ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

بو شىلەي تۈرمىدە ياتماقتا جىياڭ فېڭ پروگىراممىغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا

ۋاقتى : 2013-12-14  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

 

بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى تەيۋەن جوڭشى ئېلېكترون گېزىتىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىشىچە، بو شىلەي بىر ئائىلە كىشىلىرىنى باققان دالىيەنلىك سودىگەر شۈ مىڭ (徐明) نىڭ بۇرۇنقى قىز دوستى، بو شىلەي جەمەتىنىڭ فرانسىيە كانناېسدىكى داچىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، كۆپ قىرلىق سالاھىيەتكە ئىگە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سابىق رىياسەتچىسى جىياڭ فېڭ (姜丰) يېقىندا «جەنۇب ھەپتىلىكى» سۈرەتكە ئالغان ھۆججەتلىك فىلىمگە رىياسەتچىلىك قىلىش شەكلىدە قايتا نامايان بولغان.
گۇاڭدۇڭ «جەنۇب ھەپتىلىكى» 12-ئاينىڭ 11-كۈنى ئورگان مىكرو بلوگىدا يازما يوللاپ: نوبېلنىڭ ئارخىپلىرى» ناملىق 5 قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەنلىكىنى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سابىق رىياسەتچىسى جىياڭ فېڭنى ئالاھىدە رىياسەتچىلىككە تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ يىل 43 ياشقا كىرگەن جىياڭ فېڭ جۇڭگو مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئۇزۇن مۇددەت رىياسەتچىلىك قىلغان، ئۇ لىياۋنىڭلىق بولۇپ، لىياۋنىڭدا 20 نەچچە يىل ۋەزىپىگە ئولتۇرغان جۇڭگو كومپارتىيىسى چوڭچىڭ شەھەرلىك پارتىكومىنىڭ سابىق سېكرىتارى بو شىلەي بىلەن ئوبدان تونىشىدۇ. بو شىلەيگە بۇ يىل 8-ئايدا سوت ئېچىلغاندا، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، شۈ مىڭ بو شىلەيگە ياردەم قىلىپ فرانسىيە كاننېس داچىسىنى سېتىۋالغان، بو شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەي ئەنگلىيىلىك سودىگەر نېيىل خېيۋۇد ھەمدە فرانسىيەنىڭ ئارخېتېكتور دىۋىل بىلەن ئارقا-ئارقىدىن ماجىرالاشقان، ئەسلىدە داچىنىڭ نېيىل خېيۋۇدنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى %50 پېيىنى دىۋىلغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، دىۋىل داچىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن، كېيىن گۇ كەيلەينىڭ تەلىپى بىلەن ھەممە پېيىنى سۈ مىڭ قىز دوستى جىياڭ فېڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
جىياۋ فېڭ ئەينى چاغدا مىكروبلوگىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئەينى چاغدا شۈ مىڭ بىلەن توي قىلمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ كىچىك خوتۇنى ياكى ئاشنىسى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن. جىياڭ فېڭنىڭ نۆۋەتتىكى ئېرى ئەنگلىيەلىك. جىياڭ فېڭنىڭ داغدۇغىلىق ھالدا قايتا نامايان بولدى، ئۇنىڭ كونا دوستى بو شىلەي بولسا چىرىكلىك ۋە خىيانەتچىلىك جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، چىنچېڭ تۈرمىسىنىڭ ئېسىل تۈرمە تامىقىنى يەپ ياتماقتا.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا