-
ئۆلۈمنىڭ سىرتى - [شېئىرلىرىم]
2009-05-15
ئابدۇرېشىت سۇلايماننىڭ «ئۆلۈمنىڭ سىرتىدا» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇپ
ئۆلۈم بىر پارچە ئەينەككە ئوخشايدۇ،
قارىساڭ ئۆزۈڭنى كۆرەلمەيسەن.
ئۆلۈم ئېقىۋاتقان سۇ ئۆزىگە قاراپ
ھەي، ئۇ خاتىرەڭدىكى تۇپا باسقان ۋەتەن. -
ئاسمان - [شېئىرلىرىم]
2009-05-10
ئاسمان ئەسلى ئاسمان ئىدى
ئاسمان بولۇشتىن ئىلگىرى.
بىلىمەن، ئۇ بۈگۈنمۇ يەنە-
زەڭگەر رەڭگە كىرمەكتە ئەنە. -
بىر قىز ھەققىدە... - [شېئىرلىرىم]
2009-05-09
سېنى ئايدىن ئايرىغىلى بولمايدۇ،
سېنى كۆرگەن ئاي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ.سېنى كۈزىتىپ ئولتۇرۇپ قېرىپ كېتىمەن،
كۆزلىرىمدە تۈنەپ قالىدۇ بىر تال ئاققۇ. -
ھېچكىم ئۈچۈن - [شېئىرلىرىم]
2009-05-09
1. سەندىن باشلانغان
سەندىن باشلىنىدۇ
مېنىڭ يۇلۇم
مەندە ئاخىرلىشىدۇ
شۇنداق بىر تۇيغۇ.
سەندىن باشلانغان يولدا ھېچكىم ناخشا ئېيتار
جىمجىتلىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالار
قۇلۇڭدىكى ئەتىرگۈل
يامغۇرلىق كېچىنى ئە... -
چۈشلۈك ئۇيقۇ - [شېئىرلىرىم]
2009-05-09
ھەممىسى ئېسىمدىن چىقتى
ئەسنىدىم، ئاستا ئۆزۈمگە كىرىپ كەتتىم.
تاملار ئاق پېتى قالدى، كۈز دېرىزەم سىرتىدا ناخشا ئېيتىۋاتاتتى
يامغۇر يۇيۇنۇۋاتاتتى يامغۇردا سىم-سىم.
بىرسى ئىشىكىمنى چەكتى (ئاخىرقى ئىشىكىمنى)
ئادەتتىكى كۈنلە... -
بىر دەملىك تۇيغۇ - [شېئىرلىرىم]
2009-05-09
سېنى سۆيىمەن
چاچلىرىڭنى سىلايمەن
ئاندىن قۇلۇم پەسكە سىيرىلىپ
ئاستا ئۆزۈمدىن كېتىمەن چىقىپ.
ئۆزۈم بۇ يەردە قالىدۇ
سېنى قۇراشتۇرۇپ ئاۋارە بولىدۇ
ئۇ يەردە قاتىللىق يۈز بېرىدۇ
قېلىچىم پارە-پارە بولىدۇ قانغا مېلىنىپ.
... -
نۇرغۇن گىپىم بار ساڭا دەيدىغان - [شېئىرلىرىم]
2009-05-09
نۇرغۇن گەپلىرىم بار ساڭا دەيدىغان
قەلبىمدە.
ئۇچراتسام دەپ يۈرۈيمەن سېنى
باھارنىڭ بۇ ئايدىڭ كېچىسىدە.
گۈللىرىم توزۇپ بولدى،
ئاق بوز ئېتىم باغلاندى.
ساڭا بېغىشلانغان ئاخىرقى شېئىرىم
يېزىلمايلا ئاخىرلاشتى.
... -
ئىچىمدىكى قەشقەر - [شېئىرلىرىم]
2009-05-04
ئىچىمدىكى قەشقەر (1)
ئىچىمدىكى قەشقەرگە باردىم
ئۇ زامان بىلەن بۇ زامان ئارىلىقىدىكى يولدا.
يېنىمدا بىر ئايال ئۇخلايتتى
بىر ئايال ئاچ بۆرىدەك كۆزلىرىمگە قارايتتى...
شۇنداق قىلىپ قەشقەرگە باردىم.
... -
ئۆلۈم - [شېئىرلىرىم]
2009-05-04
شائىر مۇختار قادىر ھۇنزادىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاپ
ئۈلۈم قارا
ياندىن قارىساڭ
ئۆلۈم يوقلۇقتۇر
يېنىغا بارساڭ.
ئۆلۈم بىر پارچە خەتتۇر
ئۆلۈم ئەتىياز ئاپتىپىدۇر
ئۆلۈم گۇيا دېرىزەڭن... -
يېڭى مىڭ بىر كېچە - [شېئىرلىرىم]
2009-05-04
قاخشال زامانلاردىن كەلدىم
قېلىچىمدا بىر تامچە قان.
مىڭبىر كېچەمدە لەپىلدەر بايراق
كېسىلگەن باشلاردا ئاخىرقى چۇقان.
ئاتلار توپا تۇزىتىپ سىياھلارغا ئايلاندى
مەن ئۇنى سۆيەلمىدىم، ئايرىلدىم لېكىن
خەۋەرچى قۇ...