئۇيغۇرچە ئۆلچەملىك كونۇپكا تاختىسى بىرىكتۈرۈلدى.
    ☜ يازمىنى گۈدۈك، ئايمەسىج ۋە ئىلخەتكە يوللىيالايسىز
    ☜ ئېكران يورۇقلۇقىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ
    ☜ پۈتۈن ئېكراننى تازلاش ئىقتىدارى بار

    ياقتۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

    قارلۇق مېدىيا پەن-تېخنىكا شىركىتى

  35. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

    پاسىبان ئەپەندىم ، iphone 4 سېستىمىسى 4.3.3 ، تۇرمىدىن قاچۇرۇلغان . تۆەندىكىدەك بىر قانچە مەسىلىگە يولۇقتۇم .

    1. safari تورغا ئۇلانمىدى. ( safari could not open the page because the sever stopped responding ) مۇشۇنداق ئەسكەرتىش ئۇچۇرى بار .
    2.skype تورغا ئۇلانمىدى
    3.cydia . ئەپ چۈشۈرگەندە host unreachable ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقتى . cydia نىڭ مەنبەسى قانداق يېڭلىنىدۇ .
    4. itunes غا ئۇلانغاندا ، iphone تونۇمىدى .
    5 . تۇرمىدىن قاچۇرۇلغاندىن كىيىن ئەسلىگە قاندق قايتۇرۇش كېرەك .

    سىزلەرنىڭ خالىس ياردىمىڭىزلەر ئۈچۈن كۆپ رەھمەت .

  36. پاسىبان ئەپەندىم ئالدىراشمۇ ؟

    نەشىرى mc603 – B ، ئەنگىلىيە نۇسخىسى ئىدى . توردىن mc603 – B نى قارىسام قۇلۇپسىز نەشىرى دىيىلىپتۇ . تۈرمىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە بىۋاستە ئايتۇنىستىن ئەسلىگە قايتۇرۇشتا مەسىلە كۆرۈلمەسمۇ ؟

  37. ئە سسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ياخشىمسىز؟
    ‏مەن ئايپاد2    64 جىلىقتىن بىرنى 4800 گە سېتۋالغان ئىدىم بۇ ئۈسكۈنە مۇشۇ يىل 1.ئايدا جىخو بولۇپ ئىشلىتىلگەن ئىكەن 3ج كارتىسى سالغىلى بولدىكەن ۋە سىمسىز تورمۇ بار ئىكەن تەيۋەن نۇسخسى ئكەن شۇڭا سىزدىن سورغۇم كەپ قالدى قىممەت بوپ قالدىمكىن دەيمەن توردىن كۆرسەم توردىكى باھا ھەرخىل بولغاچ تازا بىلەلمىدىم،يەنە بىر ئىش بۇ ئۈسكىنىگە كۆچمە كارتىسى سالسام تورغا چىقمىدى تور يوق تەڭشەكنى لايەلەڭ دەپ خەت چىقۋالدى،بىرلەشمە كارتىسىدا نۇرمال چىقتى بۇ قانداق ئىشتۇ؟راس بۇ ئۈسكۈندە 5.1 سېستىمىسى بار ئكەن تۇرمىدىن قاچۇرۇش ئىمكانىيتى ھازىرچە بارمۇ ساقلامدىم؟ياردەم قىلسىڭىز

    • باھاسى نورمال. كۆچمە خەۋەرلىشىش كارتىسى 3G ئەمەس، شۇڭا تورغا چىقالمايدۇ. ئۇ iPad نىڭ قوللايدىغىنى پەقەت بىرلەشمە خەۋەرلىشىش كارتىسىنىڭ 3G تورىنى قوللايدۇ. شۇڭا پەقەت شۇ كارتىنى سېلىپ تورغا چىقالايسىز.

  38. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندى. مەن بىر چالا ساۋات ئادەم بولىشىمغا قارىماي مۇشۇ يۇقۇرى تەخنىكىلىق مەھسۇلاتلارغا ناھايىتى ھەۋەس قىلاتتىم. ئىككى يىل ئىلگىرى 2- ئەۋلات ئالمىدىن بىرنى ئېلىپ ئىشلىتەلمەي بىر يېرىم ئاي ئېيتىشىپ يۈرۈپ سېتىپ قۇتۇلغان ئىدىم. بۇ قېتىم توردا ئالمىنىڭ داۋرىڭى بولاۋىرىپ 4س تىن بىرنى ئالغانتىم. لىكىن كۆڭلۈمدە ئىشلىتەلمەيدىغاندەكلا تۇراتتىم. تورنى مالتىلاپ يۈرۈپ سىزنىڭ بۇ كۇلۇبىڭىزنى ئۇچرىتىپ قالدىم. قارىسام مەن ئۈچۈنلا قۇرغاندەك. شۇنداق خوش بولدۇم. نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگۈنىۋالدىم. بۇ تېلىفۇننى ئىشلىتەلىشىمگە كۆزۈم يىتىپ قالدى. رەھمەت سىزگە ئاللاھ ئاجرىڭىزنى بەرسۇن. رەھمەت!

  39. 5.1نىڭ تۇرمىدىن قاچرۇش ئەھۋالى قانداق بولۋاتىدۇ؟

  40. جاۋاب

    ئز says:
    2012-يىل 6-ئاپرېل 11:37 دە
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

    پاسىبان ئەپەندىم ، iphone 4 سېستىمىسى 4.3.3 ، تۇرمىدىن قاچۇرۇلغان . تۆەندىكىدەك بىر قانچە مەسىلىگە يولۇقتۇم .

    1. safari تورغا ئۇلانمىدى. ( safari could not open the page because the sever stopped responding ) مۇشۇنداق ئەسكەرتىش ئۇچۇرى بار .
    2.skype تورغا ئۇلانمىدى
    3.cydia . ئەپ چۈشۈرگەندە host unreachable ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقتى . cydia نىڭ مەنبەسى قانداق يېڭلىنىدۇ .
    4. itunes غا ئۇلانغاندا ، iphone تونۇمىدى .
    5 . تۇرمىدىن قاچۇرۇلغاندىن كىيىن ئەسلىگە قاندق قايتۇرۇش كېرەك .

    سىزلەرنىڭ خالىس ياردىمىڭىزلەر ئۈچۈن كۆپ رەھمەت .

    جاۋاب

    ئز says:
    2012-يىل 7-ئاپرېل 15:57 دە
    پاسىبان ئەپەندىم ئالدىراشمۇ ؟

    نەشىرى mc603 – B ، ئەنگىلىيە نۇسخىسى ئىدى . توردىن mc603 – B نى قارىسام قۇلۇپسىز نەشىرى دىيىلىپتۇ . تۈرمىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە بىۋاستە ئايتۇنىستىن ئەسلىگە قايتۇرۇشتا مەسىلە كۆرۈلمەسمۇ ؟

    • تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلىتىڭ. ئەگەر قۇلۇپى بار تېلىفون بولسا ئۇ چاغدا تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلەتمەي بولمايدۇ. قاچۇرسىڭىزمۇ پەلىپەتىش نەرسىلەرنى قاچىلاپ يۈرمەي كېرەكلىك ياماقلارنى قاچىلاپلا ئىشلىتىڭ. تولا باش ئاغرىقىدىن خالىي بولىسىز.
      ئۇ نۇسقىنىڭ قۇلۇپى بارمۇ يوق بىلمەيدىكەنمەن. قۇلۇپى بوپقالسا يېڭىلايمەن دەپلا يېڭىلىغىلى بولمايدۇ. قۇلۇپى بارنىڭ مۇشۇنداق ئاۋارىگەرچىلىكى بولىدۇ.
      iTunes تونىمىغان بولسا 91 نى ئىشلەتكەن بولىشىڭىز مۇمكىن. شۇنىڭ چاتىغى. خەزىنە دېگەن جايدا بۇنىڭ ئامالى بار.
      تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان تېلىفونغا قايتا سېستىما يازسا قايتىدىن تۈرمىگە كىرىدۇ.
      ھەئە، مەن سەل ئالدىراش.

  41. پاسىبان ئەپەندىم يۇقىرىدىكى سۇئاللار ئىنكاسسىز قاپتۇ .

    بۇ مەسىلىلەرنىغۇ ھەل قىلدىم . ئېنگىلىيەنىڭ قۇلۇپسىز نەشىرى ئىكەن .

  42. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندىم مەندە بىر ئايپەت2  بار ئىدى  ئۇيغۇرچە تورلادا فىلىم كورگىلى بولمايدىكەن  مەن app storeدا  windows8 سىستىمىسىنى كورگەن ئىدىم  163¥ ئىكەن بۇنى چۇشۇرسەم  كورگىلى  بولارمۇ  توردىن ئىنىقلاپ باققان بولسىلىرى

    • App Store دا Windows نىڭ بولىشى بۇ يېڭىلىقكەن. بۇ ئومومەن مۇمكىن ئەمەس بىر ئىش. سىز خاتا كۆرۈپ قالغان ئوخشايسىز. App Store دا ئۇنداق نەرسە بولمايدۇ.
      تور بەت يۈزىدە فىلىم كۆرۈش دېگەن بۇ گەپكە كەلسەك، سىز كۆرىدىغان تور بەتتە فىلىمنى HTML5 فورماتىغا ئايلاندۇرۇپ بېرەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن iPad تە ئۇنداق فىلىملەر كۆرۈنمەيدۇ. iPad نورمال تور يۈزىدىكى فىلىمنى قوللىمايدۇ. فىلىم چوقۇم HTML5 فورماتىدا بولىشى كېرەك.

  43. ‏‏ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندىم  مىنىڭ  بىر مەسلەھەتىم   بار ئىدى مەن ئالما كومپىيوتىر ئىلىشنى  ئويلىشىۋاتكان MacBook airياخشىمىدۇ  macbook pro ياخشىمىدۇ  نەنىڭكىنى ئالساك ياخشىدۇ  ياكى چەتئەلنڭ  ياخشىمىدۇ  نەدىن ئالساق ياخشىدۇ   ئالما مەخسۇلاتلىرىنىڭ تۇرى بەك جىق ئىكەن 

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئىقتىدار جەھەتتىن MacBook Pro ياخشى. كۆركەملىك، ئىخچاملىقنى ئويلاشسىڭىز MacBook Air ياخشى. شىياڭگاڭنىڭكىنى ئالسىڭىز ئەرزانراق توختايدۇ.

  44. مەندە iphone4. 5.1.1  بار ئىدى  itunesقا چاتسام  5.1.1    9b208غا كوتۇرلۇپ كىتىپتۇ چوڭ  چاتاق چىقماس ئەنسىرىپ قالدىم  ياكى بىرەر نەشىر چۇشۇرۇش ئامالى بارمىدۇ   

  45. مىنىڭ iphone4 ئىدى  نەشىرى 5.1.1  9B208غا كوتۇرلۇپ  كەتكەن  itunesغا  5.0 ياكى 5.0.1             9B206)5.1.1). يازسام  نەشىرى  چۇشۇرلەمۇ  

    • SHSH نى زاپاسلىۋالغان بولسىڭىز چۈشۈرەلىشىڭىز مۇمكىن. مۇنبەردە Teddy دەيدىغان بىر باشقۇرغۇچى بار. شۇنىڭدىن يازما يېزىپ ياردەم سوراڭ.

  46. os x 10.7.3نى  10.8گە  قانداق كۇتۇرمىز

  47. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مەن بىر تاق رېفلىكىسلىق ئاپاراتتىن ئالايمىكىن دېگەن لېكىن قولۇمدا پۇل سەل ئاز . 3000سوملارغا يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگ ماس كېلىدىغان ئاپارات ئالغىلى بولامۇ ؟ بولسا تەۋسىيە قىلامدىكىن دىگەن ئۈمۈدتە مەن . رەھمەت

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. Canon نىڭ 1100D گە 18-55 لىق لېنزا قوشۇپ ئالسىڭىز 3500 ئەتراپىدا ئالالىشىڭىز مۇمكىن.
      Nikon نىڭ D3100 غا 18-55 لىك لېنزا قوشقان ئاپاراتنىمۇ مۇشۇ باھادا ئالالايسىز. بۇ ئەڭ ئەرزان يەككە رېفلىكىسلىق ئاپارات بولىدۇ. يۇقارقى ئىككىسىدىن Nikon نىڭ سەپلىمىسى بىر ئاز يۇقىرى.

  48. پاسىبان ئەپەندىم iphoneدا  نەشىر چۇشۇرگەندە GMS CMDA دەپ ئككىگە ئايرىدىكەن چۇشەندۇرۇپ قپيغان بولسىڭىز

  49. ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئۇستازلار ماڭاapple istoreئەزا بولغندا تولدۇردىغان جەدۋەللەرنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولساڭلار (ئىلخەت)ۋە مەخپى نۇمۇرلارنى تولدۇرىدىغان باسقۇچتىن ئۈتەلەيمەن ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

  50. ئەسسالام ئەلەيكۇم مەنمۇبىرتوربىكەت ھەۋەسكارى ئدىم ۋوردبىرىس نى ياختۇرۇپ قېلىپ سىباپ ئۆگۈنۈپ ۋاتاتتىم سىزنىڭ يانفۇن نۇسقىڭىزدەك نۇسقىنى تاپقان ئدىم ئەپسۇسلىنارلىقى دىگەندەك نورمال بولمىدى مىنىڭمۇ سىزنىڭ كىدەك يانفۇن نۇسقىسىنى ئشلىتىش ئۇيۇم بار ئدى ئېغىر كۆرمەي تەڭشەشكە ياردەم قىلارسىزمۇ مۇمكىن بولسا ئالاقىلاشساق بوپتىكەن چ چ:272723523
    ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟

© 2014 پاسىبان بلوگى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش