21-ئەسىر پەن-تېخنىكىسىنىڭ 26-مارت خەۋىرى: كۆپلىگەن بانكىلار ئۈچىنچى تەرەپ پۇل تۆلەش ئورگىنى بولغان قولاي پۇل تۆلەش (快捷支付) سودا سوممىسىنى تۆۋەنلەتكەندىن كېيىن، تۆنۈگۈنكى ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە سودا سانائەت بانكىسى قولاي پۇل تۆلەش ئېغىزلىرىنى پەيدىنپەي ئىتىۋەتكەن. سودا سانائەت بانكىسىدىكى ئالاقىدار زاتلار تۆنۈگۈن بۇ ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئالىپاي (支付宝) نىڭ سودا سانائەت قولاي پۇل تۆلەش ئېغىزىنىڭ سانى ئازلىغانلىقىنى، تېخنىكىدا سودىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. كەلگۈسىدە قولاي پۇل تۆلەش ئېغىزى بىردەك خاڭجۇغا يۆتكىلىدىغان بولۇپ، باشقا تارماق بانكىلارنىڭ ئېغىزى ئىتىۋېتىلگەن.
سودا سانائەت بانكىسىدىكى ئالاقىدار زاتنىڭ دېيىشىچە، كۆپلىگەن پۇل تۆلەش ئېغىزىنى كۆپلىگەن تارماق بانكىلار ئايرىم-ئايرىم باشقۇرغاچقا،
تېخنىكا ۋە باشقۇرۇشتا ئاسانلا مەسىلە كۆرۈلگەن، خەۋپ-خەتەر ئامىلى مەۋجۇت ئىكەن. ئالىپاي تۇرۇشلۇق خاڭجۇدا سودا سانائەت بانكىسىنىڭ جېجىياڭ تارماق بانكىسى مەخسۇس ئالىپاي قولاي پۇل تۆلەش ئېغىزىنى ئاسرايدىكەن ۋە باشقۇرىدىكەن، بۇ خېرىدارلارنىڭ بىخەتەر سودا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
تەرجىمىدە: ئەكبەر