–ئالىمجانغا نېمە بولدى؟
–ئۇ ئۆگېنىشنى ياقتۇرمايدۇ، ئۆگېنىشتىن بىزار، ھەتتاكى ئۆگېنىشكە ئىچ– ئىچىدىن ئۆچ.
–نىمىشقىدۇ؟
–چۈنكى ئۇ ئىمتاھانلاردا دائىم ئۆتەلمەيدۇ. خەنزۇتىلىدىن ئۆتەلمىگەنلەر ئىچىدىمۇ ئۇ بار، فىزىكىدا ئۆتەلمىگەنلەر ئىچىدىمۇ ئۇ بار، يەنە تېخى فىزىكا ئوقۇتقۇچىمىز قىزىل رەڭلىك قەلەم بىلەن ئۇنىڭ ئىمتاھان قەغىزىگە : «قەغەز يۈزى رەتسىز، پىكىر يولى قالايمىقان، قارىماققا ئادەم يازغاندەك قىلمايدۇ!» دەپ باھا سۆزى يېزىپ قويۇپتۇ.
ئۇ بىرىنجىلىكنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلايدۇ، بىراق ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۆزىنىڭ بىرىنجى بولالايدىغانلىقىغا كۆزى يەتمەيدۇ. بۇرۇنقى ۋاقىتلارنى ئويلاپ كۆرسەك، ئۇنىڭمۇ ناھايىتى دەۋر سۈرگەن ۋاقىتلىرى بولغان: باشلانغۇچتا ئۇدا ئالتە يىل ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولغان، شەھەرلىك «ئۈمىد لوڭقىسى» مۇسابىقىسىدە ئىككىنجى بولغان، باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەندە تولۇقسىزغا ئىمتاھانسىز قوبۇل قىلىنغان. بىراق، تولۇقسىزغا چىققاندىن كېيىن بىرىنجى قېتىملىق سەۋىيە مۆلچەرلەش ئىمتاھانىدا، ئۇ 22. بولۇپ قالدى، شۇنىڭدىن ئېتبارەن، ئالىمجان ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتتى، ھەتتا ئۇ ئۆزى ئەڭ ياقتۇرىدىغان فىزىكا دەرسلىكىنىمۇ خالىسا ئاڭلاپ، خالىمىسا ئاڭلىمايدىغان بولدى، تاپشۇرۇقلارنىمۇ ئەستايىدىل ئىشلىمەس بولدى...