ios-apps-for-travel-01

ساياھەت بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى ئەڭ گۈزەل مىنۇتلارنىڭ بىرى. رەسىمگە تارتىش بولسا بۇ گۈزەل مىنۇتلارنى خاتىرىلەش ئۇسۇلى بولغاچ ساياھەتنىڭ ئەڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر بۆلىكى. مۇشۇنداق گۈزەل مىنۇتلاردا ئايفونىمىزنى يېنىمىزدىن ئايرىمايمىز ئەلۋەتتە. لېكىن ئايفوننىڭ ئۆزىدىكى ئاپاراتنىڭ باشقا ئالاھىدە ئىقتىدار ياكى رەسىمگە ئۈنۈم قوشۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بولمىغانلىقتىن بەزى چاغلاردا تازا ھاجەتتىن چىقالماي قالىدۇ. تۆۋەندە مەن ئايفوننىڭ سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان بەزى ئەپلەرنى تەۋسىيە قىلاي.

يېقىندىن بۇيان تۈرمىدىن قاچۇرماسلىق لازىملىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم. مۇشۇ ئۇيغۇرچە فونتنى تونىتىدىغانلا ئىشنى دەپ قېلىۋاتىمەن، بولمىسا تارتىشقۇدەك باشقا نەرسەممۇ يوق ئىدى. قائىدىسى بويىچە ئىشلىتىشكە رازى ئېدىم. شۇڭا سىلەرگىمۇ تۈرمىدىن قاچۇرماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن بولسىمۇ ھەممە ئەپلەرنىڭ بىۋاستە iTunes تىن چۈشۈرۈش ئادرىسىنىلا قالدۇراي. يېشىۋەتكەن نۇسقىسىنى توردىن ئۆزۈڭلار ئىزدەپ تېپىپ چۈشۈرىۋېلىڭلار. بۇنىڭ يوللىرىنى دېمىسەممۇ بىلىسىلەر ھەقاچان. 51ipa.com ، 威锋网 ۋە ئايفوننىڭ ئۆزىگە قاچىلايدىغان دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق Crack App چۈشۈرۈش دېتالى Installous  دېگەندەك جايلاردىن تاپالايسىلەر. Installous نى Cydia دىن تېپىپ چۈشۈرىۋالساڭلار بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق چۈشۈرگەن ئەپلەرنى iTools ئارقىلىق بىۋاستە كومپىيۇتېرغا چۈشۈرىۋېلغىلىمۇ بولىدۇ. مۇشۇنچىلىك دەپ بەرسەم قالغىنىنى ئۆزۈڭلار ئىزىدىنىپ تېپىپ قاچىلىۋېلىڭلار.

 Camera360 – 手机摄影大师
چوڭلىقى : 24.9 مېگابايت
باھاسى : 0.99 دوللار
Panoramatic 360全景摄影
چوڭلىقى : 14.3 مېگابايت
باھاسى : 1.99 دوللار
TiltShift Generator 移轴
چوڭلىقى : 1.4 مېگابايت
باھاسى : 0.99 دوللار
Hipstamatic 创意相机
چوڭلىقى : 19.8 مېگابايت
باھاسى : 1.99 دوللار
Camera+ 超强相机
چوڭلىقى : 18.8 مېگابايت
باھاسى : 0.99 دوللار
Nabit 极速抓拍
چوڭلىقى : 11.1 مېگابايت
باھاسى : ھەقسىز
Dermandar 全景相机
چوڭلىقى : 2.6 مېگابايت
باھاسى : 1.99 دوللار
Magic Shutter 魔法快门
چوڭلىقى : 0.4 مېگابايت
باھاسى : 2.99 دوللار
KineticCam 智能动作捕捉
چوڭلىقى : 1.0 مېگابايت
باھاسى : 0.99 دوللار
Lomo 相机乐么
چوڭلىقى : 19.9 مېگابايت
باھاسى : ھەقسىز
Instagram分享拍照
چوڭلىقى : 10.9 مېگابايت
باھاسى : ھەقسىز
CamCam Pro 声控相机
چوڭلىقى : 2.3 مېگابايت
باھاسى : 0.99 دوللار


无觅相关文章插件,快速提升流量



7 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. 全景相机نىڭ ئىقتىدارى ئۆتكەندىكى photo synthبىلەن ئوخشامدىكەن؟ ئۇبەك ئېسىلكەنتۇق.

  2. مەن Instagram分享拍照 نى دەسلەپ ئېلان قىلىنغاندىلا چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەن، بەك ياخشىكەن… سۈرەتكە بەك پەيزى تارتىدىكەن بۇنىڭدا، ھەم باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشقىلى بولىدىكەن… بۇنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئاۋۋال تىزىملىتىپ كىرىدىكەنسىز… ئىشقىلىپ مەن ياقتۇرۇپ قالدىم…

  3. سالام پاسىبان. سىز ئايفۇندا قوناق ئېتىلدۇرىدىغان ئەپنى بىلەمسىز ؟ بىلسىڭىز دەپ بەرگە بولسىڭىز

  4. ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم !

    پاسىبان كۇلۇبىنىڭ يازمىلار مەنپەئەتلىك ئىكەن ، ئەجىرىڭىزلەر رەھمەت !

    پاسىبان ئەپەندى ، iGo primo MEA navigation ( ئوتتۇرا شەرق رايونى ) ناملىق يولباشلاس سېستىمىسىنى ھەقسىز نەشىرى بارمىدۇ ؟ ئەپ دۈككىنىدا 70 دوللار ئەتىراپىدا ئىكەن .

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ ياۋرۇپانىڭ ياسىغان نەرسىسى. مەن تېخى ئالدىنقى ھەپتە بۇنىڭ تۈركىيە نۇسقىسىنى ئىشلىتىپ باقتىم. ئىقتىدارى دۆلىتىمىزدىكى 高德 دېگەندەكلەرنىڭكىدىن خېلىلا تۆۋەن ئىكەن. لېكىن شۇنىڭ بولغىنىدىن خوش بولۇپ ئىشلىتىش كېرەككەن. ئۇ جايلاردا بۇنداق يول باشلاش سېستىمىسى كۆپ ئىشلىتىلمەمدۇ، ئىشىلىپ رىقابەت كۈچى ئاجىز ئىكەن. شۇڭا بولغىنىغا شۈكرى قىلىپ ئىشلىتىدىغان ئىش ئىكەن. تۈركىيە نۇسقىسىنىڭمۇ 50 دوللار ئىكەنتۇق. بۇنداق نەرسىنىڭ ھەقلىق نۇسقىسى بولمايدۇ. پۇلغا ئېلىپ ئىشلىتىش كېرەك.

      • ئۇچۇرىڭىزغا رەھمەت .

        جىددىگە بارىدىغان يولدا ، ماشىنىدىكى بىر بالا مۇشۇنى كۆرسەتكەن ئىدى . نىشاننى خېلى توغرا كۆرسىتىدىكەندۇق .بۇنى ھەقسىز ئالغانلىقىنى ئېيتقاندەك قىلغان . بەلكىم ئايفون ساتقانلار چۈشۈرۈپ بەرسە كېرەك .

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

© 2014 پاسىبان بلوگى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش