-
باشلىقىڭىزدا ياخشى تەسىر قالدۇرۇشنىڭ ئېپى - [تەپەككۈردىن تەرمىلەر]
2009-02-28
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35876370.html
باشلىقىڭىزدا ياخشى تەسىر قالدۇرۇشنىڭ ئېپى
بەلكىم سىز ئېينىشتىيىنغا ئوخشاشلا ئەقىللىق بولۇپ، ئۆزىڭىزگە خاس ئىجادچانلىقلارغا ئىگىسىز، بىراق نېمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ نەزىرىدە يەنىلا ئېتبارغا ئېلىنماي يۈرۈيسىز؟ ئاۋۋال بۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇ– ھەسرەت چەكمەڭ، تۇرمۇشنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تۆۋەندىكى مۇھىم نۇقتىلار بويىچە قىلىپ كۆرسىڭىز سىز باشلىقىڭىزنىڭ نەزىرىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئالتۇنغا تېگۈشكۈسىز قابىليەتلىك كىشى بولۇپ قالىسىز.
1.ئىشقا بالدۇر بېرىڭ.
سىزنىڭ خىزمەتكە چىقىش ۋاقتىڭىزغا ھېچكىم دىققەت قىلمايدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ، باشلىقلار كۆزىنى يوغان ئېچىپ تۇرۇپ بۇ ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىدۇ. ئەگەر بۇرۇنراق خىزمەت ئورنىڭىزغا يېتىپ بارسىڭىز بۇ سىزنىڭ نۆۋەتتىكى قىلىۋاتقان خىزمىتىڭىزگە ئېتبار نەزىرىڭىز بىلەن قارايدىغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ.
2.بەك تەرسالىق قىلماڭ.
خىزمەتلەر داۋاملىق كېڭىيىپ تۇرىدۇ، دائىملا «بۇ مېنىڭ خىزمەت دائىرەمدىكى ۋەزىپە ئەمەس» دەپ باھانە تېپىپ مەسئۇلىيەتتىن قاچماڭ. نۆۋەتتىكى نورمىدىن ئارتۇق خىزمەتلەرنىڭ سىزگە تەقسىم قىلىنىشىنى سىزگە بولغان سىناق دەپ چۈشىنىپ كۆرۈڭ.
3.خاپىلىقتىن خوشاللىق ئىزدەڭ.
سىز قوبۇل قىلغان خىزمەت قانچىلىك ئېغىر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر جان كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ تىرىشىپ ياخشى ئىشلەڭ، ھەرگىزمۇ قەيەردىن قول سېلىپ ئىشلىشىڭىزنى بىلمەي قالغاندەك ئىپادىدە بولماڭ.
4.دەرھال قول سېلىڭ.
خىزمەتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن دەرھال قول سېلىپ، تېز، دەل ۋاقتىدا ئورۇنلاڭ، ئىنكاسى تېزلىكنىڭ كىشىگە بەرگەن تەسىرىنى ئالتۇن بېرىپ تېگىشكۈسىز قەدىرلىك .
5.بايقاپ سۆزلەڭ.
خىزمەت ۋەزىپىسىدىكى مەخپىيەتلىكلەرنى قەتئىي سىرتقا ئاشكارىلىۋەتمەڭ.
6.باشقۇرغۇچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يېتىشىپ مېڭىڭ.
باشلىقنىڭ ۋاقتى سىزنىڭكىدىنمۇ قىممەتلىك، مەيلى ئۇ سىزگە قانچىلىك ۋاقىتلىق خىزمەت بۆلۈپ بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ چوقۇم سىزنىڭ نۆۋەتتىكى قىلىۋاتقان ئىشىڭىزدىن مۇھىم بولغان بولىدۇ.
7.شان– شەرەپ باشلىققا مەنسۇپ بولىدۇ.
ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا باشلىقىڭىزنىڭ شان– شەرىپىنى قوغداپ قېلىڭ.
8.ئېغىر– بېسىق بولۇڭ.
ھەرقانداق ئەھۋالغا يولۇققاندا سوغۇققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلسىڭىز، باشلىنىشتىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن بولىسىز. باشلىق ۋە خېرىدارلار خەۋپ ئىچىدە چىرايىنى ئۆزگەرتىپ قويمىغان كىشىلەرگە قايىل بولۇپلا قالماي، ئىشنى لايىقىدا بېجىرگەن كىشىدىن تېخىمۇ ھوزۇرلىنىدۇ.
9.بەك كۆپ ئۈمىد باغلاپ كەتمەڭ.
ھەممىلا ئىشنىڭ سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدەك بولۇشىغا ھەرگىز چوڭ ئۈمىد باغلىماڭ. ئەكسىچە، سىزدە ھەرۋاقىت يۈز بېرىدىغان خاتالىقلارغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق بولۇشى كېرەك.
10.ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىڭىز يېتەرلىك بولسۇن.
مەسلىگە يولۇققاندا تولا بىر قارارغا كېلەلمەيدىغان ياكى باشقىلارنىڭ قارارىغا بەك تايىنىۋالىدىغان ئادەملەرنىڭ بىر ئۆمۈر قەدىرسىز بولۇشى پىشانىسىگە پۈكۈلگەن.
11.ئۇچۇر ئىگەللەشكە ماھىر بولۇڭ.
مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر ئادەم بولۇش ئۈچۈن، يالغۇز سۈرەت– ئاۋاز ۋاستىلىرىدىن ئۇچۇر ئىگەللەش يېتەرلىك بولمايدۇ، گېزىت– ژورنالنى كۆپ كۆرۈش ئەڭ بىۋاستە بىلىم مەنبەسىگە ئېرىشىشتۇر.ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تەرجىمە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
历史上的今天:
شېرىن چۈش كۆرۈش سالامەتلىككە پايدىلىق 2009-02-28رىئاللىق ۋە خىيال 2009-02-28ھەقىقىي شېئىر قانداق بولىدۇ؟ 2009-02-28باي دادا ئىككىنجى باپ 5. قىسىم 2009-02-28
收藏到:Del.icio.us
