لىجى تەركىبىدە مول مىقداردا ۋىتامىن بار بولۇپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تېرىنىڭ سىلىق ھەم پارقىراقلىقىغا پايدىلىق. ئۇ يەنە قان تولۇقلاش، ئاغرىق توختىتىش رولىغىمۇ ئىگە. لېكىن يېقىندا مۇتەخەسسىسلەر دەسلەپكى ھامىلدارلىق مەزگىلىكىدىكى ئاياللارنىڭ لىجى يېسە بولمايدىغانلىقىنى بايقىغان. لىجى قاننى جانلاندۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇ ھامىلدار ئاياللارنىڭ قورسىقىنى ئاغرىتىپ، ھامىلە بويىدىن ئاجراپ كېتىشتەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. لىجىنىڭ قەنت مىقدارى %70 تىن يۇقىرى بولغاچقا، ئۇنى كۆپ يېگەندە ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدىكەن. ھامىلدار ئاياللار دەسلەپكى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە لىجىنى كۆپ يېمەسلىكى، شۇنداقلا گال ئاغرىغان، چىش قانىغان ۋاقىتتا قەتئىي يېمەسلىكى كېرەك ئىكەن.
ـــ ماتېرىيالدىن
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !