<<  باشلىقىڭىزدا ياخشى تەسىر قالدۇرۇشنىڭ ئېپى | باش بەت | مەن گۇناھكار  >>
  • شېرىن چۈش كۆرۈش سالامەتلىككە پايدىلىق - [تەپەككۈردىن تەرمىلەر]

    2009-02-28

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35877096.html

    ئۇيغۇر ، مەردان، كۆڭۈلنى كۆرۈش

     شېرىن چۈش كۆرۈش سالامەتلىككە پايدىلىق

    شېرىن چۈش كۆرۈش سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپ، ئادەمگە ئەڭ قالتىس ھالدىكى كۆڭۈل ھوزۇرىنى ئاتا قىلىدۇ.  نۇرغۇنلىغان تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە چۈش ئارقىلىق بىر قىسىم پىسخىكا ۋە فىزىئولوگىيلىك كېسەللەرنى داۋالاش تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. 
    مەسىلەن:
    ئېسىل تائام شېرىن چۈشى — ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەي، ئۇنىڭ ئورنىغا چۈچۈكبويا، قارا ئەندىز ۋە دولانا قاتارلىقلاردىن شورپا قىلىپ بىر پىيالىدىن ئىچىپ ئۇخلىغاندا چۈشىدە لەززەتلىك تائاملارنى يېگەنلىكىنى كۆرىدۇ. چۈنكى چۈچۈكبويا ئاشقازاننى تەڭشەپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان تاتلىقلىق تەمىنى پەيدا قىلىدۇ، دولانانىڭ ھەزىم قىلىشقا پايدىسى بولۇپ، قارا ئەندىز ئىللىق ئېچىرقاش سېزىمىنى پەيدا قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئورتاق تەسىرى ئاستىدا ئۇيقۇ ۋاقتىدىكى ئىشتىھانى پەيدا قىلىپ ئوزۇقلۇق ئىزدىگەن ۋە ئېسىل تائاملارنى يېگەنلىكىنى چۈشىدە كۆرگەندەك بولىدۇ. چۈشىدە ئېسىل تائام يېيىش ئىشتىھاسى تۆۋەن بولۇش ۋە ئىشتىھاسىزلىققا قارىتا قىممەتلىك داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ بىرى. 


    ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تەرجىمە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى