ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

1-نويابىر تۇنجى نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى باشلىنىدۇ

ۋاقتى : 2014-09-16  مەنبەسى : ئانا تۇپراق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

 يېڭى يىپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەت، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» دىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتا، مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئالتۇن كۆۋرۈك:

 
تۇنجى نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا « ئالتۇن كۆۋرۈك » خەلقئارا يەرمەنكىسى ۋە شىنجاڭ مىللىي كارخانىلار تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى 1-نويابىر باشلىنىدۇ.

ئۆز خەۋىرىمىز: تۇنجى نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى تەشكىلىي كومىتېتى 15-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ «كوئىنلۇن »مېھمانخانىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭى يىپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەت، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» دىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتا، مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئالتۇن كۆۋرۈك ھېسابلىنىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى ۋە شىنجاڭ مىللىي كارخانىلار تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى 1-نويابىردىن 5-نويابىرغىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جەمئىيەتكە تەنتەنىلىك ھالدا جاكارلىدى.
 
تۇنجى نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى ۋە شىنجاڭ مىللىي كارخانىلار تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى تەستىقلىغان بولۇپ، يەرمەنكىدە 1500 خەلقئارا ئۆلچەملىك يايما ئورنى تەسىس قىلىنغان. يەرمەنكىگە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي كارخانىلار ۋە تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 800 دىن ئارتۇق كارخانا قاتنىشىدۇ.
 
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى، ھەمكارلاشقۇچى ۋە قوللىغان ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى، تاراتقۇلار مۇخبىرلىرى ھەمدە كارخانىچىلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 300 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى.
 
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى مۇلازىمەت سودا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاڭ مىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى بۇ يىل ئىيۇلدا ياۋرو-ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈشنى رەسمىي تەستىقلىدى ھەمدە ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىلىرىغا مەخسۇس ھۆججەت تارقىتىپ، يەرمەنكىگە قاتنىشىدىغان كارخانىلارنى ئوبدان تەشكىللەشنى ئورۇنلاشتۇردى. نۆۋەتتە، جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، دۆلەت دەرىجىلىك كۆرگەزمىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تېخىمۇ كۆپ كارخانىلار ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا قاتارلىق چوڭ بازارلارغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن يەنە بىر سەھنىگە مۇھتاج بولماقتا. «ئالتۇن كۆۋرۈك» يەرمەنكىسى دەل مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىز «ئالتۇن كۆۋرۈك» يەرمەنكىسىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى - سىرتىغا تونۇلغان داڭلىق ماركا، شۇنداقلا مىللى كارخانىچىلىرىمىزنىڭ مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى كارخانىچىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋە ئالاقىسىدىكى ئىسمى-جىسمنغا لايىق «ئالتۇن كۆۋرۈك» بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
 
ياۋروپا – ئاسىيا« ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، يەرمەنكىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى دىلئارام قۇربان مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىدا، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويدى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولغان شىنجاڭ بۇ تەسەۋۋۇرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن ھېسابلىنىدۇ. بىز مانا مۇشۇنداق تېپىلغۇسىز پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارغا، بولۇپمۇ، مىللىي پۇقراۋىي كارخانىلارغا ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى رايون ۋە دۆلەت ھالقىپ خەلقئارا بازارغا يۈزلەندۈرىدىغان، ئۆز نەتىجىلىرىنى نامايەن قىلىدىغان ھەم دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن سودا ھەمراھى تاپىدىغان پۇرسەت ھازىرلاپ بېرىش مەقسىتىدە، ياۋروپا - ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈشنى بېكىتتۇق. يەرمەنكە مەزگىلىدە يەنە كارخانىچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، مىللىي كارخانىلار مەھسۇلاتلىرى نەتىجىلەر كۆرگەزمىسى، چوڭ تىپتىكى توختام ئىمزالاش مۇراسىمى، كارخانىلارنىڭ چوڭ كۆلەملىك ئىقتىساسلىق خادىم قوبۇل قىلىش پائالىيىتى، كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش يىغىنى، كىيىم - كېچەك مودېل كۆرسىتىش پائالىيىتى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.
 
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ياۋرو-ئاسىيا« ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دىلئارام قۇربان بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىگە سودىگەر چاقىرىدىغان ئورۇنلاردىن يەرمەنكە تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ سودىگەر چاقىرىش بۆلۈمى، شىنجاڭ «ئېقىن» ئېلانچىلىق شىركىتى ۋە شىنجاڭ «مەرىپەت» كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتى قاتارلىقلارنىڭ مەسئۇللىرىغا «سودىگەر چاقىرىش ئىجازەتنامىسى» تارقىتىپ بەردى.
 
 
 
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە ھەمكارلاشقۇچى ئورۇن، سودىگەر چاقىرىدىغان ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە داڭلىق كارخانىچىلار، ئىقتىسادشۇناسلار سۆزگە چىقىپ، «ئالتۇن كۆۋرۈك» يەرمەنكىسىنىڭ ئەھمىيىتى، قاتناشقان كارخانىلارغا بېرىلىدىغان ئېتىبار سىياسەتلىرى، يەرمەنكىنىڭ كارخانىچىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان ئەمەلىي ئۈنۈمى ۋە يەرمەنكە ئىگىلىكى قاتارلىق تېمىلاردا سۆز قىلدى.







 

 

 

 

 

 

 

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا