ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

چاڭ سۇڭ تىكنىڭ موللاق ئېتىشى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى قاتتىق چۆچۈتتى

ۋاقتى : 2013-12-13  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورى 12-دېكابىر خەۋىرى: تەيۋەن بىرلەشمە ئاخبارات تورى خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيەدىكى ئىككىنچى نومۇرلۇق شەخس چاڭ سۇڭتىك ئوچۇق-ئاشكارا ھاقارەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ موللاق ئېتىشىغا نىسبەتەن ئەڭ تەشۋىشلەنگىنى دەل جۇڭگو ئىكەن، چۈنكى كۆپ قېتىم بېيجىڭنى زىيارەت قىلغان چاڭ سۇڭ تىك جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى تەكىتلەيدىغان ۋەكىللىك شەخس، بىراق شىمالىي كورىيەنىڭ چاڭ سۇڭ تىكنى ئەيىبلىگەن جىنايەتلەرنىڭ بىرى جۇڭگوغا كان مەھسۇلاتلىرىنى ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىش ئىدى.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىچە 67 ياشلىق چاڭ سۇڭ تىك ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان شەخس بولۇپ، شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىن جوڭئۇننى نازارەت قىلالايدۇ. كىم جوڭئۇننىڭ ھاممىسىنىڭ يولدىشى چاڭ سۇڭ تىكنى تۇيۇقسىز ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى جۇڭگونىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان.
شىمالىي كورىيەدىكى 14 يېڭى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون چاڭ سۇڭ تىك تەرىپىدىن بىر قوللۇق قۇرۇلغان. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت كەسپىنىڭ پروفىسورى، شىمالىي كورىيە مەسىلىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى جۇ فېڭ سۆز قىلىپ: «چاڭ سۇڭ تىك شىمالىي كورىيەدىكى ۋەكىللىك شەخس، جۇڭگو شىمالىي كورىيەنىڭ ئىقتىسادىنى ئىسلاھ قىلىشتىكى ئۈمىدنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان، بۇ قېتىملىق تازىلار ۋەقەسى شۇملۇقتىن دېرەك بېرىدۇ» دېگەن.
چاڭ سۇڭ تىكنى ئەيىبلەشتىكى جىنايەتلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرسى دۆلەت بايلىقىنى ئەرزان باھادا سېتىش بولۇپ، بۇ بىۋاسىتە جۇڭگوغا قارىتىلغان، چۈنكى جۇڭگو شىمالىي كورىيەنىڭ تۆمۈر رودىسى ۋە باشقا كان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغان ئەڭ چوڭ خېرىدارى. كىم جوڭئۇن ھاكىمىيەت تۇتۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، شىمالىي كورىيەنىڭ كان مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىكى ھەققىدە ئاغرىنغان، شىمالىي كورىيە بىلەن جۇڭگو شېرىكلەشكەن كارخانىلارنىڭ كان مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى باھادا ئېكسپورت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگو مېدىيەلىرى كىم جوڭئۇننىڭ نارازىلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن بولۇپ، ئەرزان مال سېتىۋالغۇسى بار جۇڭگو كان سودىگەرلىرى بۇنىڭغا نىسبەتەن غەزەپلەنگەن، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە بىر نەچچە سودىگەر شىمالىي كورىيەدىكى تىجارىتىدىن ۋاز كەچكەن.
جەنۇبىي كورىيە بىرلىك مىنىستىرلىكىنىڭ قارىشىچە، چاڭ سۇڭ تىكنىڭ دۆلەت بايلىقىنى ئەرزان باھادا سېتىش جىنايىتى ئېنىقلا بېيجىڭغا قارىتىلغان، چاڭ سۇڭتىك شىمالىي كورىيە ۋە بېيجىڭ بىلەن ئالاقە قىلىدىغان ۋاسىتىچى بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.
چاڭ سۇڭتىك بارلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ھەمدە پارتىيىدىن چىقىرىۋېتىلگەن.
12-ئاينىڭ 9-كۈنى شىمالىي كورىيە مېدىيەلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاڭ سۇڭ تىكنىڭ جىنايىتى پارتىيىگە، ئىنقىلابقا قارشى تۇرۇش، خىيانەتچىلىق، قالايمىقان ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، دۆلەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى پارك گېن خېي 12-ئاينىڭ 10-كۈنى دۆلەت ئىشلىرى يىغىنى ئاچقاندا بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى تازىلىغانلىقىنى، كىم جوڭئۇننىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىشى قدردېلىقلدې جەنۇب ۋە شىمالىي كورىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تۇراقسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى، كورىيە يېرىم ئارىلى بىلەن شەرقىي شىمالىي ئاسىيا ۋەزىيىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى، شىمالىي كورىيەگە بولغان ھوشيارلىقىنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىقىنى ئېيتقان.
جەنۇبىي كورىيە تەھلىلچى زاتلىرىنىڭ قارىشىچە، چاڭ سۇڭ تىكنىڭ بىر تۈركۈم جىنايەتلەرنى ئۆزىگە يۈكلىۋېلىشى، كىم جۇڭئۇننىڭ چاڭ سۇڭ تىكنى پۈتۈن خەلقنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇپ، تازىلاش ھەرىكىتىنى ئەقىلگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلغانلىقىدىن ئىكەن. شىمالىي كورىيە ئەمگەك ئاخبارات گېزىتى تەشۋىق قىلىشىچە، خەلق ئاممىسى چاڭ سۇڭ تىك ئۆتكۈزگەن جىنايەتلەرگە نىسبەتەن قاتتىق غەزەپلەنگەن بولۇپ، چاڭ سۇڭتىكنى كۆيدۈرۈۋېتىشكە ۋەدە قىلغان.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا