-
بىرىنچى يۇلتۇز - [شېئىرلىرىم]
2010-08-16
بىرىنچى يۇلتۇزنىڭ قىزغۇچ نۇرلىرى
دېرىزەم ئالدىدا ئوينايتتى ئۇسۇل.
مەن قاراپ تۇراتتىم تاماكا چېكىپ
يىراقلاپ باراتتى تەنھا چىغىر يول.
يايرىمنىڭ ناخشىسى، قىيا بېقىشى
يىرتىلغان خاتىرە، ئىشىك چېكىشلەر...
ئۇ كۈنى مەن ئۇنى ئۇزاتقانىدىم
ئاخىرقى ئۇرۇندۇق تۈۋىگە قەدەر.
ئىككىنچى يۇلتۇزنى كۆرمىدىم ئەسلا
دېرىزە تۈۋىگە بارمىدىم ۋە ھەم.
بىر يۇلتۇز نۇر چاچار كېچە باغرىدا
بىرىنچى يۇلتۇزنى ئەسلىتىپ ھەر دەم.
2010-يىلى 15-ئاۋغۇست