ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ھىندىستان بىلەن پاكىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىشكە قىزىقىۋاتىدۇ

ۋاقتى : 2014-09-17  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : قارگۈلى

 

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلار كېڭىشىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنى 12-سېنتەبىر تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە ئېچىلدى، يىغىندىن كېيىن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى دۈشەنبە خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى.
بۇ قېتىمقى يىغىن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ئورۇن بېرىش تەرتىپى» ۋە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىشكە ئىلتىماس سۇنغۇچى دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيىتىگە ئالاقىدار ئەسلەتمە» نىڭ تۈزىتىلگەن لايىھەسىنى تەستىقلىدى. يىغىن بۇنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قانۇنىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەيدىغان مۇھىم قەدەم، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرىنى كېڭەيتىش دەرۋازىسى، دەپ قارىدى.
جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېف، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ئاتانبايېف، روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راھمان، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى ئىسلام كەرىموف قاتارلىقلار بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشتى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەرتىپى بويىچە ئالدى بىلەن كىچىك كۆلەملىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاندىن كۆزەتكۈچى دۆلەت ئافغانىستان زۇڭتۇڭى كارزايى، ئىران زۇڭتۇڭى ھەسەن رۇھانى، موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى، ھىندىستان، پاكىستان ۋەكىللىرى ۋە ئالاقىدار خەلقئارالىق ۋە رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى چوڭ كۆلەملىك سۆھبەتكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى. راھمان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنى ماقۇللىغان تۈزىتىلگەن ئىككى لايىھەگە يۈكسەك باھا بەردى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئون نەچچە يىللىق مۇھاكىمە ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزا كېڭەيتىش قانۇنىي تەييارلىق خىزمىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغانلىقى، ئەزا كېڭەيتىش دەرۋازىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆپلىگەن كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئىككى لايىھەنىڭ ماقۇللانغانلىقىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلغاندىن كېيىن ھىندىستان، پاكىستان، موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر كەلگۈسىدە بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىشى مۇمكىن.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىشىغا ئۇزاق مەزگىل كېتىشى مۇمكىن. روسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولۇش يېڭى چارىسىنى بېكىتتى، بۇ چارە 2015-يىلىدىكى كېيىنكى نۆۋەتلىك روسىيە باشلىقلار يىغىنىدا ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىغا يول قويۇشى مۇمكىن. روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 12-سېنتەبىر يىغىندا، كەلگۈسى بىر يىلدا بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزا كۆپەيتىش قەدىمىنىڭ يەنىمۇ تېزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۈشەنبىدە ئۆتكۈزگەن باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ماقۇللانغان خىتابنامىدە مۇنداق دېيىلدى: ئايرىم دۆلەتلەر ياكى دۆلەت كوللېكتىپلىرى ھەر قانداق كۈچەيتىلگەن باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد چەكلىمىسىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىستراتېگىيە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزۈش خەۋپىگە ئۇچرىمايدۇ. ئەزا دۆلەتلەر ئۆز بىخەتەرلىكىنى قوغداش يولىدا باشقا دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالاقىدار مەسىلىلەر چوقۇم بارلىق ئالاقىدار دۆلەتنىڭ سىياسىي دىپلوماتىيە تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا