1. كۆز ئەتراپىدىكى تېرىلەرگە ئۇزاق مەزگىل سۇ يېتىشمەسلىك، سۇ تولۇقلاپ بەرمەسلىك ياكى ئاسرىماسلىق.
2.گىرىم قىلغاندا، گىرىمنى يۇيۇۋەتكەندە ياكى يوشۇرۇن كۆزەينەك تاقىغان ۋاقىتتا، كۈچەپ تارتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر كۆز ئەتراپىدىكى تېرىلەرنى بوشاشتۇرۇۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاسانلا قورۇق پەيدا بولىدۇ.
3. تۈرلۈك چىراي ئىپادىلىرىمۇ قورۇق پەيدا قىلىشى مۇمكىن، مەسلەن: كۆزنى يوغان ئاچقاندا پېشانىمىزدە قورۇق پەيدا بولىدۇ، قاقاقلاپ كۈلگەندە كۆز ئەتراپىمىزدا ئىنچىكە قورۇقلار پەيدا بولىدۇ، ئاغزىمىزنى پۈرۈشتۈرگەندە ئاغزىمىزنىڭ ئەتراپىدا قورۇق پەيدا بولىدۇ، شۇڭا بۇ خىل ھالەتلەر قورۇق بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ قورۇق پەيدا قىلىدۇ.
4 . دائىم بىر قولى بىلەن ئىڭىكىنى تىرەپ تۇرۇشمۇ ناچار ئادەت بولۇپ ئاسانلا قورۇق پەيدا قىلىدۇ.
ـــ ماتېرىيالدىن
مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-06/17/content_528804.htm
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !