ھەر نەرسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا خېرىدارى بار. iPhone نىڭ ئۆزىنى قىممەت دەپ يۈرۈۋاتقىنىمىزدا مىليون دوللارنى پۇل ھېساپلىمايدىغان بايلارغا تېخىمۇ قىممەترەك، ئېغىزغا چىققۇدەك بىرەر باھاغا ئېگە تېلىفون بولمىسىمۇ بولمايدىكەن. ئەنگىلىيەلىك لايىھەلىگۈچى مۇشۇ بايلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت iPhone 4S نى لايىھەلەپ چىقىپتۇ.
Elite Gold دەپ ئىسىم قويۇلغان بۇ iPhone 4S نىڭ سىغىمى 64 گېگابيت، سىرتقى قېپىغا 500 دانە مۇكەممەل دەرىجىدىكى كىچىك ئالماس قويۇلغان. ئارقىسىدىكى ئالمىنىڭ لوگوسىغا 53 دانە ئالماس ئىشلىتىپ پۈتتۈرگەن. رامكىسىغا 24K لىك ئالتۇن ئىشلىتىلگەن. Home كونۇپكىسىغا 2.6 كاراتلىق ئالماس، ئەتراپىغا كىچىك ئالماس چەمبىرەك ئورنىتىلغان ئىكەن. ئەگەر خالىساق بىرتاللا 7.6 كاراتلىق ئالماس ئىشلىتىلسىمۇ بولىدىكەن. نۆۋەتتە بۇ iPhone 4S نىڭ باھاسى 9 مىليون 400 مىڭ دوللار ئىكەن.
قانچىلىك كىشىنىڭ نەچچە مىليون دوللار خەجلەپ بىر تال تېلىفون ئېلىشقا رايى بېرىشى ئېنىق بولمىغىنى بىلەن بۇنىڭغا قىزىقىدىغان كىشىنىڭ سانى يوق بولىشى مۇمكىن. بۇ تېلىفوننى ھازىرچە ئاۋسترالىيەلىك بىر ئايال سېتىۋالغانلىقى مەلۇم ئىكەن.
ئىلگىرى كىشىلەر iPhone 4 نىمۇ مۇشۇنداق ھەشەمەت قىلىپ لايىھەلەپ باققانمۇ ئىكەن. iPhone 4 نىڭ بىر قانچە پارچە رەسىملىرىنى كۆرۈپ باقايلى
كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟









































سەل قىممەتمۇ ؟ فۇتيەندە بۇنىڭدىن چىرايلىق قاپلار بار.
لېكىن ئۇ قاپلار ئالتۇن ئەمەستە!…
ياخشىكەن!