شارقىراتما ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان تەبىئەتتىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنىڭ بىرى. دۇنيادا بەلكى شاقىراتما مەنزىرىسىنى ياقتۇرمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. مۇشۇ ۋاقىتقىچە مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن يۈرەكنى يايراتقۇدەك شارقىراتما كۆرۈپ باقماپتىمەن. تۆۋەندە دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شاقىراتمىلاردىن بىرقانچىسىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. ئاللاھ ئۆز كۆزىمىز بىلەن بېرىپ كۆرۈشكە نىسىپ قىلغۇچە تونۇشقاچ تۇرايلى.

1. ۋېكتورىيە شارقىراتمىسى.

دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شارقىراتمىنىڭ بىرىنجىسى بولغان ۋېكتورىيە شارقىراتمىسى جەنۇبى ئافرىقىدا بولۇپ، بۇ شارقىراتما جەنۇبى ئافرىقىنىڭ ساياھەتچىلىرىنى تۇتۇپ تۇرىۋاتقان بىر گۆھەر ھېساپلىنىدۇ. بۇ جايغا ساياھەتكە كەلگەن كىشىلەر بۇ بۈيۈك شارقىراتمىنى ساياھەت قىلىش بىلەن گۈزەل تەبىئەتنىڭ ھوزۇرۇنى سۈرۈشتىن باشقا يات ئەللەرنىڭ مىللى پۇراقتىكى مەدەنىيىتىدىنمۇ ھوزۇر ئالالايدۇ. بۇ شارقىراتما كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى ۋە گۈزەللىكى بىلەن «دۇنيادىكى 7 چوڭ غارايىبات» تەۋەسىگە كىرگۈزۈلگەن. شارقىراتمىنىڭ ئېگىزلىكى 1،200 مېتىر كېلىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز شارقىراتما.

مەنبە

2. ئىگۇازۇ شارقىراتمىسى.

دۇنيادىكى ئەڭ ھەيۋەت شارقىراتما دەپ نام ئالغان. ئارگىنتىنا ۋە برازىلىيە چىگرىسىغا جايلاشقان. ئاستى ۋە ئۈستى 2 قەۋەت بولۇپ، ئومومى كەڭلىكى 900 مېتىردىن ئاشىدۇ. ئېگىزلىكى 60~82 مېتىر ئارىلىقىدا. چوڭ-كىچىك بولۇپ 275 بۆلەك شارقىراتمىدىن تەشكىل تاپقان. بۇ جايدىن پۈتۈن مەنزىرىسىنى كۆرەلەيسىز.

3. خۇاڭگوشۇ

خۇڭگوشۇ شارقىراتمىسى ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ شارقىراتما. گۈيجۇدىكى بەيخى دەرياسىدا. ئومومى ئېگىزلىكى تەخمىنەن 101 مېتىر، كەڭلىكى 78 مېتىر.


4. نىل دەريا شارقىراتمىسى

كۆك نىل شارقىراتمىسى دەپ ئاتىلىدىغان بۇ شارقىراتما ئېفئوپىيەگە جايلاشقان. Tis Issat دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ دۆلەت ئۈچۈن ئاز بولمىغان ساياھەت كىرىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ.


5. ئەنجىل شارقىراتمىسى

بۇ شارقىراتما ۋېنىسۇئىلاغا جايلاشقان . رەسىمدىن ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى بۇ شارقىراتما ئېگىزلىكى بىلەن مەشھۇر. ئېگىزلىكى تەخمىنەن 978 مېتىر بولغاچقا دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز شارقىراتمىلارنىڭ بىرى. بۇ تاغنى يەرلىك كىشىلەر ئالۋاستى تېغى (Auyantepuy) دەپ ئاتىشىۋالىدۇ.


6. نىئاگارا شارقىراتمىسى.

بۇ شارقىراتمىنىڭ نامىنى بەلكى بۇرۇن ئاڭلاپ باققان بولىشىڭىز مۇمكىن. ئورنى كانادادا. يىللىق ساياھەت مىقدارى 140 مىڭ ئادەم قېتىم. ئات تاقىسى شەكلىدىكى بۇ بۈيۈك شارقىراتمىنىڭ سېھرىي كۈچى زور بولغانلىقتىن يەرلىكنىڭ ساياھەت كىرىمى ناھايىتى يۇقىرى.


7. جوگ شارقىراتمىسى.

شاراۋاتى دەرياسىنىڭ شارقىراتمىسى بولمىش بۇ شارقىراتما ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ شارقىراتما ھېساپلىنىدۇ. ئېگىزلىكى تەخمىنەن 253 مېتىر.


8. گالفۇس شارقىراتمىسى

ئىسلاندىيەگە جايلاشقان بۇ شارقىراتما ئالتۇن شارقىراتما دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يۇقىرى ۋە تۆۋەن 2 قاتلام بولۇپ، ئېگىزلىكى 32 مېتىر. بۇ ياۋرۇپادىكى چوڭ شارقىراتمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، گۈزەللىكىدىن ئىسلاندىيەدىكى ئەڭ ياخشى ساياھەت نوقتىسى ھېساپلىنىدۇ.


9. دەتىفۇس شارقىراتمىسى

بۇ شارقىراتمىنىڭ كەڭلىكى 100 مېتىر، ئېگىزلىكى 44 مېتىر. ھەيۋەتلىكىدىن ناھايىتى يىراقتىنمۇ ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. بۇمۇ ئىسلاندىيەگە جايلاشقان. بۇ شارقىراتمىنىڭ ئېقىن مىقدارى سېكونتىغا 500 كۇب مېتىر.


10. سازىرلەند شارقىراتمىسى.

بۇ شارقىراتما يېڭى زىلاندىيەنىڭ Fiorland دۆلەت باغچىسىدا. نەچچە قەۋەتلەپ چۈشكەن شارقىراتما تولىمۇ ھەيۋەت كۆرىنىدۇ.


11. Kaieteur شارقىراتمىسى.

ئەگەر شارائىت بوپقالسا بىر بارىدىغان شارقىراتما. گىۋىئانادا. قاتناش قولايسىز بولغانلىقتىن كۆپ قىسىم كىشىلەر ساياھەت قىلىشقا تاللىمايدۇ. ئېگىزلىكى 221 مېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 100 مېتىر.


12. Yosemite شارقىراتمىسى.

كالفورنىيە شىتاتىدىكى Yosemite دۆلەت باغچىسىغا جايلاشقان. ئېگىزلىكى جەمئىي 739 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدىغان بولغاچقا دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز شارقىراتما قاتارىدا سانىلىدۇ.


13. كېگون شارقىراتمىسى

بۇ شارقىراتما ياپونىيەدىكى 3 چوڭ شارقىراتمىنىڭ بىرى. ئېگىزلىكى تەخمىنەن 97 مېتىر. شارقىراتمىنىڭ بىر تەرىپىدىن كوبالت تاغ جىنسىنى كۆرەلەيسىز.

مەنبە



无觅相关文章插件,快速提升流量



5 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ھەقىقەتەن گۈزەل ئىكەن.نەنسەن بەيياڭگۇدىكى شاقىراتمىدىن باشقىنى كۆرۈپ باقمىدىم.

  2. 5. ئەنجىل شارقىراتمىسى

    ماۋۇ رەسىمنى قالتىس تارتىپتىكەن ، ماڭا بەك ياراپ قالدى 8-O

  3. . Yosemite شارقىراتمىسىغا باغان،مەن كۆگەن بىردىنبىر شاقىراتمىكەن.نىياگرا شاقىراتمىسىنى كۆرگۈم بار ھەممىدىن. :kungfu:

    • مەن بىرەر شارقىراتمىنىمۇ كۆرۈپ باقماپتىمەن. سىز بىرسىگە بولسىمۇ بېرىپسىز. مېنىڭمۇ ئاللاھ نىسىپ قىلسا نىئاگاراغا شۇنداق بىر بارغۇم بار…

  4. بىر خىل ھەيۋەتلىك رەسىملىرىنى كۆرۈپ بەكلا تەسىر قىلغان،گۈللۈگكە كىرسىڭىز بىر يەردە كۆمۈش يوللىغان بىر تېما باتتى كېچىدە ناياگراغا بېرىش دەپ، رەسىملەرنىمۇ تارتىپ چىقىرىپ قويۇپتىكەن،شۇنى ئوقۇپ بېقىڭە. :kungfu:

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

© 2014 پاسىبان بلوگى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش