

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 16 – چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئەمدىلا تىلى چىقىۋاتقان بالا چوڭلارنىڭ بىپەرۋالىقى سەۋەبلىك تىك قىيا يېنىغا ئۆمىلەپ بېرىۋالسا بۇ ئانچە ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس، بىراق ئۇ ئاتا ئانىسىغا قارىتىپ قويۇپ، 604 مېتر ئېگىزلىكتىكى تىك قىيانىڭ يېنىغا ئۆمىلەپ بارغان بولسا بۇ غەلىتە ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نورۋىگىيەدە دەل مۇشۇنداق خەتەرلىك ئىش يۈز بەرگەن.
بوۋاق قىزغۇچ توخۇڭ رەڭلىك كىيىم كىيىۋالغان بولۇپ، بېشىدا دوپپىسى بار، ئۇنىڭ ئەتراپىدا چوڭلاردىن تۆت كىشى بار، دەل مۇشۇ تۆت كىشى قاراپ تۇرغان ۋاقىتتا، بۇ بوۋاق تىك قىيانىڭ يېنىغا ئۆمىلەپ بارغان، بىر كىشى تېخى ئۇنى سۈرەتكە تارتقان. چوڭلار بۇ بوۋاقتىن ئاز دېگەندە بىر مېتر يىراقلىقتا. ئەگەر بوۋاق ئۆمىلەپ ماڭغان نىشان خاتا بولۇپ قالىدىغان بولسا بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى پەرەز قىلماق تەس.
13 – چىسلا چۈشتىن كېيىن، پىيادە ساياھەت قىلىۋاتقان فرېد ماسىرۋاگ بۇ قورقۇنچلۇق مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان. «مەن بوۋاقنىڭ ئانىسىنىڭ بۇ بوۋاقنى تىك قىيا يېنىغا ياتقۇزۇپ قويۇپ، كەينىگە بىر نەچچە قەدەم چېكىنگەنلىكىنى، يەنە بىر خانىمنىڭ بوۋاقنى سۈرەتكە تارتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ تىك قىيا 90 گرادۇس تىك بولۇپ، ئادەمنىڭ قورققىسى كېلىدۇ، چوڭلارمۇ ئانچە يىراقلاپ كەتمىدى، ناۋادا يىقىلىپلا چۈشسە چوقۇم ئۆلىدۇ