
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 14-دېكابر خەۋىرى: چەتئەل ئاخبارات تورلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران پرېزىدېنتى ھەسەن روھانى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىككىنچى مايمۇننى ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغانلىقىنى جاكارلىغان.
روھانىنىڭ تور بېتىدە دېيىلىشىچە، ئىران تۇنجى قېتىم سۇيۇق يېقىلغۇ ئىشلىتىپ، Pajohesh ناملىق راكېتا بىلەن مايمۇننى ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان. Fargam ياكى Auspicious ئىسىملىك بۇ مايمۇن يەر شارىغا بىخەتەر قايتۇرۇپ كېلىنگەن.
مەزكۇر تور بەت راكېتا قويۇپ بەرگەن ۋاقىت قاتارلىق تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىغان.
ئىران 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ئالەم بوشلۇقىغا مايمۇن ئېلىپ ماڭغان ئالەم كېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقارغان ھەمدە يەر يۈزىگە قايتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.