
بىرلەشمە سەھەر گېزىتى 13-دېكابىر خەۋىرى: جەنۇبىي كورىيە مېدىيەلىرى ئۇچۇر بەرگۈچى خادىمنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، شىمالىي كورىيەدىكى ئىككىنچى نومۇرلۇق شەخس چاڭ سۇڭ تىك موللاق ئاتقاندىن كېيىن، ئىككى مۇئاۋىن باش مىنىستىرنىڭ يېقىندا جۇڭگوغا قېىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە سۆز-چۆچەك تارقالغان.
جۇڭگو ياشلار تورى خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى مۇئاۋىن مىنىستىرنىڭ ئىچىدىكى بىرى قوشۇمچە دۆلەت پىلان كومىتېتىنىڭ باشلىقى رو تۇ-چول، يەنە بىرى مۇئاۋىن باش مىنىستىر قوشۇمچە خىمىيىۋى سانائەت مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى رى مۇ-يوڭ ئىكەن.
جەنۇبىي كورىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر ئىككى مۇئاۋىن باش مىنىستىر جۇڭگونىڭ پاناھلىق بېرىشىگە ئېرىشكەن.