ھەر يىلى يۈكسەل بلوگى ئاساسلىق تەشكىللەپ كېلىۋاتقان «يىللىق 10 چوڭ بلوگ» پائالىيىتى بۇ يىل سەل كېچىكىپرەك باشلاندى. پەقەت 20 كۈنگىمۇ يەتمىگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، پائالىيەتنى تەشۋىق قىلىش، نامزات كۆرسىتىش، تاللاش قاتارلىق باسقۇچلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىش كېرەك ئىدى.

يۈكسەل بلوگى 2008-يىلىدىن باشلاپ «ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق  10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى» نى تەشكىللەپ، ئۇيۇشتۇرۇپ كېلۋاتىدۇ. يىراق بولمىغان ئۆتمۈشتە، مەزكۇر پائالىيەت ئۇدا 2 نۆۋەت ناھايىتى ئۇتۇقلۇق تەشكىللەنگەن ھەمدە «ئۇيغۇرلاردىكى 2008-يىللىق 10 چوڭ بلوگ» ۋە  «ئۇيغۇرلاردىكى 2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ» باھالاپ چىقىلغان ئىدى.  شۇ تاپتا، ئۇشبۇ پائالىيەت يەنە يۈكسەل  بلوگىدا ئۆزىنىڭ 3 – نۆۋىتىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ.

گەپنىڭ نان تېگىدىغان يېرىنى ئېيتساق، پائالىيەت يۈكسەل بلوگىدا باشلىنىپ شۇ يەردە ئاخىرلىنىش قارار قىلىنغان بولۇپ، نامزات كۆرسىتىشمۇ يۈكسەل بلوگىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بىلەت تاشلاپ قارار قىلىشمۇ شۇنداق ئىكەن.

تۆۋەندىكىلىرى «يۈكسەل بلوگى» دىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار:

2011-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى

1. مەزكۇر پائالىيەت يۈكسەل بلوگى تەرىپىدىن تەشكىللەپ ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ.
2. مەزكۇر پائالىيەتنى ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئالاھىدە قوللايدۇ.

3. بلوگگېرلار ياكى تورداشلار  يۈكسەل بلوگىدا ئۆز بلوگىنى ياكى ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان بلوگلارنى مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىش نامزاتلىقىغا كۆرسىتىدۇ.
4. تورداشلار ئارىسىدىن مۇئەييەن نوپۇزغا ئىگە، ئۆزى لىللا مەيداندا تۇرۇپ ئىش قىلىدىغان تورداشلاردىن 10 نەپەر تاللىنىپ، «2011-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ھەيئىتى» تەشكىللىنىپ، تورداشلار كۆرسەتكەن نامزات بلوگلار ئىچىدىن ئالدىنقى قاتاردىكى 20 بلوگ تاللىنىپ چىقىلىدۇ ۋە پائالىيەتنىڭ باش-ئاخىرى نازارەت قىلىنىدۇ.
5. باھالاش ھەيئىتى ئۇنىۋېرسال باھالاش ئارقىلىق تاللاپ چىققان 20 بلوگ ئۇيغۇر تورچىلىقىدا بەلگىلىك نوپۇزغا ئىگە بىرقانچە مۇنبەردە بىراقلا تورداشلار ئاۋازىغا قويۇلىدۇ.
6. يۇقىرىقى مۇنبەرلەردىكى تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاپ تاللىشى ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ئېرىشكەن ئاۋازىغا قاراپ 10 چوڭ بلوگ تاللىۋېلىنىدۇ.
7. يېڭى يىلنىڭ 1-كۈنى ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگ رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.
8. ئەلداۋا ساغلاملىق تورى نەتىجە ئېلان قىلىنىپ 3 كۈن ئىچىدە تاللاپ چىقىلغان 10 چوڭ بلوگقا مۇكاپات سوممىسىنى تارقىتىپ بېرىدۇ.
مۇكاپات سوممىسى:
مەزكۇر پائالىيەتتە بىرىنچى بولغان بلوگقا 500 يۈەن نەق پۇل، ئىككىنچى بولغان بلوگقا 300 يۈەن نەق پۇل، ئۈچىنچى بولغان بلوگقا 200 يۈەن نەق پۇل بېرىلىدۇ؛  قالغان 7 بلوگنىڭ ھەربىرىگە 100 يۈەندىن نەق پۇل مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىلىدۇ.

 

گەپكە كەلسەك…

بلوگ ئۆتكەن يىل 12-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇرۇلۇپ بۈگۈن ساق 1 يىل بولىشىغا يەنە 2 كۈن قاپتۇ. مۇشۇ 1 يىل جەريانىدا پېقىر مەزمۇننىڭ كۆچۈرۈلمە بولماسلىقىغا، ئىجادىي بولمىسىمۇ نەپ تېگىش تەگمەسلىكىگە ئالاھىدە نەزەر سالغان ئاساستا ئىزچىل بلوگ يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم. يازمىنىڭ ھەر بىر سۆز-جۈملىلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، پۈچەك سۆز-جۈملىلەرنىڭ بولۇپ قالماسلىقىغا، زېرىكتۈرىدىغان سۆزلەرنىڭ كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكىگە ئەھمىيەت بەردىم. مۇشۇنىڭدەك بەلگىلىك ئەجىر سىڭدۈرۈش تەسىرىدە، ھازىرقىدەك كۈندىلىك مۇقىم چېكىلىش قېتىم سانى 3,000 دىن ئارتۇق، 400 ئەتراپىدىكى مۇقىم، ئاكتىپ زىيارەتچىلەر قوشۇنىغا ئېگە بولدى. يېزىلغان ھەر بىر ئىنكاسلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، بىلسەم بىلگىنىمچە، بىلمىسەم توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ بولسىمۇ جاۋاب بەردىم. كاپالەت بېرەلەيمەنكى، ھەر بىر سورالغان سۇئاللار جاۋابسىز قالمىدى. ھەر بىر زىيارەتچىنى ئېيتىۋاتقان سۆزۈمنى قايسى خىل ئۇسۇلدا چۈشەندۈرسەم ئېنىقراق بىلىۋالاركىن دەپ ئېلاجىمنىڭ بېرىشىچە تەپسىلىي، ئوچۇق جاۋاب بېرىشكە تېرىشتىم. بۇنى، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان كۇلۇبنى زىيارەت قىلىۋاتقان بۇرادەرلەر چوقۇم ھېس قىلىپ يەتكەن بولسا كېرەك.

بىر مىسال ئالسام، بلوگ قۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە تور بەت ساھەسىدىن پەقەتلا خەۋىرىم بولمىغانلىقتىن، بەزى مەسىلىلەرنى ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن سوراشقا توغرا كەلدى. نەچچە سۇئالنى سورىسام جاۋاب بەرسىمۇ بىرەر تالغا شۇنداقلا جاۋاب بېرىپ يوقاپ كەتتى. يەنە قايتىلاپ سوراشتىن ئۆزۈم خىجىل بولدۇم. چۈنكى ئۇنىڭ ماڭا بۇنچە تەپسىلىي جاۋاب بېرىپ مېنىڭ ئىشىمنى قىلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى يوق، مېنىڭمۇ ئۇنىڭدىن رەنجىشىمنىڭ ئورنى يوق. لېكىن بۇنداق قىلغىنى ئۆزۈمگە ئازراق ئېغىر كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم ماتىرىيال ئاختۇرۇپ يۈرۈپ، ئىزدىنىپ يۈرۈپ ماۋۇ ئۇسلۇبنى ئۆزۈم ئۆزلەشتۈردۈم، بەتنى مۇشۇ ھالەتتە ھەرقايسى تور كۆرگۈلەردە نورمال كۆرۈنگىدەك بىر شەكىلگە ئەكەلدىم. يەنى، شۇ قېتىملىق ئىشنىڭ تەسىرىدە مەندىن سۇئال سورىغۇچىلارنى ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ ۋاقىتتىكى ئورنىغا قويۇپ تۇرۇپ، شۇ كىشىگە مەن چوقۇم چۈشىنىشلىك، رازى بولغۇدەك بىر جاۋاب بېرىشىمنى مەجبۇرىيەت دەپ قاراپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلدىم. ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشۇم، تىجارىتىم بولغانلىقتىن ئارىلىقتا نەچچە كۈنلەپ بلوگ تاشلىنىپ قالغىنىمۇ راست. ئۇ چاغلاردا سۇئاللار بەلكى بىر ئىككى كۈن جاۋابسىز قالغان بولىشىمۇ مۇمكىن. لېكىن، مۇشۇلارنى چىقىرىۋەتكەندە، ھەر بىر زىيارەتچىلىرىمگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ كەلگىنىم ئۈچۈن كېسىپ ئېيتالايمەنكى، مەن ئۆزۈمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا زىيارەتچىلىرىمگە يۈز كېلەلىگۈدەك بەت مەسئۇلى بولالىدىم، دەپ قارايمەن. گەرچە مەن ئۆزۈم شۇنداق قارىساممۇ، زادى شۇنداقمۇ ئەمەس، بۇنىسى سىلەرگە بېرەلىگەن تەسىرىمنىڭ قانچىلەكلىكىدە. ئەڭ مۇھىمى بۇ، ئەلۋەتتە.

بىر يىلدىن بۇيان چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئەسلىگىنىمىزدە مۇشۇ يازمىنى ئوقۇۋاتقان سىز، بەلكى ھاۋا ئىللىق بىر كۈنلەردە، ياكى خۇشخۇي، سىم-سىم يامغۇرلۇق بىر كۈنلەردە، ياكى بولمىسا كەيپىياتىڭىز ئوچۇق، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بىر كۈنلەردە كۇلۇبقا كىرىپ سىزگە پايدا بېرەلەيدىغان بىرەر تېمىنى كۆرۈپ، «پاسىبان كۇلۇبى» دەپ ئاتىلىدىغان شۇنداق بىر تور بەتنىڭ بولغىنىدىنمۇ خۇشال بولغان، مەمنۇن بولغانمىدىڭىز؟ كۇلۇبىمىز گەرچە سىزنىڭ قولىڭىزغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىرەر مەنپەئەت كۆرسىتىپ، بىر چاپىنىڭىزنى ئىككى قىلىپ بېرەلمىگەن بولسىمۇ، مۇشۇ بلوگنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق سىزنىڭ بەزى ئىشلىرىڭىز ئاسانلاشقان، قولىڭىزدىكى ئايفونىڭىزنىڭ قىممەتلىك بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى بايقىشىڭىزغا ياردەم بېرەلىگەن، شۇ ئارقىلىق سىزگە ئازغىنە مەنىۋى ئوزۇق بېرەلىگەندىمىزمۇ؟

ئەگەر سىز مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، بلوگىمىزدىن مەنپەئەت كۆرگەن بولسىڭىز، سىزنىڭ بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن «2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى» گە «پاسىبان كۇلۇبى» مىزنى نامزات قىلىپ كۆرسىتىشىڭىزنى، بىلەت تاشلاش پائالىيىتى باشلانغاندا بىزگە بىلەت تاشلىشىڭىزنى سورايمەن.

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:

2011–يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ئۆلچىمى ۋە باشقىلار

‹‹ئۇيغۇرلاردىكى 2011 –يىللىق 10 چوڭ بلوگ›› قا نامزات كۆرسىتىڭ!

PS: بۇ پائالىيەتتە مۇكاپات ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا ئەمەلىيرەك بولدى. ئىلگىرى قۇرۇق ناملا بولسا ئەمدىلىكتە نەخ پۇل شەكلىدە بولدى. گەرچە مۇكاپات سوممىسى بەك چوڭ بولمىسىمۇ، بۇ بىزدەك تور بەت ئېگىلىرىگە چوڭ ئىلھام بولىدىكەن. ئەگەر بىز 10 چوڭ بلوگنىڭ ئالدىنقى بەشىگە كىرەلىسەك، مۇنبەرنى تېخىمۇ چوڭايتىپ، ياخشىراق مۇلازىمېتىرغا ئالماشتۇرۇش ھاجىتى تۇغۇلسا ئالماشتۇرۇپ، مۇنبەردىكى ھەر بىر ئەزاغا ئايرىم بىر بوشلۇق بېرىش، تېمىلارغا قىستۇرىدىغان رەسىمنى بىۋاستە مۇنبەر بوشلۇقىغا چىقىرىش دېگەندەك ئىقتىدارلارنى قوشۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز.



无觅相关文章插件,快速提升流量



11 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. پاھ ، ماۋۇ ياخشى ئىش بوپتۇ ، ئەلۋەتتە قوللايمىز . لېكىن ۋاقتى قاچان ، قانداق ئۇسۇلدا بىلەت تاشلايمىز . قايسى تور بەت ئارقىلىق بىلىمىز ؟.

    • ‹‹ئۇيغۇرلاردىكى 2011 –يىللىق 10 چوڭ بلوگ›› قا نامزات كۆرسىتىڭ!
      http://www.yuksel.me/1845.html
      بۇ ئۇلىنىشقا كىرىپ نامزات كۆرسىتىلىدۇ. نامزات ئىچىدىن 20 بلوگنى تاللاپ بىلەت تاشلاش باشلىنىدۇ. بىلەت تاشلاش يۈكسەل بلوگىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىلەت تاشلاش 21-چىسلادىن باشلىنىپ قالامدىكى. يېڭىلىق بولسا مۇنبەردە ۋە مۇشۇ يازمىغا يوللاپ تۇرىمەن.

  2. مەن ئەمەلىيەتتىمۇ بىر قىسىم بىلوگ ھەم مۇنبەرلەر نى ئارىلايمەن ھازىر مەن كۈنىگە نەچچە قىتىم كومپىيۇتىر ئالدىغا كەلسەم نەچچە قىتىم قارايدىغىنىم …. پاسىبان كۇلۇبى.. تورخۇمارلار كۇلۇبى… شاھ ئۇيغۇر بىلوگى…..
    مەن مۇشۇ 3 مۇنبەرگە بىلەت تاشلايمەن… بولوپمۇ ئەمەلىيرەك نەپكە ئىرىشكىنىم پاسىبان كۇلۇبى…

  3. قەدىرلىك پاسىبانداشلار پاسىبان كۇلۇبى ئۈچۈن بىلەت تاشلاشنى خالايدىغانلار ھەركەتنى باشلاڭلار…بىلەت تاشلىغانلارمۇ چوقوم تەلەپ بويچە بىلەت تاشلاپ بىلەتنىڭ ئىناۋەتلىك بولىشىنى قولغا كەلتۈرۈڭلار…

    تۆۋەندە مەن ئۆزۈم تاشلىغان بىلەت ھەم باھانى قالدۇراي خەت يىزىش خوشياقمىسا شۇنى كۆچۈرۈپلا چاپلاڭلار.. مىنىڭ باھايىم ئارتۇق-كەم بولۇپ قالغان بولسا تورداشلار ئۆزۈڭلار تولۇقلاپ يوللاڭلار….

    بىلوگ نامى: پاسىبان كۇلۇبى
    ئادېرسى:
    مەزمۇن دائىرىسى: ئالما تىلفۇن بىلىملىرى، فوتۇگىرافېيە، ماشىنا.
    باھا: رەسمىي ئېچىۋېتىلگىنىگە بىر يىلچە بولغان بولسىمۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئالما تىلفۇن ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن بىر قەدەر ئەتراپلىق،چۈشۈنۈشلۈك،يۇقىرى سەۋىيىلىك تىمىلارنى يوللاپ،ئالما تىلفۇن ھەۋەسكارلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يۈەنلىك تىلفۇنىنى چۈشۈنۈش،ئەپ قاچىلاش،كۆرۈلگەن كاشىلىلارنى ھەل قىلىش جەھەتلەردە ئەمىلى تۆھپە قوشىۋاتىدۇ بولۇپمۇ ئالما تىلفۇنىغا ئەپ قاچىلاش،سىتىۋىلىش جەھەتتە ئالما ھەۋەسكارلىرىغا ساغلام بولغان ئەپلەرنى قاچىلاش ۋە ناتوغرا ئۇسۇلدا ئەپ سىتىۋالماي ھەقلىق ئەپلەرنى قانداق ئۇسۇلدا تىۋىلىش كىرەكلىگىنى ئۈگۈتۈپ ئۇيغۇر ئالما ھەۋەسكارلىرىنى توغرا نىشان توغرا يۆنۈلۈشتە يىتەكلەۋاتىدۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بىلوگنى كەسپى جەھەتتە بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكۈزۈپ ،زور تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ بىلوگ نى تەرەققى قىلدۇرۇپ مۇنبەر نى مۇۋاپىقىيەتلىك ئىچىپ بىلوگ بىلەن مۇنبەرنى بىرلىكتە باشقۇرۇپ تورداشلارنىڭ ئۆزئارا ئۈگۈنۈش بىلىم،ئىلىش ئىلىش،بىلىمنىڭ زاكىتىنى ئايرىش شارائىتى بىلەن تەمىنلىدى،مەن پاسىبان كۇلۇبىنىڭ ئوقۇرمىنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پاسىبان كۇلۇبىنىڭ مەزموننىڭ سەرخىللىغى،يىڭلىنىش سۇرئىتىنىڭ تىزلىكى ئالما ھەۋەسكارلىرىغا ئەمىلى نەپ يەتكۈزىۋاتقانلىغىغا ئاساسەن ،پاسىبان كۇلۇبىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىمەن.
    ئالما تىلفۇن سىتىۋالغان ساۋاتلىق ئادەملەر رىمۇنىتچىغا نەچچە يۈز يۈەن پۇل خەجلىمىسمۇ پاسىبان كۇلۇبىغا كىرسىلا ئۆز تىلفۇنىغا،ئۆزى سىستىما قاچىلاپ كۈرۈلگەن كاشىلىنى ئۆزى ھەل قىلالايدۇ…
    پاسىبان كۇلۇبىنى ياقتۇرغىنىم ئۈچۈن سەل كۆپ يىزىپ سالدىم…

  4. قوللايمىز قوللايمىز. نەپ بېرىۋاتقان، مەزمۇن جەھەتتە تىلى يېقىملىق بىلىنىدۇ مۇشۇ بلوگ. بىلىشىمچە پاسىبان بۇرادەرمۇ كەمتەر، كىچىك پىئىل. ئەلۋەتتە سىزگە بىلەت تاشلايمىز.

  5. ئەلۋەتتە مۇشۇ پاسىباننى مەن بىرىنچى بۇلۇپ قوللايمەن. مەنمۇ باشقىلارغا ياردەم قىلىپ ئالما تېلفۇنلىرىغا ئەپ قاچىلاپ بىرىدىغان كورۇلگەن كاشىلىلارنى ھەل قىلىپ بىرىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن (ھەقسىز :shy: ) ئەمما مۇشۇ پاسىباندەك توردا يوللاپ ھەممە ئادەمننى مەنپەئەتلەندۇرۇدىغان ئىقدتىدارىم يوق. مەنمۇ مەسىلىگە يولۇقسام ئاۋال مۇشۇ يەردىن ئىزدەيمەن ، كوندە بەش قىتىم چوگىلەپ چىقمىسام ھىساپ ئەمەس :razz:

  6. :vict: ياخشى بولدى . ئۇ يەردە يەنە ماڭا لازىم بولغان باشقا ئىسىل بىلوگلارمۇ باركەن . مەسىلەن ئىسلامى فىلىم تەرجىمە قىلىدىغان دىگەندەك . بەك ياخشى بولدى.

  7. ئارتۇق گەپ ئېشەككە يۈك ! بىرلا ئېغىزسۆز (قوللايمىز ) !!!!

  8. گەپ قىلماي دىگەنتىم ، لېكىن ئېغىزىم قىچىشىۋاتىدۇ ! كىسىپ ئېيتالايمەنكى كۇلۇبىمىز زىيارەتچىلىرىدىكى 100%دىسەم پو بوپ قالىدۇ، 80% ئادەم سىزنىڭ ئاشۇ ئىللىق ، ھەر قانداق مەسىلىگە تېرىكمەي ،زىرىكمەي جاۋاپ قايتۇرغىنىڭىز ……قىسقىسنى ئېيتساق سىزنىڭ باشقىلاغا بولغان پوزىتسىيىڭىزنىڭ ياخشىلىقىنى دەپ كىرىدۇ !

  9. ئەمىلىي نەپ تىگىۋاتقان بلوگنى نامزاتلىققا كۆرسەتمەي نەنى كۆرسىتىتۇققى …. :cool:
    پاسىبان كۇلۇبى قۇرۇلغىلى بىر يىلچە بولاي دەپ قاپتۇ ، بۇ بلوگنى دەسلەپ كۆرمىگەن بولسام قاچانغىچە تېلىفۇننىڭ ئۆمۈرىنى بىكار كەتكۈزىۋىتەر بولغۇيتۇمكىن دەيمەن …. قەتئىي قوللايمىز !!! :welcome:

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

© 2014 پاسىبان بلوگى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش