شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 3-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى تېلىگراممىسىغا قارىغاندا، مالايسىيا زۇڭلىسى ناجىپ 24-مارت كۈنى كەچ سائەت 10 دا جىددىي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئايروپىلان ئىزدەش خىزمىتىدە ئېرىشكەن سانلىق ئۇچۇرلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق مالايسىيا MH370 نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ جەنۇبىي ھىندى ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. جۇڭگو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى بۇنىڭغا قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى، جۇڭگونىڭ مالايسىيا ھۆكۈمىتىدىن يۇقارقىدەك ھۆكۈم چىقىرىشتا ئاساسلانغان بارلىق دەلىل ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مالايسىيا ئاۋىئاتسىيىسى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتە خەلقئارالىق ئىزدەش تارماقلىرىنىڭ مالايسىيانىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ئايروپىلانىنى ئىزدەش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالاقىدار خادىملارنىڭ بۇ ئىشنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرىدىغانلىقىنى، ئايروپىلانغا ئالاقىدار كونكىرت تەپسىلاتلارنىڭ تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ئاندىن دەلىللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.