-
كۆك ئاسمان - [شېئىرلىرىم]
2010-08-16
كۆك ئاسمان داستاندۇر تېخى يازمىغان،
چاقنايدۇ بىر يۇلتۇز ئۇنىڭ باغرىدا.
لېۋىمدە بىر سۆز بار ئېيتىپ باقمىغان
ئۇ جىمجىت سايرايدۇ تورغايدەك گۇيا.
ئاشىقمەن ئۆلۈمگە، ئاشىقمەن شۇنداق
ئاشىقلىق جىېنىمنى ئالىدۇ مىڭ رەت.
تۇپىدەك ئىسسىقتۇر ئاخىرقى پىراق،
مۇھەببەت ئېچىلار ھىجراندا پەقەت.
بىر تال گۈل، بىر ئاسمان، يۈتكەن ھېكايە
ئاختۇرار كۆيگەن شۇ خاتىرىلەرنى.
تەلمۈرۈپ تۇرىسەن بىرىنچى بەتتە
تارتقۇشلاپ سۆيگۈگە قانمىغان ئەرنى.
..........