ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

گېرمانىيە ئايرودرومى چوڭ كۆلەمدە ئىش تاشلىماقچى

ۋاقتى : 2014-03-27  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئابدۇللا كۆرۈلىشى : قېتىم

 

گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 26-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە مۇلازىمەت سانائەت ئورگىنى كۆپ قىسىم ئايرودروم ئاممىۋى مۇلازىمەتچى خادىملىرىنى 27-چىسلا 11 سائەت ئىش تاشلاشقا چاقىرغان بولۇپ، بۇنداق بولغاندا فرانكفورت، مىيۇنخىن قاتارلىق رايونلاردىكى ئايرودروملىرىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
خىزمەتچى ئىشلەتكۈچى ۋە خىزمەتچى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققانلىقى سەۋەبىدىن، گېرمانىيە مۇلازىمەت سانائەت ئورگىنى فرانكفورت ئايرودرومىنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر ئۈستىدە مۇلازىمەت قىلىدىغان، يۈك-تاق چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاشقا مەسئۇل بولغان ھەمدە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان خىزمەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خادىملارنى، يەنى تەخمىنەن 1000 دىن ئارتۇق ئايرودروم خادىمىنى شۇ جاي ۋاقتى 27-چىسلا سائەت 3 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ 14 تىن 30 مىنۇت ئۆتكىچە ئىش تاشلاشقا چاقىرغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، گېرمانىيە مىيۇنخىن ئايرودرومى، كولوگنې-بون ئايرودرومى (Cologne - Bonn Airport)، دۇسسېلدورىف ئايرودرومى (Dusseldorf Airport)، ھامبۇرگ ئايرودرومى (Hamburg Airport)، خانوۋېر ئايرودۇرۇمى (Hanover Airport) ۋە سىتۇتگارىت ئايرودرومى (the Stuttgart airport) قاتارلىق ئايرودروملار ئىش تاشلاش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرىۋالغان
 

گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى لۇفتانسا (Lufthansa) ئاۋىئاتسىيىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئىش تاشلاش شۇ كۈندىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ قونۇش-ئۇچۇش ھالىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەگەر ئايرودروم خادىملىرى راستىنلا چوڭ كۆلەمدە ئىش تاشلايدىغان بولسا، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇندىن ئاۋۋالقى بىر قىسىم نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئامالسىز بىكار قىلىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئاۋىئاتسىيە ئۇچۇرلىرى 26-چىسلا چۈشتىن بۇرۇن ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، تەسىرگە ئۇچرىغان يولۇچىلار بېلەتنى ئالماشتۇرسا بولىدىكەن.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا