-
قاپاق تېرەك - [شېئىرلىرىم]
2010-09-20
ــــ "شاخلايدۇ" ناملىق ناخشىنى ئاڭلاپ مۇنۇ قوشاق تۇقۇلۇپ قالدى
"قاپاق تېرەك تۈۋىدە"
ئۆزلىرىنىڭ ئىزلىرى.
بىزنى مۇنچە رام قىلغان
قايسى ئاينىڭ قىزلىرى.
قېرىپ كەتتىم قۇياشتەك
لېكىن زادى ھارمىدىم.
ئىزھار قىلىپ كۆڭلۈمنى
يانلىرىغا بارمىدىم.
قاپاق تېرەك شاخلىدى
ئاڭلاپ مېنىڭ ناخشامنى.
زادى نەدە يۈرىلا
ماڭا بېرىپ ئاخشامنى.
قاپاق تېرەك كۆكلەيدۇ
ئۆزلىرىنى كۆرگەندە.
تامام بولار ھاياتىم
لەۋلىرىدىن سۆيگەندە.