-
«رەنجىمە (بۇ ناخشىغا ئامراق بولۇپ قالدىم)» - [كۆرگەن- بىلگەنلىرىمدىن]
2009-03-03
ئادەمنىڭ ئۆمرىدە تۇنجى ئۇچرىشىشىدىلا ئامراق بولۇپ قالىدىغان ۋە قايتا– قايتىلاپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشسىمۇ زېرىكمەيدىغان نەرسىلەر كۆپ بولمىسا كېرەك. ئىلگىرىمۇ بۇنداق نەرسىلەر ۋە ئادەملەر بولغان ،لېكىن ئۇ چاغدا بلوگ يازمىغاچقا ئايرىم خاتىرلەپ قويۇشنى ئويلىمىغان، بۈگۈن نىمىشقىكىن سەلكىندىكى تور تۇرالارنى ئارىلاۋىتىپ «رەنجىمە» ناملىق بۇ ناخشىنى بىر ئاڭلاپلا ياقتۇرۇپ قالدىم، ھەم قايتا– قايتا ياندۇرۇپ ئاڭلاپ كەتتىم. ناخشا تېكىستى ئاددى بولسىمۇ، لېكىن مۇزىكىدىكى سېھرى كۈچ ۋە ناخشىنى ئورۇنلاش سەنئىتى ماڭا ئۇزاق مەزگىل يوقىتىپ قويۇپ ئىزدەپ تېپىۋالغان تونۇش بىر نەرسەمنى قايتا ئۇچراتقاندەك تۇيغۇغا ئەكېلىپ قويدى.