
ب د ت تورىنىڭ 12-دېكابر خەۋىرى: ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ماسلاشتۇرۇش بۆلىمى ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى قىسقىچە دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پايتەخت بانگىدا ئالدىنقى ھەپتە قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى داۋاملىق كەسكىنلەشكەن، مۇسۇلمانلار ۋە خرىستىئان قوراللىق كۈچلىرى داۋاملىق توقۇنۇشقان، پايتەخت بانگى بىلەن ئارىلىقى 300 كىلومېتىر كېلىدىغان بوساڭگوئا شەھىرى مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ھەربىي كۈچگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان، قۇتقۇزۇش ئورگانلىرىمۇ يەرلىك بىلەن ئاشلىق ياردىمىنى قانداق تەمىنلەش ھەققىدە مۇزاكىرە قىلغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بانگى ھەمدە ئاساسلىق شەھەر بوساڭگوئادا قوراللىق گۇرۇھلارنى قورالسىزلاندۇرۇش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما 12-ئاينىڭ 5-كۈنى بانگىدا يەنە كەسكىن قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 500 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن، 127 مىڭ ئادەم دۆلەت ئىچىدە سەرگەردان بولۇشقا مەجبۇر بولغان، قۇتقۇزۇش خادىملىرى نۆۋەتتە 461 جەسەتنى بايقىغان. مۇسۇلمانلاردىن تەشكىللەنگەن سېلېكا قوراللىق كۈچلىرىنىڭ باش قوماندانى مۇھەممەد سالىھ 12-ئاينىڭ 10-كۈنى بانگىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا قازا قىلغان.
نۆۋەتتە بانگىدىكى 100 مىڭدىن ئارتۇق سەرگەردان چېركاۋ، مەسچىت ھەمدە بانگى خەلقئارا ئايروپورتى قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ئاساس قىلغان 30 ئورۇنغا توپلاشقان ھەمدە تۇرۇپ قالغان، يېمەكلىك، سۇ، داۋالاش بۇيۇملىرى، سەھىيە ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ياردەمگە جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەن.