يېقىنقى بازارنىڭ ئاجىزلىشىشى، ئۇكرائىنا ۋەقەسى، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى، يېلۇننىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى بازارنىڭ فۇكۇس نۇقتىسىغا ئايلىنىشى، گولدىمان ساچېسنىڭ سەيشەنبە كۈندىكى ئەڭ يېڭى دوكىلاتىنىڭ چىقىرىلىشى، كەلگۈسى بىرقانچە كۈندىكى بازاردا ئۈچ چوڭ كىرزىس ئامىلى پەيدا قىلشى مۇمكىن. نومۇرا ئاكسىيە ئانالىزچىسى تەتقىقات دوكىلاتىدا ئۆي مۈلۈك ساھەسى جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى ئەڭ چوڭ كىرزىس دىگەن ھەمدە كەلگۈسىدىكى 12 تۈرلۈك چوڭ كىرزىسنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
1. تەمىنلەشنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىشى: جۇڭگودىكى تۇرالغۇ ئۆي تەمىنلەشنىڭ كۆلىمى 2000-يىلى پەقەت 497 مىليون كىۋادىرات مېتىر بولغان، بۇ سان 2013-يىلغا كەلگەندە 2 مىلىيارد 596 مىلىيون كىۋادرات مېتىرغا يىتىپ 423% ئاشقان.
شەھەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرىلىشىدىغان ئۆي ھەجىمىدىن قارىغاندا 2013- يىلى جۇڭەونىڭ 30.6 كىۋادرات مېتىر بولۇپ ياپونىيە ۋە ئەنگىلىيە بىلەن تەڭلەشكەن. ئۆي مۈلۈك ساھەسىگە سېلىنغان مەبلەغنىڭ GDP دا ئىگەللىگەن نىسبىتىدىن قارىغاندا، 2012- يىلى 9.5% كە يىتىپ، ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە ئىتالىيەلەرنىڭ ئۆي مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ گۈللەنگەن مەزگىلدىكىدىن ئېشىپ كەتكەن.
2. ئىسكىلات جۇغلانمىسى: ئۆي مۈلۈك ساھەسىگە ھەدىدىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغانلىقنىڭ تىپىك ئاقىۋىتى ئىسكىلات جۇغلانمىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، 2009- يىلىدىن ئىلگىرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۇرالغۇ ئۆينىڭ ئىسكىلات مىقدارى ئاساسەن مۇقىم بولغان، ئەمما 2009يىلدىن كىيىن تېلىكتە 324 مىلىيون كىۋادرات مېتىرغا كۆپىيىپ، 182% ئاشقان.
ئىسكىلات جۇغلانمىسىنىڭ تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى بولسا قۇرلۇش باشلاش كۆلىمى بىلەن سېتىش كۆلىمىنى سېلىشتۇرۇش، ئىككىسى ئارىسىدىكى پەرق 2009 يىلدىن كىيىن تېزلىكتە كېڭەيگەن.
3. ئۈچىنچى، تۆتىنچى قاتلام شەھەرلەرنىڭ ئۆي مۈلۈك بازىرى ناھايىتى ئاجىز.
4. سېتىۋېلىش كۈچى بارغانسىرى ناچارلىشىشى: ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتۈپ كەتكەن بەش يىلدا ئۆي مۈلۈكنىڭ باھاسى 7% ئاشقان، ئەمما ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى 11.9% بولغان، ئۆي مۈلۈكنىڭ كىرىمى تۆۋەنلىگەن.
5. نوپۇسنىڭ يۆنىلىشى پايدىسىز: 2012-يىلى جۇڭگونىڭ خىزمەت يېشىدىكى نوپۇسى 3 مىلىيون 450 مىڭ ئازايغان بولۇپ، بۇ 1996- يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىملىق تۆۋەنلەش بولغان. ئەمگەك كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشى ئۆي مۈلۈك بازىرىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن، ئەمگەك كۈچى بازاردا قەرزنىڭ كۆپىيىشىنى يۇقىرى كۆتىرگەن، بۇ ئۆسۈمنىڭ ئۆرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆي مۈلۈك قەرز تەننەرخىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
6. شەھەرلىشىشنىڭ ئاستىلىشى: جۇڭگونىڭ شەھەرلىشىش سۈرئىتى ئاللىقاچان ئاستىلاشقا باشلىدى. 2013-يىلى جۇڭگونىڭ نوپۇسى 2.7% ئاشتى، بۇ 1996- يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ئېشىش سۈرئىتى بولۇپ، 2000-2010- يىلغىچە بولغان 4% لىك ئېشىش سۈرئىتىدىن كۆپ تۆۋەن.
7. ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى: 80- يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى ياپونىيە، 2008-يىلدىن ئىلگىرىكى ئېرلاندىيە، ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا ھەممىسىدە ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ جىددىي تەڭشىلىشى ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
8. ئۆسۈمنىڭ ئەركىنلىشىشى: ئۆسۈمنىڭ ئەركىنلىشىشى ئۆسۈمنىڭ ئۆسۈشىنى پەيدا قىلدى، تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرزنىڭ ئۆسۈمىنىڭ ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ تەڭشىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
9. كاپىتالنىڭ ئەركىنلىشىشى: كاپىتالنىڭ ئەركىنلىشىشى جۇڭگودىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى پۈتۈن دۇنيادا كۆپ خىللاشقان مەبلەغ سېلىشقا يول ئاچتى، مەبلەغنىڭ سىرتقا ئېىقىشى ئۆي مۈلۈك كىرزىسىنى پەسەيتتى.
10. ئۆي مۈلۈك بېجى: 24-فېۋرال ئېچىلغان G20 يىغىنىدا، جۇڭگونىڭ مالىيە مىنىستىرى جۇڭگودا ئۆي مۈلۈك بېجىنى ئىسلاھ قىلىشنى تېزلىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
11. چىرىكلىك: ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشىنىڭ كۆپىيىشى بارغانسىرى كىرزىسنى يۇقىرى كۆتىرىشكە يۈزلىنىشى مۇمكىن.
12. زىمىن ئۆتۈنۈپ بېرىش جىددىيلىكىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى: باھانىڭ تەڭپۇڭلىقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 2013-يىلى جۇڭگودا زىمىن ئۆتۈنۈپ بېرىش 52.4% ئاشقان بولۇپ، تۇنجى قېتىم 4 تىرىلىيون يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ئۆتكەن.
كۆلەمنىڭ تەڭپۇڭلىقى بويىچە، نومۇرانىڭ مۆلچەرىدە 1- لىنىيەدىكى شەھەرلەردە زىمىن ئۆتۈنۈپ بېرىش7% ئاشقان، 2- لىنىيەدىكى شەھەرلەردە 3.7% ئاشقان، 3-،4-لىنىيەدىكى شەھەرلەردە 23.3% ئاشقان. باھا بويىچە 159.3% ۋە 57% ئاشقان بۇ كەلگۈسىدە تەمىنلەش تەڭپۇڭلىقىنى بۇزىۋېتىشنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىشى مۇمكىن.