نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (بۇلۇت) يېڭى نەشرى پات يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ

[ IT خەۋەرلىرى ]

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، يەككە سۆزلەردىكى بىر ياكى بىر نەچچە ھەرپنىڭ كەم يېزىلىشى، ئارتۇق يېزىلىشى ۋە ئالمىشىپ يېزىلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقىنى تېز سۈرئەتتە تاپالايدۇ ھەمدە ئىملاسى توغرا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئىملادا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتالىقلارنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرەلەيدۇ. بۇ يۇمشاق دېتال ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە قايتا ئىشلەنگەن بولۇپ، كوررېكتورلۇق ئامبىرىغا يەنە نۇرغۇن يېڭى كەسپىي ئاتالغۇلار ھەم ئۇلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىنىشى كىرگۈزۈلدى.

«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالى (شەخسلەر) يېڭى نەشرى بۇلۇت ھېسابلاش تېخنىكىسى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، 2014-يىلى 12-ئاي ئىچىدە ئېلان قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز، بۇ يۇمشاق دېتال ئىنتېرنېتكە ئۇلانغان Windows مۇھىتىدىكى كومپيۇتېردا ئىشلەيدۇ، بۇ دېتالنى توردىن چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇرسوفت ھېساباتى ئىلتىماس قىلغان دەسلەپكى 1000 خېرىدارلار ھەقسىز ئىشلىتەلەيدۇ. ھەر قېتىم مۇشۇ ھېسابات (ئىشلەتكۈچى نامى ۋە پارول) بىلەن تىزىملاپ كىرىدۇ. ھەربىر ئىشلەتكۈچى يېڭى سۆزلەرنى ئۆز ئالدىغا ساقلاپ، ئۆز دائىرىسى ئىچىدە خالىغانچە ئىشلىتەلەيدۇ. بۇنداق سۆزلەرنىڭ سانى مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، قەرەللىك تەستىقلىنىپ ئاساسىي ئامبارغا قوشۇلىدۇ، باشقا ئىشلەتكۈچىلەر ئورتاق پايدىلىنالايدۇ.

كوررېكتورلۇق زور كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئەقلىي ئەمگەك بولۇپ، بۇنداق جاپالىق خىزمەت ئەمدى بولسىمۇ ئاپتوماتلاشسۇن، ئىش ئۈنۈمى ئاشسۇن، پېشقەدەم كوررېكتورلارنى ئاسرايلى، تور بېكەتلەردىكى ئىملا خاتالىقى ئەمدى بولسىمۇ ئازايسۇن، ئىنتېرنېتتىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئىملاسى توغرا ۋە راۋان بولسۇن. ھەممىمىز ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ ئىملاسىنى پىششىق ئۆگىنەيلى.

ئۇنداق بولسا قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ، بۇ يۇمشاق دېتالنى كۆرۈپ بېقىڭلار، چۈشەندۈرۈشلەرنى ئالدىرىماي يازاي.

===========================================
USPELL-0
(1) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاپ كىرىش كۆزنىكى
===========================================
USPELL-1
(2) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاپ كىرىش كۆزنىكى
===========================================
USPELL-4
(3) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاپ كىرىش كۆزنىكى
===========================================
USPELL-3
(4) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاپ كىرىش كۆزنىكى
===========================================
USPELL-5
(5) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاپ كىرىش كۆزنىكى
===========================================
USPELL-6
(6) ئەمەلىي مىسال ئۈچۈن ئىزدىنىش تور بېكىتىدىن ئەڭ يېڭى تېمىدىن بىرنى كۆچۈرەيلى
===========================================
USPELL-7
(7) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا چاپلايلى
===========================================
USPELL-9
(8) ئىملا تەكشۈرۈش نەتىجىسى يۇقىرىقىدەك بولۇپ، نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ ئىملاسىدا مەسىلە بار ئىكەن. قىزىل رەڭدە بويالغانلىرى ئىملاسى گۇمانلىق بولۇپ، ئىملا ئامبىرىغا كىرمىگەن سۆزنى كۆرسىتىدۇ، يېشىل رەڭدە بويالغانلىرى ئىملاسىدا دائىم خاتالىشىدىغان سۆزنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرەلەيدۇ.
===========================================
USPELL-8
(9) ئىملا تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە بۇ مەزمۇننىڭ توغرىلىقى %81.25 بولۇپ، گۇمانلىق سۆزلەر %18.75، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرەلەيدىغان سۆز %38.89 ئىكەن، يەنى %38 خىزمەتنى پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك بېجىرىدۇ.
===========================================
USPELL-10
(10) ئۇنداق بولسا ئىملا توغرىلاپ باقايلى
===========================================
USPELL-11
(11) «توغرىلاش»نى باسسىڭىز، ئەسلىي سۆزنى نامزات سۆز «ئۇسۇلىنىڭ»غا ئۆزگەرتىدۇ.
===========================================
USPELL-12
(12) «ئاپتوماتىك لۇغەتكە قوشۇش»نى باسسىڭىز، بۇنىڭدىن كېيىن بارلىق ماقالىلەردە ئەسلىي سۆز «شېركەتلەرنىڭ»نى كۆرگەن ھامان «شىركەتلەرنىڭ»گە ئالماشتۇرىدۇ، ھازىرقىدەك توختاپ سىزگە نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ يۈرمەيدۇ، ئاپتوماتىك ئىملا توغرىلاش ئۈنۈمى ئېشىپ بارىدۇ.
===========================================
USPELL-13
(13) «ئۆتكۈزۈش»نى باسسىڭىز، بۇ سۆزنى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ، ئەمما كېيىنكى قېتىم بۇ سۆزنى ئۇچراتسا يەنە توختاپ نامزات سۆزنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
===========================================
USPELL-14
(14) «ھەممىنى توغرىلاش»نى باسسىڭىز بۇ سۆزنى توغرىلايدۇ ھەمدە مۇشۇ ماقالىدە بۇنىڭدىن كېيىن يەنە مۇشۇنداق سۆزنى كۆرسە، ئاپتوماتىك توغرىلايدۇ، سىستېمىدىن چېكىنىپ قايتا كىرسىڭىز، بۇنداق ئۆزگەرتىش ئەمەلدىن قالىدۇ.
===========================================
USPELL-16
(15) «ئاپتوماتىك لۇغەتكە قوشۇش»نى باسسىڭىز، بۇ سۆزنى توغرىلايدۇ ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن يەنە مۇشۇنداق سۆزنى كۆرسە، ئاپتوماتىك توغرىلايدۇ، سىستېمىدىن چېكىنىپ قايتا كىرسىڭىزمۇ بۇنداق ئۆزگەرتىش ئەمەلدىن قالمايدۇ.
===========================================
USPELL-17
(16) «ھەممىنى توغرىلاش»نى باسسىڭىز، مۇشۇ بىر ماقالە ئىچىدە بۇنداق سۆزلەرنى داۋاملىق توغرىسىغا ئۆزگەرتىپ ماڭىدۇ، قايتا-قايتا توختاپ سىزگە نامزات سۆز تەۋىسيە قىلمايدۇ
===========================================
USPELL-18
(17) «توغرىلاش»نى باسسىڭىز، ئەسلىي سۆزنى تاللانغان نامزات سۆزگە ئۆزگەرتىدۇ.
===========================================
USPELL-19
(18) مائۇس ئىسترېلكىسىنى يېشىل رەڭدە بويالغان سۆزنىڭ ئۈستىگە يۆتكەپ، سول كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، بۇنداق سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى %100 ئاپتوماتىك توغرىلاپ، كۆڭ رەڭگە ئۆزگەرتىدۇ. كوررېكتورلۇق قىلغاندا خۇددى ئويۇن ئوينىغاندەكلا ھېس قىلىسىز.
===========================================
USPELL-20
(19) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاپ كىرىش كۆزنىكى
===========================================
USPELL-22
(20) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاپ كىرىش كۆزنىكى
===========================================
USPELL-23
(21) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاپ كىرىش كۆزنىكى
===========================================
USPELL-24
(22) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاپ كىرىش كۆزنىكى
===========================================
USPELL-25
(23) ئاپتوماتىك ئىملا توغرىلاش ئىقتىدارىنى كۆرۈپ باقايلى
===========================================
USPELL-26
(24) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاپ كىرىش كۆزنىكى
===========================================
USPELL-27
(25) كۆك رەڭدە بويالغان سۆزلەر پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك توغرىلانغان سۆز.
===========================================
USPELL-28
(26) سېرىق رەڭدە بويالغان بۇ يەردىكى تىنىش بەلگىلەردە مەسىلە بار ئىكەن، بوش ئورۇندىن كېيىن تىنىش بەلگىسى كەلمەيدۇ
===========================================
USPELL-29
(27) تىنىش بەلگىلەردىكى بۇنداق خاتالىقلارنى پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرەلەيدۇ. قېنى كۆرۈپ باقايلى
===========================================
USPELL-30
(28) يېشىل رەڭدە بويالغان جايدىكى تىنىش بەلگىلەر پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك توغرىلاندى.
===========================================
USPELL-31
(29) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاپ كىرىش كۆزنىكى
===========================================
USPELL-32
(30) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاپ كىرىش كۆزنىكى
===========================================
USPELL-33
(31) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاپ كىرىش كۆزنىكى
===========================================
USPELL-34
(32) ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىغا تىزىملاپ كىرىش كۆزنىكى

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
95 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئاپلا …….. ماۋۇ يەركەندە تور يوق …… بۇ دېتالنى ئىلان قىلغان ۋاقتىڭىزدا خەۋەر تاپالماي قالىدىغان بولدۇق دە …. بولۇپمۇ ئاۋۇ 1000 ئادەمنىڭ بىرسى بولالمايدىغان بولدۇق. …………..

    بىزنىمۇ ئويلاپ يەركەنگە تەقسىم بولغان ھەقسىز ساننى تارقىتىۋەتمەي تۇرسىڭىز تېخى ياخشى ……..

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 22:07
  • ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بوپتۇ . 1000 ئەزا ھەقسىز بولسا دىتال تارقىتىلىپلا ئوشۇق نومۇر ئىلىپ نومۇر سىتىش ئىشى چىقىپ كىتەرمۇ . بۇنىڭغا قارىتا ئىشلارنى ئويلاپمۇ بولدۇڭلار ھەقىچان …

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 20:20
  • بىردىن بىردىن ئاپتوماتىك كۆرسىتىپ قىلغىنى توغرا. يازغان ئادەم ئۆزىنىڭ خاتا يازغىنىنى، توغرىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك.
    ئەگەر بىر پاتمان خاتا خەتنى دۆۋىلىۋېتىپ، بىر بۇيرۇقنى بېرىپ قويۇپ،سىيگىلى كىرىپ كەتسە ئاپتوماتىك توغرىلاپ بەرسە، يازغان ئادەم مەڭگۈ توغرىسىنى بىلمەيدۇ. بۇنىڭسىزمۇ لۇغەت دېگەنلەرگە قاراپمۇ قويمايدىغۇ ھازىر نۇرغۇن خەق. ئىملا خاتالىقىنىڭ بۇنچە ئەۋج ئېلىپ كېتىشى كىتابسىزلىقتىن. بىزدە كىتابنى ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىلا ئوقۇيدۇ دەيدىغان جاھالەت ئېغىر. كۆپ كىتاب ئوقۇغان ئادەم ھېچنىمە يازمىسىمۇ ئىملاسى تەبىئىي توغرا بولىدۇ.
    نېمىلا دېمەيلى، مۇشۇنداق رايىش، ئىقتىدارلىق، كۆيۈمچان، ماسلىشىشچان بىر ئوقەتنىڭ دۇنياغا كەلگىنى ھېسابسىز كاتتا ئىش، تور نۇسخىسىنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ شۇنداق. بۇ ئەھمىيەت چوقۇم خەت يازغان ئادەمگە توغرا ئىملانى ئۆگىتەلىشى ئاساسىدا قىممەت تاپىدۇ دەپ ئويلايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى am 01:35
  • ئالىم مۇئەللىم، مەن نەشرىياتتا ئىشلەۋاتقىلى ئون نەچچە يىل بوپتۇ. دەسلەپكى كوررېكتور نۇسخىڭىزنى 2005 – يىلى ئەتراپىدا ئىشلەتكەن. پەقەت يېڭى ئىملاغا ئالماشتۇرۇپلا قويۇپسىز. بۇنى قىلىپ ناھايىتى ياخشى قىلىپسىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 18:04
  • مۇبارەك بولسۇن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 16:43
  • ماڭىمۇ بېرنى ئەپ قۇياڭلار دوستلار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 19:08
  • كۆپ رەھمەت ئالىم مۇئەللىم ! ھارمىغايسىز!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 12:08
  • بەك ياخشى ئىش بۇپتۇ قاچان كۈرەرمىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى am 10:25
  • ئالىم مۇئەللىم جاپا چەكتىڭىز رەخمەت سىزگە!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 22:50
  • ياخشىلىقىڭىز مەڭگۈ يەردە قالماس

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 18:47
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! بەك ئوبدان ئىش بوپتۇ،ھارمىغايسىز!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 14:50
  • ھەجەپ ياخشى بوپتۇ ،مەن كۆپتىن بېرى مۇشۇنداق بىر دىتال بولسىكەن دەپ بەك ئارزۇ قىلغان ئىدىم،ئەمدى بۇمۇ بارلىققا كەپتۇ،مۇشۇ ئىشلار ئۈستىدە تىنىم تاپماي،مىھنەتسىز يېڭىلىق يارتىۋاتقان جاپاكەش ئۇستازلىرىمىزغا كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن،ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىلمڭلارنى زىيادە قىلسۇن……..ئاميىن

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 12:35
  • ئالىم مۇئەللىم، ئاۋۇ كوررېكتوردا ئاستى قىزىل رەڭدە سىزىلغان دولقۇن سىزىق خاتا سۆزنىڭ ئۇزۇنلۇقىغىچە سىزىلماستىن، بەلكى شۇ سۆزنىڭ يېنىدىكى بوش ئورۇننىمۇ قوشۇپ سىزىۋېتىپتۇ. بۇ ئىككى بوشلۇق ئۇرۇلۇپ قالغان بولغاچقا شۇنداق سىزىۋەتكەن جايمۇ ياكى بىر بوشلۇق ئۇزۇلغان بولسىمۇ خاتا، دەپ ھۆكۈم قىلىۋەتكەن جايمۇ؟ قارىسام بىرلا بوش ئۇرۇن باردەك قىلىدۇ، ئەمما بوش ئۇزۇننىمۇ قوشۇپ سىزىۋېتىپتۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى am 10:11
    • راست شۇنداقكەن، كەينىدىكى بوشلۇقنى قوشۇپ سىزىپتۇ، كۆزىڭىز بەك ئۆتكۈركەن، يۇمشاق دېتال دېگەننى مۇشۇنداق سىناپ تۇرساق ياخشى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى am 09:23
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللم ھارمىغايلا……………
    مەنمۇئەمسەتۆت كۆزۇم بىلەن ساقلايمەن……………

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى am 09:40
  • ئىككى سوئال سوراپ قويسام نۇرغۇن مەخپىيەتلىكلەر ئاشكارلىنىپ كېتىپتىغۇ؟
    غەيرەت قىلىڭ، مۇئەللىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 21:36