SAMSUNG نىڭ يېڭى مەھسۇلاتىغا قاراڭلار

SAMSUNG شىركىتىنىڭ ئالما بىلەن قېرىشىپ قالغاندەك خەۋەرلەرنى تولا ئاڭلاپ كەتتۇققۇ دەيمەن. SAMSUNG مۇ قېرىشقاننىڭ ئانىسىنى ئال دېگەندەك ھە دېسە مۇشۇنىڭغىلا رىقابەت ئېلان قىلغىلى تۇردى. نەچچە دۆلەتتە پاتېنتىمغا تەسىر يەتكۈزدى دەپ ئەرز قىلىپمۇ يۈردى. يېقىندا ماۋۇ تېلىفوننى «يېڭىدىن» ئېجاد قىلىپ بازارغا ساپتۇدەك…

SAMSUNG نىڭ يېڭى مەھسۇلاتى

SAMSUNG نىڭ Galaxy يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلىرىنى بىلەن Apple iPhone 3GS ۋە iPad نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسىنىڭ ئوخشاشلىقى، ئېلان رەسىملىرىنىڭ ئوخشاشلىقى، ھەتتا SAMSUNG دۇكىنىنىڭ بېزەكلىرىنىڭمۇ ئوخشاشلىقى دېگەندەك «ئوخشاشلىق» لار توغرىسىدا توردا سېلىشتۇرۇشلار كۆپ. تېخى App Store نىڭ تۇغ بەلگىسىگىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان بەلگىنىمۇ تاپالايدىكەنمىز. ئۈستىدىكى رەسىمگە قاراڭ. بۇ يېڭى SAMSUNG تېلىفونىنىڭ ئۆزىدىكى ئۈنئالغۇ ئىكەن. لايىھەسى بەكلا «يېڭىچە» ھە؟

ئارتۇق سۆز ئېشەككە يۈك. مۇنازىرىلەردە «كورىيەلىكلەر قاراپ تۇرۇپ ماۋۇ iPhone مۇشۇ SAMSUNG دىن كۆچۈرۈپتۇ» دەيدۇ، دېيىشىپتۇ. لېكىن بەزى ھەقىقەتكە ئىسپات تەلەپ قىلمايدۇ.



无觅相关文章插件,快速提升流量



7 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. قانداقلا بولسۇن ئۆزىمىز ياقتۇرغاننى ئىشلىتىپ يۈرىۋەرمەيمىزمۇ ؟

  2. ئالمىغا ئەڭ تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان كارخانا دەل مۇشۇ سامسوڭ.باشقىسى تاڭ جۇمۇ..

  3. بىر ئىشقا ئەقلىم ھەيران، ئامېرىكىلىق چۇۋۇپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئۆز ئالدىغا iPhone 4s نى چۇۋۇپ باھالاپ قاتتىق دېتالغا 1200 سوم (16 گىگابايتلىق نۇسخىسى) باھا قويۇپتۇ ۋە ئالمىنىڭ ناھايىتى زور پايدا ئالغانلىقىدىن ھەيران قاپتۇ. ئەجىپا ئۇلار باشقا يانفونلارنى مەسىلەن سەنشىڭنىڭ ماۋۇ يانفونىنى چۇۋۇپ باھا قويۇپ باقسا قانداق چىقار نەتىجىسى.

  4. ئالما شىركىتى ئادەتتە ئىشلەپچىقىرىش تەننەرقىنى چىقىرىۋەتكەندە %40 تىن تۆۋەن پايدا ئالسا زىيان چىقتى دەيدۇ!

  5. قوي مىجەز ئالما ھەۋەسكارلىرى ۋە بۆرەك ئالىدىغان قاراڭغۇ بازار بىدىكلىرى بار تۇرسا، ئەلۋەتتە ئالما پايدا ئالىدۇ

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

© 2014 پاسىبان بلوگى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش