مىنىمالىستچىلار – ئاددىيلىقنى تەرغىپ قىلغۇچىلار، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا «ئاددىيزىمچىلار» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىسمىدىنمۇ چىقىپ تۇرۇپتىكى، بۇنداق فوتوگرافلار رەڭ پەرقى ئاز، مەزمۇن ئاددىي بولغان مەنزىرە ياكى شەيئىنى تېما قىلىپ تاللاپ، ئۆزگىچە، راھەت ياكى پاكىز بىر تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ.
فوتوگراف ساھەسىدىمۇ مىنىمالىست فوتوگرافچىلىقى دەپ بىر تۈر، شۇ تۈرنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئىشتىراكچىلىرى ۋە قىزىققۇچىلىرى بار. ئۇلار تىنچ ۋە يېنىك ئېلېمېنتلاردىن پايدىلىنىپ «سەنئەت» ياسايدۇ. بۇنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا قىيىن نوقتىسى بولۇپ، بىر ياكى ئىككى خىل شەيئىنى قويۇش ئارقىلىق بىر قاتار مەزمۇننى ئىپادە قىلىدىغان گەپ.
ئۆتكەندە خاڭجۇ ئايروپورتىغا كېتىۋاتقاندا يولدا بىر ئېلان تاختىسىنى كۆرگەن ئىدىم. ئۇ تاختا ناھايىتىمۇ چوڭ بولۇپ، %95 يېرى بۇلۇتسىز كۆك ئاسمان، پەقەت ئاستى تەرەپ 4/1 قىسمىدا باشتىن بوياق كېسىپ ئۆتۈۋاتقان خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ كىچىك بىر يولوچىلار ئايروپىلانىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئىكەن. بۇ ئېلان ماڭا بەكمۇ ياققان ئىدى. مەنمۇ مىنىمالىست فوتوگرافچىلىقىغا ئامراق بولسام كېرەك.
تۆۋەندە مۇشۇنداق فوتوگرافلار تارتقان ئۆزى ئاددىي، لېكىن سەنئەت پۇرىقى كۈچلۈك رەسىملەردىن بىرقانچىسىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. بىر يەرلەردە كۆمۈلۈپ قالغان يوشۇرۇن كۈچلىرىمىزنى غىدىقلاپ ئويغۇتۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟









































دىۋان! رەسىم كۆرۈنمىدى!
رەسىملەر ئېچىلمىدى
ئەمدى ئوڭشاپ قويدۇم. كۆرۈندىمۇ؟
ھە، ئەمدى نورمال ئېچىلدى… ئۆزگىچىلىكى باركەن… ئاددي، ئەمما كىشگە ئۆزگىچە زوق بېغىشلايدىكەن… بۇنىڭدىن ئىلھام ئىزدىسەك بولغۇدەك…
…
قېنى مەنمۇ يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تال گۈلنى قويۇپ تارتىپ باقايچۇ… يا بولمىسا …. ئىشقىلىپ قىپ باقاي بىرنىمىلەرنى… ھې ھې ھې