-
ئابدۇرېشىت ئېلى شېئىرلىرى توغرىسىدا - [تەرمىلەر]
2010-09-10
ئابدۇرېشىت ئېلى شېئىرلىرى توغرىسىدا
ئۆز قەلب چوڭقۇرلىقىغا شۇڭغۇپ پاكىزە چىن تۇيغۇلىرىنى شېئىرىي مىسرالىرىغا سىڭدۈرگەن ياش لىرىك شائىر ئابدۇرىشىت ئېلى بىزگە شېئىرلىرى ئارقلىق نىمەدەپ پىچىرلاۋاتىدۇ؟..
بىز ئۇنىڭ يارقىن كۈيلىرى ۋە شېئىرى مىسرالىرىدىن نىمىنى ھىس قلالىدۇق؟
بۇ سۇئاللار مېنى شائىرنىڭ شېئىرلىرى توغرىسىدا ئىككى كەلىمە سۆز قلىشقا ئۈندىدى...
جىمجتلىق شائىر ئابدۇرېشىت ئېلىنىڭ دۇنياسى شائىر ئۆز جىمجتىلىقىدا (ئۆز دۇنياسىدا) چۇقان سېلىپ شېئىرىيەتنىڭ ئۇزاق داۋانلىرىدا دادىللىق بىلەن قەدەم تاشلاپ كېتىۋاتىدۇ.
مۇشۇ دەملەر ئاۋۇ دېرىزە
جىمجتىلقتۇر چاك-چاك يېرىلىغان
مەن ئۆزۈمنىڭ جىمجتىلىقدا
بەلكى ئەمدى يازارمەن داستان.
<مەن ئۆزىمنىڭ جىمجىلىقىدا>دىنشائىر بېىسپ ئۆتكەن ھەربىر قەدەمدە چىن ھېسسىيات ۋە ساپ تۇيغۇلارنىڭ ئىزى بار...ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، ئۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھاسىل بولغان تۇيغۇنى تەسۋىرلەشكە ماھىر...
دەريا بۇيى جىگدە دەرىخى
ئۆز ئۆزىگە ئېقىۋاتقان سۇ
تاشتەك مۇڭلۇق قۇياشتەك يۇرۇق
ئالقىنمىدا بىر پارچە تۇيغۇ.سەن يوق مىنىڭ ئېيتقان ناخشامدا>دىن
دەقىقە ئىچىدە غايىپ بولىدىغان بۇخىل مەنزىرە تەسۋىرى شېئىرغا ھاياتى كۈچ ئاتا قلىپ شېئىرىي كەيپىياتنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن. شېئىردىكى مۇشۇنداق دولقۇنسىمان ھالەت ھامان ئۇقۇرمەن بىلەن شېئىر ئارىسىدا بىر تۇيغۇ بوشلۇقى ھاسىل قلىپ ئۇقۇرمەننىڭ تەپەككۇر قۇشنى ئەركىن پەرۋاز قلىدۇرىدۇ.
ئىككى ئادەم مەۋجۈت ئەمەس رىئاللىقتا
شوڭا ھىكايە باشلىنىدۇ، ئاخىرلاشمايدۇ
ھېس قلىسەن ئوغلۇڭنى ئەركىلتۋېتىپ
قاراپ قالغاندى ئايرىلغاندا ئۇئايالىڭ تاماق ئېتىدۇ، دېرىزەڭ ئېچىلىدۇ
چېچىلسەن تېرىقتەك يەنە
نىمە بار مۇنچە ئۆزۈڭنى ئۇرۇپ
نىمە گۇناھ مۇشۇ سۆزلەردە
<ئاخىرىقى ياپراقتىن>دىنتۇرمۇش ئۆز قانۇنىيتى بۇيىچە بۇ مىسرالارغا سىڭىدۈرۈلۈپ، ئۇقۇرمەننى گۈزەل ۋە ئازاپلىق ياشلىق مىلودىيسگە باشلايدۇ،ئاندىن ئەسلمە قوينىدىن قايتىپ چىقىپ تۇرمۇشنىڭ ئەينەن تەسۋىرىنى سىزىپ چقىش ئارقلىق بۇ شېئىردىكى كەيپىياتنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ شېئىرنىڭ بەدىئىي مۇھاپەقىيىتىنى جۇلالاندۇرىدۇ...
شائىر ھاياتى بىلەن شېئىر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت: شائىرىمىزنىڭ نۇرغۇن شئېرلىرى ئويدۇرۇپ چىقىرلغان تەسەۋۇرنىڭ مەھسۇلى بولماستىن بەلكى، چىن رېئاللىق، يۇقىرى بەدىئى ماھارەت،چىن تەسەۋۇر، كۈچلۈك ئىلھام ۋە تىرشچانلىقنىڭ مەسئۇلى....
ئۆيۈمگە كىرگەندەك ئازغان دوستلىرىم
قۇتۇلۇش ئسىتكى ياسىدى قىيان.
ھاياتىم رەھىمسىز دۇنيا ئالدىدا
بەرمەكتە ئامالسىز ھالدا ئىمتىھان.بىلمەيمەن قانداق چۈش كۆرەرمەن كېچە
ھازازۇل خۇتۇنۇم چاقىرار بەلكىم.
گۇمانلىق مۇھىتتا ئايان بولماقتا
تائابەت پۈتمەس مۇشۇ شېئىرىم.
<ھاياتىم رەھمىسز دۇنيا ئالدىدا>
شائىر مۇھىت ۋە شېئىر ئوتتۇرسىدىكى گارمونىڭ مۇناسىۋەت،شائىرنىڭ چۈش بىلەن رىئاللىق ئارىسىدىكى تېڭىرىقىشى شېئىرغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىدە ئەكس ئېتىپ،بىزنى شائىرنىڭ ئىچىكى دۇنياسى بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ...
پىچىرلىدىم ئابدۇرىشىت ئېلى
تېخى ھايات يۈرمەكتە بۇندا.
كۈل بولماقتا چەكسز قىسمەتلەر
ئۇنىڭ يىراق سەرسانلىقىدا.
<يۇشۇرۇن پىچىرلاش>دىنتەقدىرنىڭ سىناقلىرى ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ھايات مۇساپىسى قاتارلىقلار شائىرنىڭ قەلمى ئاستىدا كەلگۈسىدىن پىچىرلاپ تۇرۇپ بىشارەت بېرىۋاتىدۇ...
ئابدۇرىشىت ئېلىنىڭ شېئىرلىردىكى تەسەۋۋۇر ئۇسلۇبى:تەسەۋۋۇر ئىپادىلمەكچى بولغان ئىچكى ھىسيات بىلەن شائىرنىڭ قايناق ھاياجىنى ئارىسىدا كاتالىزاتۇرلۇق(تۇقۇنۇشتۇغۇچى) رۇلىنى ئوينايدۇ.تەسەۋۋۇر ئىپادىلمەكچى بولغان ھىسيات ئۈچۈن خىزمەت قلىشى كېرەككى ھەرگىزمۇ قالايمىقان قوراشتۇرۇلغان سۆز ئۇيىنىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك...ئابدۇرىشىت ئېلى شېئىرلىرى تەسەۋۋۇر ئۇسۇلىدا ئۆزگىچىلككە ئىگە بۇلۇپ، ئىچكى ھىسياتنى ئىپادە قلىشتا سۆز بىلەن مەنە قاراتمىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ...
بىز بىلگەن سەرسان چۆچەكلەر
جىگدە شاخلىرىدا ئولتۇرار توڭۇپ.
بۇ مىسرادىكى ئىسق شاماللار
سېنى بىر سۈيۈشتەك ئۆتكۈسى نۇقۇپ
<ئاشىق مەشۇقلار بايرىمىدىن>دىنمانا بۇ شېئىررىتىمغا ماسلىشىپ كېتىۋاتقان ئويناق تەسەۋۋۇر شائىرنىڭ ھىس ھاياجىنى بىلەن بىرلىشىپ ئىچكى ھىسياتنى ئىپادىلەشتە مۇھىم رول ئوينىغان.چۆچەكلەرنىڭ توڭلىشى...شامالنىڭ نۇقۇشى... شائىرنىڭ ئەينى ۋاقتىكى قىزغىن كەيپىياتنى ئۇقۇرمەنگە ھىس قلىدۇرىدۇ.
قارىدىم
سائەتتىكى بەش چۈشتى ئەينەكلەر ئارىسىدىن
فىۋىرال ئايلىرىدىكى كۈڭۈلسىز شامال
ئىشكمنى چەكتى ئاھ بىردىن
...
يىغلىغىن باھاردەك
ۋىسال ئەتىرگۈللىرى ئېچىلسۇن دەيلى
دەرەخلەردە جىمجىت ھاياجان
دېرىزىدە يالڭاچ لەيلىبۇخىلىدىكى تەسەۋۋۇر ئۆز ئارا سىغىشىپ مەنە ئىپادىليەلەمەيدىغان سۆزلەر ئارىسىدا باغلىنىش ھاسىل قلىپ،شېئىردىكى تۇيغۇنى بەدىئى يۈكسەكلىككە كۆتىرگەن.
ئابدۇرىشىت ئېلى شېئىرلىرىدىكى دېرىزە ئىماگىغا نەزەر
ئابدۇرىشىت ئېلى شېئىرلىرىدا دېرىزە ئىماگى كۆپ جايلاردا ئۇچىرايدۇ،ھەم ئۇ ئۆز ئورنىدا ھەرخىل مەنە قاتلىمنى شەكلەندۈرىدۇ...
1-دېرىزە-تۇرمۇش
ئابدۇرىشىت ئېلى تۇرمۇشقا چۆككەن شائىر...ئۇ تۇرمۇشنى چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرگە ئىگە مىسرالىرى ئارقلىق سۆرەتلەپ چىققان...
ئايالىڭ تاماق ئېتىدۇ دېرىزەڭ ئېچىلىدۇ.
چېچىلسەن تېرىقتەك يەنە
نىمە بار مۇنچە ئۆزىڭنى ئۇرۇپ
نىمەگۇناھ مۇشۇ سۆزلەردە
..
دېرىزىنىڭ ئېچلىشى...تۇرمۇشنىڭ ئىسىق سوغۇقى ۋە ئاچچىق چۈچۈكلىرى ئۆزئارا باغلنشى ھاسىل قلىپ ئوخشاش بىر مەنە كاتوگىرىيسىدە راۋاجلانغان.2-دېرىزە-كۆڭۈل قەسىرى
مەن تاش ئەمەس
لىكىن ھەسىرەت ئىزەلمەس مېنى
كۈڭۈلچەك دېرىزەمدە سۇنار قۇياش، ئاي
ئەسلتىپ تەقدىرنىڭ قۇرغاقلىقنى
<مەن تاش ئەمەس>دىن
شائىر روھىدىكى تەۋرەنمەس ئىردە بىلەن كۆڭۈلچەكلىك ئوتتۇرسىدا ھاسىل بولغان تەڭ قىسلىق بىزنى ھامان ئويغا سالىدۇ... ۋىجىدا غۇرۇر ۋە كىشلەر ئارا مىھىر مۇھەببەت گاھ بىردەكلىككە ئىگە بولسا گاھ قارشلىشىپ قالىدۇ.شائىر بۇ نۇقتنى پىشقان قەلمى ئارقلىق بىزگە يەتكۈزۈپ بەرگەن.3-دېرىزە:-دىن
بۈگۈن كۈنگە يەكشەنبە
چوڭقۇر يالقۇن ف ھەرىپىدە
دېرىزەم گۈلدەك ئېچىلدى
7-ئاي ئىستقامەتتە
<بۈگۈن كۈنگە يەكشەنبە>
دىنى تۇيغۇ شېئىرنى تاكاموللىششقا يۈزلەندۈرىدىغان مۇھىم ئامىل...ئاپتۇر بىزنى دىنى تۇيغۇ قاتلىمغا سۆرەپ كىرشتە دېرىزىدىن ئىبارەت بۇ ئىماگدىن ناھايتى قابىللىق بىلەن پايدىغلانغان...يەكشەنبە-ف ھەرىپى -دېرىزە-7-ئاي ئارىسدا گۇناھ ۋە ئىبادەت ئورتاق مەۋجۈت بۇلۇپ دىنى ئىدىيە يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈلگەن...
4-دېرىزە:شائىر
دېرىزەم چېكىلگەندە
مەن ھەرىپلەر ئورمانلىقىدا كىيىك قوغلايمەن.
شائىر روھىيەت غەزىنسى چېكلىگەندە ئۆز قەلب چوڭقۇرلىقىغا ئىچكىرلەپ كىرىپ،شېئىردىن ئىبارەت بۇ ئەركە كىيكنىڭ ئارقىسىدىن يۈگىرەيدۇ...مانا بۇ شائىر ئابدۇرىشىت ئېلى.
مەن شائىرنىڭ بۇنىڭىدىن كىينىكى ئىجادىيتكە زورئۇتۇق تىلەيمەنبلۇگ يازغۇچىسى ئىزاھاتى: بۇ ماقالە بىلقۇت تورىدا ئۇچراپ قېلىپ بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ قويدۇم. ئەسلى مەنبەدە ماقالە ئاپتورى ئىزاھلانمىغان.