ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسى بىلەن بويىن شىركىتى ئەيىبلەشكە دۇچ كەلدى

ۋاقتى : 2014-03-27  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئابدۇللا كۆرۈلىشى : قېتىم

20140327105728214.jpg

 

مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسى بىلەن بويىن شىركىتى ئەيىبلەشكە دۇچ كەلدى
 
يەر شارى تورى 27 – مارت خەۋىرى:ئەنگىلىيە رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ 26 – مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئەسلىدە بېيجىڭغا قاراپ ئۇچماقچى بولغان، مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ MH370ناملىق نۆۋەتچى ئايرۇپىلانى يوقاپ كەتكىلى ئىككى ھەپتە بولۇپ قالدى، مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ۋە بويىن شىركىتى قازاغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى تەرىپىدىن ئەيىبلىنىشكە دۇچ كەلدى، شۇڭا، ئامېرىكىدىكى بىر ئادۋوكاتلىق ئىش ئورنى مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ۋە «بويىن» شىركىتى قاتارلىق مۇشۇ ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىۋەتتى.
ئامېرىكا ئىلىنويى شىتاتى چارلاش سوت مەھكىمىسى بۇ قېتىملىق قانۇنىي دەۋانى قوبۇل قىلدى، شۇ يەرلىك ئادۋوكاتلىق ئىش ئورنى ئايرۇپىلان تىجارىتى قىلىۋاتقان مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىلەن شۇ ئايرۇپىلاننى ياسىغان «بويىن» شىركىتىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، مەزكۇر ئايرۇپىلاننىڭ يوقاپ كېتىشى بىلەن ئۇنىڭ ياسىلىشى ئوتتۇرىسىدا بىرەر باغلىنىشلىق دەلىل ئىسپات بار يوقلۇقىنى بىلمەكچى بولدى. مەزكۇر ئادۋوكاتلىق ئورنى مۇنداق دېدى، ئۇششاق زاپچاسلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان باشقا شىركەتلەرنى ئەيىبلەش خىزمىتى بەلكىم كەلگۈسى نەچچە كۈن ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن.
قازاغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ دەۋا تەلىپىگە قارىتا مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىلەن بويىن شىركىتىنىڭ باياناتچىسى ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىدى.
3 – ئاينىڭ 8 – كۈنى، بويىن 777 ناملىق نۆۋەتچى ئايرۇپىلان مالايسىيا پايتەختى كۇئالالۇمپۇردىن كۆتىرىلىپ بېيجىڭغا قاراپ ئۇچۇش يولىدا يەر يۈزى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. 24 – چىسلا، مالايسىيا تەرەپ مۇنداق دېدى، سۈنئى ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەرنى ئانالىز قىلىش نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشىچە، ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان بۇ ئايرۇپىلان ئاۋسترالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىپ، ئايرۇپىلاندىكى خادىملار ۋە يولۇچىلاردىن بىرمۇ كىشى ئامان قالمىغان.
 

 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا