تاغتۇراچىلىق جۇڭگودا ئەۋج ئېلىپ، يۇقىرى دولقۇن بىلەن «تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقتىن» دۇنيا سودا ساھەسىنى قالايمىقانچىلىققا ئۇچرىتىۋاتىدۇ. چەتئەللەردە بۇ ساپاسىزلىقنى بەكلا نومۇس دەپ بىلسىمۇ، پۇل مال-دۇنيانىڭ ھەلەكچىلىكىدە تاغتۇراچىلار نومۇس بىلەن ئىشى يوق ھەر نەرسىنى قىلىشىىۋاتاتتى.
ياقا يۇرتلاردا يۈرگىنىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ بۇ تاغتۇراچىلار سەۋەبىدىن چىقىرىۋەتكەن گۈزەل ناملىرىنى ئاڭلاپمۇ ئۈلگۈردۇق. ئۆتكەندە كازافىي خەلقى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندە توردا مۇنداق بىر يۇمۇر تارقالدى.
ئەسلىدە كازافىينى ئورەكتىن ئەچىقىپلا ئېتىۋەتمەس ئىكەن. لېكىن بىچارە ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا بىر سۆزنى خاتا قىپتۇدەك. ئۇ بىچارىنى ئەچىقىپلا سۈرۈن-توقاي قىلىپ تاتىقۇشلاپ يۈرسە بىچارە كازافىي:
- توختاڭلار، مەن كازافىي ئەمەس! ئادەمنى خاتا تۇتىۋالدىڭلار، مەن ساختىسى! دەپتۇ. تۇتقۇن قىلغۇچىدىن بىرى:
- ئۇنداقتا ھەقىقىي كازافىي قەيەردە؟ دېسە كازافىي دەرھاللا:
- ئۇ جۇڭگودا ، دېمەسمۇ؟ ھېلىقى يېتىمنىڭ نەدىن كەلدى ئاچچىقى، تاڭلا قىپ چېكىسىگىلا ئېتىۋېتىپ:
- جۇڭگودىمۇ ھەقىقىي بىر نەرسە بولامدۇ ئەجەبا! دەپتۇ.
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دۆلىتىمىزنىڭ ئاشۇ بىر ئوچۇم ساختىپەزلىرىنىڭ دەستىدىن تىجارەتتىكى سېسىق نامى جاھاننى بىر ئېلىپ، جۇڭگونىڭ سودا ساھەسىدىكى ئوبرازىغا تەسىر يېتىۋاتىدۇ. بىز تىجارەتچىلەرمۇ شۇنىڭ مەلۇم تەسىرىگە ئۇچراۋاتىمىز.
بۇلارنىڭ چېتىلمايدىغان ساھەسى قالماپتۇ. BaiGooHoo دېگەن بۇ تاغتۇرا ئىزدەش ماتورىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟ باھانىسىنىڭ چىرايلىقلىقىنى قاراڭ. بەزىلىرىگە قاراپ ئادەمنىڭ راستىنلا كۈلگۈسى كېلىدۇ.
بۇ ئاياغنىڭ ھەقىقىي ماركىسىنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. باھاسى بەكلا قىممەت ھەقاچان؟
يۇقارقىسى دۇنياۋى داڭلىق ماركا PUMA نىڭ لوگوسى. ئەقىللىق تاغلىقلار بۇنى قانداق ئۆزگەرتتى بىر كۆرۈپ باقايلى.
…
بۇ قاپلان بەڭگىكەن تېخى.
ئېيىقمۇ سەكرەپ بېقىپتۇ.
ماۋۇنى كۆرۈپ بەكلا كۈلۈپتىمەن. قاپلاننى دۈملا ياتقۇزۇپ خورەك تارتقۇزۇپ قويۇپتۇ …
خېلى ئوخشاپتۇيۇ، لېكىن قارىساق بېشىدا تۈكى باركەنغۇ؟
تاغلىقلارنىڭ نەزىرىدە سەكرەيدىغانلا نەرسە بولسا PUMA بولىدىكەندە؟
يۇقارقىسى ئىتالىيەنىڭ داڭلىق ماركىسى كاپپا. ھەممىمىز بىلىمىز. لېكىن دۆلىتىمىزدە دۈمبىسىنى بىر-بىرىگە قىلىپ تۇرغان كاپپالاردىن قايسىلىرى بار بىر كۆرۈپ باقايلى.
背靠背 خەلقئارا چەكلىك شىركىتى. قاراڭلار ماۋۇ شىركەت ئىسمىغا. نېمە دېگەن قولاشمىغان ئىسىم بۇ؟ ھېچ بولمىسا «خەلقئارا تاغتۇرا سودا چەكلىك شىركىتى» دېگەندەك بىرەر نەرسە دېگەن بولسا…
Kabba
Keppa
Koppo
Yappa
背靠背 نى ئېنگلىزچە BACK PO BACK دەمدىغاندۇ؟
Kaoba
ئىككەيلەننىڭ ئارىلىقى سەل يىراقلىشىپ كەتتىمۇ نېمە؟
بۇ ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق Adidas ماركىسى. بۇنىڭ تاغتۇراسى دۆلىتىمىزدە نۇرغۇن گەپكەن.
adibas
adidos
dasabi
odidoss
ۋوي، ماۋۇنىڭدا a چۈپقاپتۇ ئەمەسمۇ؟ بوپتۇ ئۆزۈم قىستۇرىۋالاي…
ماركا تەقلىد قىلىشقا بەكلا ياماندە بۇلار. «ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى» كەن.
abcids …
ماۋۇلار ئادىداسنىڭ ۋارىيانتلىرىكەن.
NIKE نى ھەممىمىز بىلىمىز. بۇنى قانداق ئۆزگەرتتى بىر قاراپ باقايلى.
HIKE دەپ ئارىلىققا «ئۆسمە» ئۆستۈرۈپلا ياساپتۇ…
N ھەرىپىنى ئىككى پارچىلاپ IVIKE دەپتۇ.
ماۋۇسى NIKE شاھىكەن تېخى. 耐客王
LI-NING نى بىلىمىز. LI-MING دەپ ئاڭلىغانمۇ؟
ماۋۇنىڭدا 2 ھەرپ ئالمىشىپ كېتىپ قاپتۇ.
مەن يەتتە بۆرە 七匹狼 دەپ ئاڭلىغان، لېكىن سەككىز كۇچۇك 八只狗 دەپ ئاڭلىماپتىكەنمەن
نېمىشقا ئېتىۋار بىلەن ساتقانكىن دېسەم ئەسلى سەۋەبى ماۋۇكەن. NUKE, Kppa, adedas …
iPhone نىڭ تاغتۇراسىنى دېمەيلا قويايلى. بازارغا چىقساقلا تۆۋىنى 150~200 دىن يۇقىرىسى نەچچە مىڭ يۈەنگىچە بار ئىكەن. بەزىلىرى شۇقەدەر ئوخشاتقانكى، iPhone غا كونىلار ئىشلىتىپ كۆرۈپ بىلمىسە يېڭىياچىلار ئالدىنىپلا كېتىدىكەن. ئىشقىلىپ جۇڭگوچىلىقتا مۇشۇنداق تاغتۇرا نەرسىلەرگە ئالدىنىپ كەتمەي ھۇشيارراق بولغىنىمىز ياخشى…
كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟









































buta دىگىنى ئاجايىپكەن ،بۇلارنىڭ چوشقىلىرى ئۇچۇشنى بىلىدىغان چىغى.
لىكىن دىمىگەن بىلەن سۈرئىتى بەكلا تىز بۇلارنىڭ مەسىلەن ئۆتكەن يىللىق ئولىمپىكنىڭ ئەسلى ناخشىسى ئېنگىلىسچە ئىدى بىر كۈن ئۆتمەيلا خەنزۇچە نۇسقىسىنى ئاڭلىدىم ! سۈرئىتىنىڭ تىز ئىكەنلىكىگە قول قويماي بولمايدۇ ! كۆچۈرمىچىلىككە كەلسەك تەسەۋۇر كۈچى ئاجىزلىقتىن كىلىپ چىققان بۇلۇشى مومكىن !
قايسى كۈنى ئىشخانىدىكى خىزمەتدىشىم مانىڭغا قاراڭ دەيدۇ قارىسام توردىن مىنىڭكىگە ئوخشاش4-ئەۋلات ئايفوننى ئېچىۋاپتۇ، 750 سومكەن، تەيۋەن نۇسخسى دەيدۇ،باتارىيسى ئاجرىمايدىكەن،كارتىنىمۇ كېسىپ سالىدىكەنمىز، يان قاپ، زەرەتلىگۈچ ھەممىسى ئوخشاشكەن، لىكىن سىغىمى 4جى كەن. شۇنداقمۇ ئوخشىتامدۇ دەيمەن!خىزمەتدىشىم ھىجىيىپ :سىزمۇ 750 سومغا ئالغانمۇ دەيدۇ،ھەئە دەپ قويدۇم…
بۇ خەق ساختا ئىشنى كۆپ قىلغانلىقىدىن باشقا كىشىلەرمۇ بۇلار ياخشى نەرسە ئىشلەپ چىقاردى دىسە كۆرەپ تۇرۇپمۇ ئىشەنمەيدىكەن دىسى……
ئۆتكەندە بىر تاۋانى خىرىدارغا تۇنۇشتۇردۇم ھەمدە خىرىدارغا سۈپىتىمۇ خىلى يارىغانتى بولمىسا، ئاخىرىدا خىرىدا مەندىن «بۇ قەيەرنىڭ مېلى» دەپ سورىدى، مەن جۇڭگۇنىڭ دىسەم. خىرىدا «جۇڭگۇدىنمۇ مۇشۇنداق ياخشى مال چىقامدا، ئۇنداق بولسا ئالمايمەن» دەپ كىتىپ قالدى. تۆۋە دەپ تۇرۇپ قاپتىمەن …..
ئۇزۇن بوپكەتتىغۇnckia,nokila,sansumug ماركىلىق يانفۇنلار ئۇمۇملشقىلى