ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

گېرمانىيە 1-دۇنيا ئۇرۇش تۆلىمىنى تۆلەپ بولدىمۇ؟

ۋاقتى : 2014-09-18  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : قارگۈلى

 


 
گەرچە تارىخ كىتابىدا 1918-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىمزالانغان« كومپىگېن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى» 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاياقلاشقانلىقىدىن دىرەك بەرسىمۇ، ئەمما گېرمانىيەلىكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، 1-دۇنيا ئۇرۇشى 100 يىلغا يېقىن داۋاملاشتى. 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنىگە قەدەر گېرمانىيە فېدېراتسىيە بانكىسى «ۋېرسال شەتنامىسى» نىڭ قاتتىق بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن غەلبە قىلغان دۆلەتلەرگە ئەڭ ئاخىرقى 69 مىلىيون 900 مىڭ ياۋرو تۆلەمنى تۆلىدى.

بىر ئەۋلاد يەنە بىر ئەۋلاد گېرمانىيەلىكلەر ھاقارەتلىك تۆلەمنى تۆلىدى، بۇ تۆلەملەر پۈتۈن گېرمانىيە سودا پاراخوتىنى تاپشۇرۇش، ھەريىلى 200 مىڭ توننا يېڭى پاراخوت تاپشۇرۇش، ھەريىلى 44 مىلىيون توننا كۆمۈر تاپشۇرۇش، ھەر يىلى 371 مىڭ تۇياق كالا تاپشۇرۇش، گېرمانىيە ئىشلەپچىقارغان خىمىيە سانائىتى ۋە دورىگەرلىك مەھسۇلاتىنىڭ يېرىمىنى تاپشۇرۇش، گېرمانىيە مۇستەملىكىسىنى قايتۇرۇپ بېرىش، گېرمانىيەلىكلەرنىڭ خۇسۇسىي بايلىقىنى دۆلەت ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلىتىش، بۇندىن سىرت يەنە 132 مىلىيارد گېرمانىيە مارىكى تۆلەم تۆلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ تۆلەم بۈگۈنكى كۈندە 450 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ كېلىدۇ، چۈنكى مۆھلەتكە بۆلۈپ تۆلىگەنلىكتىن، تۆلەم سوممىسى 300 مىلىيارد مارك كۆپەيگەن.

گېرمانىيە 1983-يىلى پۈتۈن ئۇرۇش تۆلىمىنى تۆلەپ بولغان، ئەمما 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاندىن بارلىق تۆلەم ئۆسۈمىنى تۆلەپ تۈگەتكەن.
ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا