ئىسىم: پارول: ساقلاش تىزىملىتىش
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باش بەت>> جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشىمىز لازىم

جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشىمىز لازىم

2012-06-06 9:20     كۆرۈلۈشى: 11 قىتىم ئوقۇلدى

ئاساسىي مەزمۇن: ئابدۇۋەلى ئابدۇرېھىم        پارتىيەمىزنىڭ خاراكتېرى ۋە زىممىسىگە ئالغان تارىخىي بۇرچى جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش ماھىيىتىمىزنى بەلگىلىگەن. پارتىيەمىزنىڭ يۈكسەك غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈ....

ئابدۇۋەلى ئابدۇرېھىم

 

     پارتىيەمىزنىڭ خاراكتېرى ۋە زىممىسىگە ئالغان تارىخىي بۇرچى جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش ماھىيىتىمىزنى بەلگىلىگەن. پارتىيەمىزنىڭ يۈكسەك غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇزاق يىل كۈرەش قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. پارتىيە ئەزالىرى ۋەكادىرلار قانداق شارائىتتا بولسۇن، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، توختىماستىن ئالغا ئىلگىرىلىشى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن:

     (1) كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشى زۆرۈر. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جاپاغا چىداپ يېڭىلىق يارىتىشىدا سۇبيېكتىپ بىلەن ئوبيېكتىپنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاڭ سەۋىيەسى، تېخنىكا ئىقتىدارى، ئەمەلىي خىزمەت تەجرىبىسى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئەمەلىيەتنى چۈشىنىشى، ئەمەلىيەتنى توغرا ئىگىلىشى ۋە خەلق ئۇچۇن خىزمەت قىلىشى شۇنچە چوڭقۇر بولىدۇ.

     (2) كەمتەر، ئاددىي – ساددا، ئىقتىسادچىل بولۇش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇشى زۆرۈر. ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاز ساندىكى بىر قىسىم رەھبىرىي كادىرلار راھەت – پاراغەتكە بېرىلىپ، چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىپ، خەلق ۋە دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەكتە. جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش روھى تۈرلۈك ناچار ئىللەتلەر بىلەن چىقىشالمايدۇ. ھەممىگە مەلۇم، ئىقتىسادىي بايلىق مەنبەسى چەكلىك، لېكىن ئىنسانلارنىڭ ئىستېمال ئارزۇسى چەكسىز بولىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ زىددىيىتى ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان مەڭگۈلۈك مەسىلە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغايدۇ. پەقەت ئەمگەك ئارقىلىقلا ئىگىلىك تىكلىگىلى ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. ئاددىي ئەمگەكچى بولۇش، سەمىمىي بولۇش، ھۇرۇنلۇق قىلماسلىق، تەلەپنى ئالدى بىلەن ئۆزىگە قويۇش، سۆلەتۋازلىق قىلماسلىق، ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش ئىنتايىن مۇھىم.

     (3) ئۆزىنى بىلىشكە ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر. رەھبىرىي كادىرلار ئالدى بىلەن ئۆزىنى بىلىشى، ئۆزىگە ئىشىنىشى، بىرەر ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالايدىغان بولۇشى، بىرەر تەدبىر ۋە سىياسەت بەلگىلەشتە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئوي – پىكرى بولۇشى، باشقىلارنىڭ ئاغزىغا قارىماسلىقى، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە ئىشىنىشى لازىم. ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى، مول ئەمەلىي خىزمەت تەجرىبىسى، ئۇنىۋېرسال ساپاسىغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىشى لازىم. ئەگەر ئۆزىنى ئۆزى تونۇماي، ئۆزىنى ئاجىز كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش روھى بولمىسا، ئىشلارنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرالمايدۇ.

     (4) مول ماددىي بايلىق ۋە مەنىۋى بايلىق يارىتىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشى زۆرۈر. خەلق جەمئىيەتتىكى مول ماددىي بايلىق ۋە مەنىۋى بايلىقلارنىڭ ياراتقۇچىلىرى. ئىنسانلار ياشاش ئۈچۈن يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك ۋە تۇرار جاي لازىمەتلىكلىرى قاتارلىق ماددىي تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بۇلارنى ئەمگەكچى ئامما يارىتىدۇ. ئەمگەكچىلەر ئالدى بىلەن ماددىي تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىگە ئىگە بولمىسا، ئۇلارنىڭ سىياسى، ئىلىم – پەن ۋە سەنئەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمگەكچىلەر ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز تەجرىبە توپلاپ، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ۋە تېخنىكىسىنى يېڭىلاپ، جەمئىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. رەھبىرىي كادىرلار جەمئىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنى يارىتىشقا بىۋاسىتە قاتناشقۇچىلار، پىلانلىغۇچىلار ۋە قوماندانلىق قىلغۇچىلار بولغانلىقتىن، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

     دېمەك، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش پارتىيەمىزنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى. ھازىرقى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قىلىش ھەم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش جەريانىدا بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ قاتتىق ئىشلەپ، جاپا تارتىشتىن قورقماي، راھەت – پاراغەتكە بېرىلمەي، خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، خەلق بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولساقلا، ئىشلىرىمىز غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

خەتكۈچ:
تورغا يوللىغۇچى: تۇران تېكىن
ئىنكاس يوللاش
 تېخى ئىنكاس يوللانمىدى.

( تېز يوللاش ) Ctrl+Enter