
بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 14-دېكابر خەۋىرى: ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى (Ravina Shamdasani) راۋىنا شامداسانى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، ئىنسانىي ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ چاڭ سۇڭ تىكنىڭ شىمالىي كورىيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ئېتىپ تاشلانغانلىقىدىن خەۋەردار بولغانلىقىنى، بۇ ۋەقەگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ب د ت نىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، راۋىنا يەنە ئىنسانىي ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ ئىلگىرى چاڭ سۇڭ تىكنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
راۋىنانىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋەقە شىمالىي كورىيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ خالىغانچە تەلۋىلىك قىلىدىغان ھەمدە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى ئاشكارىلىق ۋە ئادىللىق تەرتىپىنىڭ كەمچىللىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. چاڭ سۇڭ تىك مەيلى قايسى جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنسۇن، ب د ت قەتئىي ھالدا ئاشكارا سوتلىنىشى كېرەك دەپ قارىغان ھەمدە ھەر قانداق ئەھۋالدا، بولۇپمۇ ئادىل سوتلاش ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلغان قىلمىغانلىقى ئېغىر دەرىجىدە گۇمانلىق بولغان ئەھۋالدا ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە قارشى تۇرغان.