26-مارت، ئامېرىكا ۋاشىنگىتوندىكى بەش بۇرجەكلىك بىنا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاگېل (سول) ۋە ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى خاموند ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاگېل ۋە زىيارەتكە كەلگەن ئەنگىلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى خاموند بەش بۇرجەكلىك بىنادا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: مالايسىيەنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلانى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرنى ئىگەللەش ياكى ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسى تېپىشتىن ئىلگىرى، تېررورىزىم، سىياسىي زوراۋانلىق قاتارلىق ھەرقانداق ئامىلنى ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ، ئىككى دۆلەت يەنە ئىزدەش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.