Cut the Rope ناملىق بۇ ئويۇننى iPhone دا ئويۇن ئويناپ تۇرىدىغان iPhone داشلار چوقۇم بىلسە كېرەك. بۇ ئىنتايىن كىلاسسىك بىر ئويۇن. بۇ ئويۇننىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈشكە بىزدە iPhone ياكى iPad بولىشى شەرت ئەمەس. بۇ ئويۇننىڭ تور بەت يۈزىدە ئىجرا بولىدىغان تور نۇسقىسىمۇ ئېلان قىلنىپتۇ.
ئويۇننىڭ بىر-ئىككى پارچە رەسىمىگە نەزەر
ئۇسۇلى مۇنداق:
1. ئاۋال بۇ توربەتنى ئاچىمىز: http://www.cuttherope.ie/
2. ئاندىن 10 سېكونتچە ساقلايمىز (تور سۈرئىتىمىزگە ئاساسەن پەرقلىق)
3. ئويۇننى باشلايمىز.
مانا مۇشۇنداق ئاددىي. تور بەتنىڭ ئاستىغا قارىساق بىزنىڭ كۆزىمىزگە تىقىلىپ سېسىپ كەتكەن e بەلگىسىنى كۆرىمىز. بەلكى بۇ شىركەت بىلەن مىكروسوفتنىڭ بىرەر مۇناسىۋېتى بولىشى مۇمكىن، بىلمىدۇق. يەنە كېلىپ تور نامىنىڭ ئاخىرىمۇ IE . لېكىن بۇ تور يۈزىدىكى ئويۇن پەقەت IE تور كۆرگۈسىدىلا ئەمەس، Chrome, Safari, FireFox قاتارلىق كۆرگۈلەردىمۇ ئىشلەيدىكەن. چۈنكى بۇ توربەتنىڭ كودلىنىشى HTML5 ئىكەن. مۇشۇنى قوللايدىغان ھەرقانداق بىر كۆرگۈچتە نورمال ئىشلەيدىكەن.
كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟









































بەكمۇ ياخشى ئىكەن بىكار ۋاقىتتا ئويناپ قويسام بولغۇدەك !
مەنغۇ .ئوينىيالمىدىم،ئۇيۇن ئېچىلمىدى.