فوتو سۈرەتچىلىك كەسپىگە بىز ناھايىتى كىيىن كىرگەن كەسىپ بولغاچقا ئاساسەن ھەممە ئاتالغۇلار بىزگە ناتونۇش، ياكى بىر ئاڭلاپلا چۈشۈنەلىگۈدەك ئەمەس. شۇڭا بۇنىڭغا دائىر كۆپ ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلارغا ئۆزۈمنىڭ چۈشەنچەم بويىچە ئىزاھ بېرىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم.
ئاپاراتنى قولىمىزغا ئېلىپ سۈرەت ئوبىكتىنى مۇقۇملاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن باسىدىغان ئاشۇ كونۇپكا دەل زاتۋور شۇ. بۇنى خەنچە 快门 دەيدۇ. خەتچە تەرجىمە قىلساق «تىز ئىشىك» دېگەن مەنا چىقىدۇ. نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئاتايمىز؟ چۈنكى زاتۋورنى بىر قېتىم باسقىنىمىزدا سۈرئەت سەزگۈچنىڭ ئالدىدىكى «ئىشىك» ناھايىتى تىز سۈرئەتتە بىر قېتىم ئېچىلىپ-يېپىلىدۇ. ئېچىلىپ يېپىلىش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىتنى زاتۋور ۋاقتى، ياكى نۇر بېرىش ۋاقتى دەپ ئاتايمىز. بۇنىڭ ۋاقىت ئۇزۇنلىقى ئاپاراتنىڭ ئىقتىدارىغا قاراپ ئۇزۇنى بىرقانچە سېكونتتىن قىسقىسى 1/4000 ياكى ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا بولىدۇ.
بۇنىڭ مەنىسى، زاتۋور كونۇپكىسىنى باسقاندىكى شۇ پەيتتە سەزگۈچنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ 4000 دەن 1 سېكونت ئىچىدە يېپىلىپ بولىدۇ. بۇنى تەسەۋۋۇر قىلساق بۇنىڭ نەقەدەر تىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. شۇڭا تىز سۈرئەتلىك زاتۋور تىز سۈرئەتتىكى شەيئىنىڭ ھەرىكىتىنى ئېنىق تۇتىۋالالايدۇ.
كېىتىۋاتقان ماشىنىنىڭ چاقى، ئۇچىۋاتقان تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننىڭ پالىقى، شامالدۇرغۇچنىڭ پالىقى قاتارلىقلارنىڭ تىز زاتۋور ئارقىلىق تارتقان چاغدىكى رەسىمىگە قارىساق جىم تۇرىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەپ قالىمىز.
ئوخشىمىغان تەلەپكە ئاساسەن ئوخشىمىغان زاتۋور تىزلىكىنى تەڭشەپ تارتىش ئۈچۈن ئاپاراتنىڭ T ياكى Tv دېگەن جايىغا ئەكىلىپ سۈرەتكە تارتىمىز.
رەسىم ئۇچۇرلىرى ئارىسىدا سېكونت بىرلىكى بىلەن بېرىلگەن قىممەت دەل زاتۋور ۋاقتى ياكى نۇر بېرىلىش ۋاقتى بولۇپ، 1/200 سېكونت، ياكى 1 سېكونت دېگەندەك ھالەتتە ئۇچرايدۇ.
نۇر چەمبىرىكى بولسا زاتۋور ئېچىلغاندا قانچىلىك نۇرنىڭ سەزگۈچكە چۈشۈدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان قىممەت بولۇپ، زاتۋور ئىشىكىنىڭ ئېچىلىش چوڭ-كىچىكلىكىگە قارىتىلغان. ئۇنىڭ سانلىق قىممىتى چوڭ بولغانسىرى ئېچىلىش مەيدانى شۇنچە كىچىك بولىدۇ. 1 گە يېقىنلاشقانسىرى تولۇق ئېىچىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەزگۈچكە كىرىدىغان نۇر كۆپىيىدۇ، رەسىم يورۇق تارتىلىدۇ.
رەسىمدىكىدىكى ئوڭ ئۈستى تەرەپتىكىسى چوڭ نۇر چەمبىرىكى، ئاستىدىكىسى كىچىك نۇر چەمبىرىكى. كۆزنىڭ يوغان ياكى كىچىك ئېچىلىشى بىلەن رەسىم سەزگۈچكە كىرىدىغان نۇرنىڭ ئاز-كۆپلىكىنى كونترول قىلىمىز.
رەسىملەرنىڭ ئاستىغا رەسىم ئۇچۇرلىرى يېزىلغان بولسا ئۇنىڭ ئارىسدىكى ??F دېگىنى دەل نۇر چەمبىرىكىنىڭ قىممىتى بولىدۇ. مەسىلەن، F22 , F10, F5.6 دېگەندەك.
فوكۇس نوقتىسى - ئاپاراتنىڭ سۈرەتكە تارتىشىدىكى مەركىزى نوقتا. فوكۇس نوقتىسى سۈرەتكە تارتماقچى بولغان جىسىمنىڭ دەل ئۆزىگە توغرىلانمىسا تېما ئوچۇق يورىتىلماي مەركىزىي ئىددىيە باشقا نەرسىگە يۆتكىلىپ كېتىدۇ.
ئائىلىدىكى ئاپاراتلاردا فوكۇس نوقتىسىدىكى يورۇقلۇققا ئاساسەن ئاق بالانىس تەڭشىلىدۇ. بۇنداق ئاپاراتلارنىڭ كۆپىنچىسىدە فوكۇس نوقتىسى ئاپاراتنىڭ ئاپتۇماتىك ئىقتىدارى ئارقىلىق توغرىلىنىدىغان بولۇپ، قول ئارقىلىق توغرىلىغىلى بولمايدۇ. كەسپىي يەككە رېفلېكىسنىڭ ئاپتۇماتىك فوكۇس توغرىلاش جەھەتتىكى ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، تەلەپنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بەزىدە قول بىلەن توغرىلاشقىمۇ توغرا كېلىدۇ.
ماۋۇ رەسىمدىكى ئاساسى تېما ۋە فوكۇس نوقتىسى ئوخشاشلا ماشىنا، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايال كىشى خۇنۈك كۆرۈنگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ناھايىتى ئەقىلگە ئۇيغۇن. خۇددى بىز قولىمىزغا بىر كۆزىمىزنى يۇمىۋېلىپ قارىغىنىمىزدا قولىمىزنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى مەنزىرە خۇنۈك كۆرۈنگەندەك. كەسپىي ئاپاراتلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك. ئەگەر ئائىلىۋى ئاپارات بىلەن بۇ مەنزىرىنى تارتقان بولساق ئايال كىشى بۇنچىۋالا خۇنۈكلىشىپ كەتمەيتىدە، تېمىنىڭ ئوبرازلىقىغا دەخلە يېتەتتى.
فوكۇس ئارىلىقى بولسا لېنزىنىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق يىراق-يېقىننى تەڭشەش ئېلىپ بارغاندىكى ئىككى لېنزا ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ. فوكۇس ئارىلىقى قانچە ئۇزۇن بولسا، يىراقتىكى جىسىم شۇنچە يېقىن كۆرىنىدۇ. يەككە رىفلېكىسنىڭ لېنزىلىرى ئۈستىگە يېزىلغان 18-135 مىللىمېتىر، 24-105 مىللىمېتىر، 70-300 مىللىمېتىر دېگەنلەر ئاشۇ لېنزىنىڭ ئۆزگەرتەلەيدىغان فوكۇس ئارىلىقى ھېساپلىنىدۇ. بىرلىكى مىللىمېتىر. رەسىم ئۇچۇرلىرى ئارىسىدا مۇشۇ بىرلىك بويىچە قەيت قىلىنىدۇ.
ئاق بالانىس دېگىنىمىز – ئاپاراتنىڭ ئەمەلىي شارائىتقا قاراپ ھەرخىل رەڭلەرنى ئاجىزلىتىش ياكى كۈچەيتىش ئارقىلىق تەڭشەپ بالانىسلاشتۇرىدىغان ئىقتىدار. ئاق بالانىسنىڭ ئاپاراتتا ئالدىن بەلگىلەپ قويغان بىرقانچە خىل تاللاش تۈرى بولىدۇ. مەسىلەن، قۇياش نۇرى، تۇتۇق ھاۋا، قۇياش نۇرىلىق لامپا، ئۆي ئىچى … دېگەندەك. بىز ئۆزىمىزنىڭ تەلىپىمىز بويىچە بۇنى خالىغانچە تەڭشىۋالساق، ياكى قولىمىز ئارقىلىق ھەر قايسى قىممەتلەرنى ئۆزگەرتسەك بولىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە يۇقىرى سەۋىيەلىك فوتوگرافلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى.
رەسىمدىكىسى ھەرخىل ئاق بالانىس تەڭشىكى ئاستىدىكى ئوخشاش رەسىمنىڭ رەڭ ئۈنۈملىرى.
نۇر بېرىش (曝光) ئاپاراتنىڭ ئىقتىدارى بولۇپ ئېكسپوزىتسىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنى يورۇقلۇق يېتىشمىگەندە ئاپاراتنىڭ ئۆزىدىكى بۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ قوشۇمچە يورۇقلۇق قوشۇش ياكى زىيادە يورۇق مەنزىرىدە نۇر بېرىلىشنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق يوللار بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.بۇنىڭ قىممىتى 2- دىن 2+ ئارىسىدا بولىدۇ. بىرلىكىنى EV دەپ ئاتايمىز.
مەسىلەن، سىز ئاپئاق قارنى رەسىمگە تارتىپ باققان بولىسڭىز بىلىسىز. قارنىڭ ئاقلىقىغا ئاساسەن ئاپارات ئاپتۇماتىك ھالدا ئاق بالانىسنى يورۇق ئاق جىسىمغا ئاساسەن قاراڭغۇراق تەڭشەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن قارنىڭ رەڭگى سېرىق ياكى سۈترەڭ، ئىشقىلىپ ئاق كۆرۈنمەيدۇ. سىز بۇ چاغدا مۇۋاپىق ھالدا نۇر بېرىش ئارقىلىق ئاقايتىپ ھەقىقى ئاپئاق قار ئۈنىمىگە يېتەلەيسىز.
ISO نىڭ قىممىتى 100, 200, 400, 800, 1600, 3200, 6400 شەكلىدە بولۇپ، بۇمۇ ئاپاراتنىڭ ئۆزىدىكى ئىقتىدار. نورمالدا ئىلاج بولمىغاندا يۇقىرى نۇر سېزىمچانلىقنى تاللاپ رەسىمگە تارتىمىز. چۈنكى بۇنىڭ قىممىتى يۇقىرىلىغانسىرى پىكسېل چىكىت سانى ئازلاپ كېتىدۇدە، رەسىمنىڭ سۈزۈكلىكىگە بەلگىلىك تەسىر يېتىدۇ. يورۇقلۇق يېتىشمىگەندە چاقماق بېرىش، ياكى ئاپاراتنى مۇقۇملاشتۇرۇپ قويۇپ ئۇزۇن زاتۋور ۋاقتى بېرىش ئارقىلىق يورۇقلۇق كۆپەيتسەك بولىدۇ. ISO نىڭ 800 دىن ئاشمىغىنى ئەۋزەل.
رەسىمدىكىسى ھەر قايسى قىممەتتىكى ئۈنۈمنىڭ سېلىشتۇرمىلىرى. رەسىمدىكى ماۋۇ كىچىككىنە ئورۇن چوڭ رەسىمنىڭ سول تەرەپ بۇرجىكىدىكى كىچىك جاي، تولۇق رەسىم ئەمەس. ئۈنۈمنى تېخى ئوچۇق كۆرۈپ يېتىش ئۈچۈن كىچىك جاينى چوڭايتىپ سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلدى.
ئەسلى رەسىم
ISO 100
ISO 200
ISO 800
ISO1600
رەسىمگە قارايدىغان بولساق بۇنىڭ نېمە مەنا بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشىنەلەيمىز.
نۇر ئۆلچەش نوقتىسى دېگىنىمىز ئاپاراتنىڭ ئىكرانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىنىدىغان، بەزىسى غىچ شەكلىدە، بەزىسى چاسا كەلگەن دائىرىگە ئېلىنغان رايوندىكى مەلۇم بىر نوقتىنى كۆرىسىتىدىغان بولۇپ، ئاپارات مۇشۇ نوقتىنىڭ ئەمەلى يورۇقلۇقىغا ئاساسەن يورۇقلق تەڭشەيدۇ. بۇ نوقتىنى ئۆزى بەلگىلەشكىمۇ، ۋە ئاپاراتقا ھاۋالە قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
بۇ نۇقتىغا ئاساسەن ئاپارات پۈتكۈل سانلىق مەلۇماتلارنى ھېساپلاپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە، ISO، تىزلىك، نۇر چەمبىرىكى، ئاق بالانىس ھەممىسى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇلارنىڭ قانداق بولىشى، نۇر ئۆلچەش نوقتىسىنىڭ قەيەرگە مەركەزلەشكەنلىكىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.
مەسىلەن سىز كەينى يورۇقلۇقى كۈچلۈك بولغان جايدا بىر ئادەمنى رەسىمگە تارتسىڭىز، ئادەتتە ئاپارات كەينىدىكى يورۇقلۇقنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يورۇقلۇق تەڭشەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ يۈزى قاراڭغۇ چىقىپ قالىدۇ. سىز بۇ چاغدا نوقتىنى ئادەمنىڭ يۈزىگە تەڭشەپ زاتۋورنى يېرىم باسسىڭىز، باشقا تەڭشەكلەرنىڭمۇ شۇنىڭغا ماس ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقىايسىز. چۈنكى ئادەمنىڭ يۈزى ئارقا مەنزىرىگە نىسبەتەن قاراڭغۇ بولغاچقا ئاپارات شۇنىڭغا ئاساسەن يورۇقلۇق بېرىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئادەمنىڭ يۈزى ئوچۇق كۆرىنىدۇ.
فوتوگرافىيەگە دائىر تېمىلار بەكلا قول تۇتقاچقا شۇنچە سائەت ئولتۇرۇپ بۈگۈن بىرلا تېما يوللاپتىمەن. بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە يازاي. ئەگەر بۇلارنىڭ ئىچىدە يوق بولغان يېڭى ئاتالغۇلار بولسا ۋاقتىدا ئىزاھلاپ ماڭىمەن، ئىنشا ئاللاھ.
ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىپ، باشقا جايدا ئېلان قىلمىغايسىز. بۇ تېمىنى مەنبەنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلىشىڭىزنىمۇ خالىمايمەن.
كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟









































ئاپارات كەلسۇنچۇ ئاۋۋال، بۇ تېمىلارنى ساقلاپ قويسام بولغۇدەك
سىلىنىڭ ئاپاراتتا بۇ جايلاردا سۆزلەنگەن نەرسىلەرنىڭ كۆپلىرى ئىشلەيدۇ، قوللىرىغا ئالغاندا تەپسىلىي سىناق قىلىپ باقالا
رەھمەت سىزگە، كۆپ نەرسىلەرنى چۈشىنىۋالدىم.
ماۋۇ رەسىمدىكى گۇاڭجۇ گاردېن مېھمانسارىيىكەنغۇ… ئۆزىڭىز گۇاڭجۇدا ئوخشىمامسىز؟
ياقەي. توردىن ئىزدەپ تاپقان رەسىم ئىدى.