شىنجاڭ خەۋەر تورى 3-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ساياھەتكە چىقىش، تۇققان يوقلاش ياكى چەتتە ئوقۇش ئۈچۈن پاسپورت بېجىرمەكچى بولسا نوپۇس يۆتكىلىش يىل چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. 3-ئاينىڭ 24-كۈنى مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك چېگرادىن كىرىش چىقىشنى باشقۇرۇش ئورنىدىن ئېگىلىشىچە، نۆۋەتتە مەركىزى شەھەرساقچى تەرەپ شەخسلەرنىڭ چېگرادىن چىقىش كەسپىگە قارتا ئىككى تەدبىرنى يولغا قويغان.
شەھەرلىك چېگرادىن كىرىش چىقىشنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇرات ئەخمەتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پارتىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئاممىۋىي لۇشىيەن تەربىيە ئەمەلىيتى پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ چىقىرىلغان خەلققە قولايلىق تەدبىر بولۇپ 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئەمىلىيلەشتۈرۈلىدىكەن.
«شىياڭگاڭ ئاۋمىن يول خېتى» ياكى «تەيۋەن يول خېتى »بار شەھەر ئاھالىلىرى يىل ئىچىدە قايتا ئىلتىماس قىلسا ساقچىخانىنىڭ سىياسىي تەكشۈرۈشى تەلەپ قىلىنمايدىكەن. ئىلتماس قىلغۇچى جەدۋەل، نوپۇس ۋە كىملىكىنى ئېلىپ يېقىن ئەتراپتىكى ج خ شۆبە ئىدارىسىغا بېرىپ بېجىرسە بولىدىكەن .لېكىن بۇ تەدبىر پەقەت كادىر ئەمەسلەرگىلا قارىتىلغان بولۇپ كادىرلار يەنىلا ئىدارىسىنىڭ چېگرادىن چىقىشقا قوشۇلۇش ئىسپاتىنى ئېلىشى كېرەك ئىكەن.
يەنە بىر خەلققە قولايلىق تەدبىر بولسا ساياھەت، تۇققان يوقلاش ياكى چەتئەلدە ئوقۇش ئۈچۈن پاسپورت بېجىرگۈچى شەھەر ئاھالىسى نوپۇس يۆتكەش يىل ساننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. ئىلگىرى قىسمەن ئاھالىلەر ساياھەت،تۇققان يوقلاش ياكى چەتئەلدە ئوقۇش پاسپورتى بېجىرمەكچى بولسا نوپۇسى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە ۋاقىت ئۆتمىسە بېجىرىپ بېرىلمەيتتى.نۆۋەتتە شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇ بەلگىلىمىنى بىكار قىلدى.