سۈرەتتە: روسىيە ئالاقە تورى VKontakte دا ئامېرىكىنىڭ روسىيەگە قاراتقان ئىمبارگو (جازالاش) سىغا قارىتا قارشىلىق كۆرسىتىلدى.
روسىيە RT تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ 24-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، روسىيەنىڭ قىرىم رايونىنى يۈتىۋېلىش مەسىلىسىگە قارىتا ئامېرىكا بىر قاتار جازالاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. روسىيە تورداشلىرى بۇنىڭغا نىسبەتەن ئىنكاس بىلدۈرۈپ ئالاقە تورىدا ئامېرىكىنىڭ ئىمبارگوسىنى مازاق قىلدى. روسىيە ئالاقە تورى توردا «روسىيەنى جازالاش ئۆزۈمنى جازالاشقا باراۋەر» تېمىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىمبارگوسىغا قارىتا ئۆزگىچە بولغان قارشىلىقىنى بىلدۈرگەن.
«بىزنىڭ جازالىشىمىز» تېمىسىدىكى تور بېكەت تورداشلارنى ئۆزلىرىنىڭ جازالاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرغان ھەمدە ھەر خىل سۈرەتلەرنىڭ ئۈستىگە «بىزنىڭ جازالىشىمىز» دېگەن خەتنى يېزىپ تورغا يوللاشقا چاقىرغان. ھازىرغا قەدەر Facebook、Instagram、Twitter ۋە روسىيە ئالاقە تورى VKontakte قاتارلىق تور بېكەتلەردە نەچچە مىڭلىغان «بىزنىڭ جازالىشىمىز» تېمىسىدىكى سۈرەتلەر چىقىرىلغان. مەسىلەن بىر قىسىم كىشىلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ روسىيە ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىنى چەكلەش، يەنى ئۇلار ۋوتكا ئىچىشىنى چەكلەش، روسىيە قاتلىمىسى يېيىشىنى چەكلەش، روسىيە مۇزىكىلىرىنى چېلىشىنى چەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇنداق جازالاش تەدبىرلىرىدىن يەنە «ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ مەن ياخشى كۆرىدىغان ۋوتكا ئىچىشىنى چەكلەش»، «ئوباما ۋە ئامېرىكا پارلامىنت ئەزالىرىنىڭ مېنىڭ مۈشۈكۈمنى سېلىشىنى چەكلەش»، «ئوباما، ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى، پارلامىنت ئەزالىرىنىڭ مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى تەبرىكلىشىنى چەكلەش»، «ئوباما ۋە ئامېرىكا پارلامىنت ئەزالىرىنىڭ مېنىڭ ماشىنامغا چىقىشىنى چەكلەش» قاتارلىقلار بار. VKontakte ئالاقە تورىدا يەنە نۇرغۇن تورداشلار ئوبامانىڭ ئالاقە تورىدىكى تور بېكىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن.
ئۇندىن باشقا روسىيە ساقچىلىرى ھەپتە ئاخىرىدا موسكىۋادىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا 10 نەپەر قارشىلىق بىلدۈرگۈچىنى قولغا ئالغان بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكىنىڭ روسىيەنى جازالىشىغا قارشى تۇرغان. بۇ كىشىلەر مەيدىسىگە نىشان مەركىزى سىزىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستىغا يەنە «مېنى ئاتمامسەن» دەپ يېزىۋالغان ئىدى. بۇندىن بۇرۇن ئوباما روسىيەنىڭ قىرىم رايونىنى يۈتىۋالغانلىق قىلمىشى ئۈچۈن روسىيەگە قاتتىق ئىمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى، روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 20 نەپەر خادىمىغا قارىتا ئىقتىسادى جازا بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئالماشتۇرىشىنىمۇ چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئۇندىن باشقا روسىيەنىڭ بانكىسىمۇ ئىمبارگو يۈرگۈزۈش نىشانى بولغان. روسىيە تەرەپ بۇنىڭغا نىسبەتەن ئۆزلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتىرلىك ئىمبارگو يەنە جازالاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئامېرىكىنىڭ بۇنداق ئەخمىقانە قىلىقى پەقەت ئۆزىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خالاس، دېدى.