-
شېئىر، كۆز ياش ۋە پارلاش - [تەرمىلەر]
2010-09-10
شېئىر، كۆز ياش ۋە پارلاش
ئاپتور: ئابدۇقادىر قارلۇق
)ئابدۇرېشىت ئېلى شېئىرلىرى ھەققىدە)شېئىرغا گۈزەل قىزلارغا ھەۋەسلەنگەندەك ھەۋەسلىنىپ، ئوتتەك ئىشتىياق ۋە ئەسەبىي قىزغىنلىق بىلەن شېئىر ئوقۇپ يۈرگەن ئەزىزانە قەشقەردىكى يىگانە كۈنلەرنىڭ بىرىدە، « ئابدۇرەشىد ئەلى » ئىسىملىك بىر شائىر تۇيۇقسىز دىققىتىمنى تارتقان ئىدى. مانا بۈ كەمگىچە بۇنىڭغىمۇ 6-7يىللار بولۇپ قالدى. مەن ئەينى چاغلاردا، غايىۋى ھالدا تونۇشقان بۇ شائىرنىڭ يازمىلىرىنى كېيىنكى كۈنلەردىمۇ مەتبۇئاتلاردا دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان ھەم ئۇنىڭغا ئالاھىدە قىزىقىش ئىچىدە دىققەت قىلىدىغان بولدۇم.تېخى كېيىنچە ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە ئەسرارلىشىپ « رىۋايەتلەردىكى جەننەتنىڭ ئۆزى» ھىساپلانغان قەدىمىي خوتەن شەھرىدە ئۆئارا مۇڭداش ھەم دەرتداش بولۇپ ياشايدىغان دىلكەش بۇرادەرلەردىنمۇ بولۇپ قالدۇق.دەرۋەقە، خوتەننىڭ دائىم توپا يېغىپ تۇرىدىغان غەيرىي كېلىماتى بىزنىڭ تەبىئەت بىلەن سىردىشىپ ئېرىشىدىغان ئۇلۇغۋار ئىلھام ۋە رىغبەتلىرىمىزگە توسالغۇ بولالمايتتى.
...
مەن ئۆز قىزىقىش ھەۋەسلىرىمگە جۆر بولۇپ ئۇنى كۈزەتتىم، ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا ھەم ئىستەكلىرىگەيېقىنلاپ باقتىم.ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ يازۇلىرىغا چوڭقۇرلاپ كىرىش ئۈچۈن تىركەشتىم...مەيلى بىز كىم بولايلى، ئەگەر ئۇنىڭ ھاياتىنى ئىزاھلىماقچى بولساق، شۇنداق دىيىشكە ھەقلىقمىزكى، ئۇنىڭ بۈگۈنگىچە كەلگەن 30نەچچە يىللىق ئۆمرىدە شېئىر ئۇنىڭ تىنىغىغا ئايلاندى. ئۇ ئۆز ھاياتىنىڭ مەنىسىنى شېئىر بىلەن ئىسپاتلاپ كەلدى. ھاياتتىكى ماڭدامدا بىر يولۇقۇپ تۇرىدىغان تەتۈر قىسمەتلەر، خورلۇقلار،ئاچ-زارلىق ھەم تاشتىن قاتتىق مۇھتاجلىق ئۇنىڭ قەددىنىلا ئەمەس، روھىنىمۇ ئېگەلمىدى. ئۇ كۆرمۈشلەر ئالدىدا كۈندىن- كۈنگە قەيسەرلىشىپ كېتىۋاتقاندەك رىئاللىقنىڭ شاۋ-شۇۋلىرىغا سالماق نەزەر،تەمكىن پۇزېتسىيە ۋە سوغۇققان ئەقىل بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ھاياتنى تەبىئىي ئۆز يولىدا ئىزىغا سېلىۋالغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ كۈندىلىك ھاياتى بىلەن قوشۇپ، ئەقىل ۋە ھىسسىياتتنىڭ يۇغۇرۇلغان ئېزگۈ جۇلالىرىغا ئايلانغان شېئىرلىرى بۇنىڭدىن روشەن بىشارەت بېرىپ تۇراتتى.
رىئاللىققا ئۆتكۈر كۆزى بىلەن قارايدىغان، بارلىق ئىشقى ۋە سۆيگۈسى بىلەن دۇنيانى قۇچاقلاشقا تەييار تۇرغان شائىرنىڭ يازمىلىرىدىن پەقەت ئۆتكۈنچى ھاياجان ئوقچۇشلىرىنىلا ئەمەس،بەلكى دىلرەبا ھىس-ھاياجان گىرەلەشمىسىدىن ئۆركەشلىگەن ئەقىل ۋە پاراسەت لەھزىسىنىمۇ بايقىماق تەس ئەمەس...قېنى، بىز ئەمدى ئۇنىڭ بىرقىسىم يازمىلىرىنىڭ زاھىرەن ئەسرارلىرىغا سەرخۇش كەيىپ بىلەن نەزەر سېلىپ باقايلى!
مەنىلەر چەكسىز. شائىر چاڭقاپ تۇرغان روھىغا يۆلۈنۈپ ھاياتلىق سەھىپىلىرىدىكى گۈزەللىك مەنزىلىگە ئات سېلىپ ۋۇجۇد دالاسىنىڭ ئەسلىي مەنزىرىسىنى نامايەن قىلىپ ئادەم بىلەن تەبىئەتنى ئۆزئارا يۇغۇرۇپ چەككىلەپ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا قانداش تومۇرداشلىغىدىن ئىبارەت يارقىن پاكىتنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ:دەرەخلەر ناخشا ئېيتمايدۇ،
شاماللارئۆزىنى ئىزھار قىلالماس دېرىزىلەرگە.
بىردىنلا قېرىيدۇ زاكىدا بوۋاق
تاشلاپ بەرسەڭ يېزىپ دەپتەرگە.قىشتا قار ياغىدۇ، ئاپتاپ چىقمايدۇ
قەلەم قاپچۇقتا، رەسىمدە ئاسمان.
مەن چۈمۈلگەن دەريادا بىر پارچە ئاق تاش،
مەن كۆيگەن ئوتلاردا قەدىمقى چۇقان.گۈلۈڭنى ئالمىدىم، ئالماڭنى يىدىم
كۆزۈمدە چۆكمەكتە 'خەير' دېگەن سۆز.
كەتتىڭ بىر ئاق ئاتقا مىنىپ خىيالدەك
بۇسۇغام ئۈستىدە ئاخىرقى كۈندۈز.
«"ئاخىرقى كۈندۈز"» دىنئادەمنىڭ ئۆلۈمىمۇ يۈكسەك بىر مەنا! ئۆلۈمنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىدە ياتقىنى قاينام-تاشقىنلىق ۋە رەڭگارەڭ ھاياتلىق.ئۆلۈم، يۈرەكنى جىغىلدىتىدىغان ئۆلۈمنىڭ ئىسپاتلاۋاتقىنى ئەبەدىيلىكنىڭ ئۆلمەس ھەقىقىتى..
سۆزلەر كىمدۇر ياش ئىچىدە ئۆمىلەپ،
رىئاللىققا قار يامغۇرلار تامچىلار.
دەرېزىدە چېقىلىدۇ نىھايەت،
ۋاپادار تۈن مەھبۇس قۇياش يۇلتۇزلار.
«"ئۆلۈم ئىچىدە"»دىن.ھاياتلىق ئۆلۈمگە مەڭگۈ يېقىن تۇرغان جەريان.ئۇنىڭ تامچىلاۋاتقان ھەر بىر دەقىقىسىدە، ئۆلۈمنىڭ سىرلىق شەپىسى شىۋىرلايدۇ.زەھەر ھىدى گۈپۈلدەيدۇ. شائىر ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىق ئارىسىدىكى ئارغامچا ئۈستىدىكى تەڭشەكنىڭ ماھىيتىگە ئايلانغان ھەقىقەتنى تىمىسقىلايدۇ. ھەسرەت ئازاپلار، قايغۇ دەرتلەر، ماتەم-قارىلىقلارنىڭ مىسرالاردىكى مەنىلەرگە ئايلانغان جەزبىسى ساڭا يېڭى كارۋان توپىدىن بىشارەت
بەرمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟!
بەلكىم شۇتاپ شەرەپ قۇچقان باغرىمدا،
ئويلىماقتا بىرقىز ئۆلۈپ قېلىشنى.
بىر سىقىم كۈل كۆزئالدىمدا لەپىلدەر،
ئەسكە سېلىپ ھاياتىمنى يىرتىشنى.
«"ئۆلۈم ئىچىدە"»دىن.ھاياتلىقنى ئۆكسۈش بىلەن ھىس قىلىۋاتقىنى شائىر.ئۇنىڭ تەقدىرىدە ئۆلۈم قەدىردان ئانىسى ئارقىلىق ماھىيەتنى ئاشكارىلىدى.ئۇنىڭ تۇيغۇلىرىدا ئۆلۈم ئۆزىنىڭ قارا سايىسىنى ئانىسى ئارقىلىق ھىس قىلدۇردى.بۇ دەھشەت مەنزىرە ئېلىپ كەلگەن پۇچۇلۇنۇش شائىرنى سەگىتتى:
شېئىر يېزىپ كەلمەكتىمەن كۆز ياش باغرىغا،
سەن ئۆلۈمنى ئىسپاتلىغان سەھەردىن بۇيان.
«"ھاياتىمنى چەكمەكتە كېچە" دىن.ھەربىر ھەقىقەتنىڭ مەنىسى ھەركىم ئۈچۈن ئوخشىمايدىغان رەۋىشتىكى تەجىربىۋىي بىلىشنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان بولىدۇ.ئۆلۈمنىڭ ئۇنىڭ نەزەرىدە ئىسپاتلانغان تئورمېدەك ئېنىق ھەم روشەن نەرسىگە ئايلىنىشى ئۇنىڭ روھىي مەنزىللىرىنى يەنە بىر مەرتە يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن دېسەك خاتالاشقان بولمايمىز. شائىر ئۆزىنىڭ ساپ تۇيغۇلىرىغا ئەگىشىپ قەلەم ئارقىلىق ھاياتلىقنىڭ تىرەن مەنىسىگە ھەر مەرتە يېقىنلاپ بارغىنىدا، زوقلانغۇچى ئۇنىڭ بارومېتر تىمسالىدىكى ئوچۇق نەزىرىگە سىڭىشىپ ئۆز بولۇپ كېتىدۇ.
ھاياتىمنى تامكىدەك چەكمەكتە كېچە،
ئاي نۇرىدەك سوزۇلماقتا سارغايغان ياپراق.
...
«"ھاياتىمنى چەكمەكتە كېچە"» دىن.شائىرنىڭ يۈرۈگىدىن ئاققان ياش تامچىلىرى لەھزىسىدە دەل ھاياتلىق ماھىيەتلىرى ئايان بولدى. ئۇنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغىنى بېزىرىپ تۇرغان تېراگىدىيە ئەۋجىدە تۇغۇلغان ئالەملىك قانۇنىيەتلەر ئالدىدىكى ھېكمەتلىك ئويغۇنۇش ئىدى.
ئاقارتماقتا ئاداققى دەم خياللىرىمنى
ئىشەنچ باردۇر پاناھ جاي ۋە بىر بۇردا ناندا.
پاچاقلىدىم بىردىنلا مەن قەپەسلىرىمنى،
قىش كۈنىدەك تەسەللىلەر قالدى ئارماندا.
«"ھاياتىمنى چەكمەكتە كېچە"» دىن.شائىر ئەقلىيلىكنىڭ سوغۇققان سېھرىگە ئۆزىنىڭ ئەنە ئەشۇنداق پەۋقۇللاددە نازۇك تىراگېدىيە تۇيغۇلىرى ئارقىلىق ئېرىشتى.رىئاللىق يەنە مۇنداق يالىڭاچ:
ماتىماتىكتەك
خىيالىمنى بۆلدى ئايالىم:
- سۇ تۈگىدى
سەن تېخىچە...
بولماس شېئىر دىگەننى يىگىلى!...
قارىسام تەڭلىمىلەر:
تۆت تام سىرتى
قۇرىمىغان كىيىم - دەملەر..
«"ئايالىمنىڭ ئاۋازى"» دىن.مەنىۋىيىتىمىزنىڭ ھامان خامانغا قېتىلغان كالا پادىسى تىمسالىدىكى بىز ئاللىقاچان كۆنگەن، پىشقان ئادەت ۋە ئەنئەنىلەر تەرىپىدىن تامغىلىنىدىغانلىغى ناھايىتى روشەندۇر. شائىرنىڭ تۇيغۇسىدا ئۇيغۇرنىڭ مەنىۋىيىتىنىڭ ئەينەنلىكى سۈپىتىدە كۆرۈنگەن ئىشىك، خىرامانلىققا كۆنگەن كىشىلەرگە ئوخشاش كۆرۈنگەن تىمتاس دەرىزە:
ئۇيغۇرغا ئوخشايدىغان ئىشىك،
كۈنگە قاراپ ئۇيقۇغا كەتكەن دەرىزە.
«"مۇنچا ۋە باشقىلار"»دىن.ياتلىششىنىڭ ئۆزى مىسلىسىز پاجىئە بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇ يەنە ساناقسىز پاجىئەلەرنىڭ ئانا يىلتىزىدۇر.ئۇنداقتا ئۆز- ئۆزىدىن ياتلىشىش قانداق كېلىپ چىقتى؟ بۇ سوئالغا ھە دېگەندىلا جاۋاب بېرىش ئاسان ئەمەس. دەرۋەقە، تەبىئەت بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدكى مۇناسىۋەتلەرگە خاتا مەنا بېرىلدى، ماھىيەت ئاستىن -ئۈستۈن قىلىنغان ھالدا شەرھىلەندى.ئىنساننىڭ ۋە تەبىئەتنىڭ مەۋجۇدلۇق ئارقا كۆرۈنىشى ئىنكار قىلىندى، بۇ خىل كورلۇق رېلىسىدىكى ئىنسان مايىللىقلىرى ۋە پائالىيەتلىرى تەبىئىيكى، تەبىئەت ۋە تەبىئىتىمىزنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆرۈنمەس باكتېرىيىدۇر:
بۇ ياز پەسلى
ئېتىقاد گۈلگە ئايلانغان، ئۈزگەن ئۇنى نامەلۇم قوللار.
چېچىلغان، سارغايغان، ئىسمىغا پاتقان
دۇنيا دېگەن مەرسىيىگە ئوخشايدۇ يوللار.
«"خاتىرە كۆيدۈرۈش"»دىن.ئىنسان ماھىيىتىنىڭ ئەسلىي مەنىسىگە ئايلانغان ئىنسان تەبىئىتى (ئادىمىيلىك) تەبىئىي رەۋىشتە رېلىسدىن چىقتى.ئېتىقاد كورلۇغى تەبىئەت ئېكىئولوگېىيىسىنى كاردىن چىقاردى.
زۇكام تېگىپ قالغان ناخشىچىدەك،
رېتىمسىز چۈشۈنىكسىز توۋلايدۇ دەريا.
«"جىمجىتلىقنىڭ يەنە بىر يۈزى"»دىن.ماھىيەتتە، تەبىئەت ئېكىئولوگىيىسىنىڭ بۇزۇلۇشى ئەتراپىمىزدىكى بارچە كۆرۈ-كۆرۈنمەس ئاپەتلەرنىڭ مەنبەسىگە ئايلانغان.يېمەك- ئىچمەكلەرنىڭ بۇلغۇنىشى،تەن ساپايىمىزنىڭ چېكىنىشى، مەنىۋىيىتىمىزنىڭ كۈندىن-كۈنگە پۈچەكلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى بىزنى قاباھەتلىك رەۋىشتە قارماپ ئالغان تۈرلۈك-تۈمەن ساقسىزلىقلار ۋە ۋەھىمىلەر بۈگۈنكى كۈندە تەبىئەتتىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ، ئاتالمىش تەرەققىيات ۋە زامانىيۋىلىق بىلەن ماس قەدەمدە كېلىۋاتقان تەتۈر تاناسىپلىق ئاقىبەت بولۇپ قالدى.
گۇمانلىنىمىز، ئەنسىرەيمىز...
دورا يەيمىز، كېسەل ئەمەس بىز.
كومپيۇتېر، تېلېفون، جىمجىتلىق ئۇزۇن،
بىر بۆرە ياشايتتى ئورماندا بۇرۇن.
«"ئۆيدىكى چۆل"»دىن.تەندۇرۇس ئەركەكلىرىمىزنىڭ چاسىلاشقان، قاتتىقلاشقان كوچىلاردا ئۆزلىرىنىڭ كۈندىن - كۈنگە بوشاپ كېتىۋاتقانلىقى ۋە مىجەزىنىڭ پەسلەپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە باش قاتتۇرىۋاتقان مۇشۇنداق پەيىتلەردە، شەھەر رەستىلىرىدە نىجاسەت سۈرتۈلگەن ئەسكى قەغەزدەك يېغىپ تۇرغان جىنسىيەت ھەققىدىكى ئېلانلارغا ۋە باھنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى داۋراڭلار يولۇقۇشى رىئال قىسمەت بولۇپ قالدى. بۇنداق ئېغىر ئاقىبەتلەر كۆرۈنۈپ تۇرغان نومۇسلۇق ھەم ئار كەيپىياتنى روھىي پوتېنسىئالى زىل- زەكىي شائىرلا ئۆزىگە قاتتىق ھار ئالماقتا:
ئەر كوچىدا
جىنسىيەتكە دائىر ئېلانلار
ۋاقتسىز قار...
ئادەم دىگەنگە زادى نىمە كەلمەس ھار!
«"مۇنچا ۋە باشقىلار"»دىن.ئاللىنەرسىلەردىن توختاۋسىز زېرىكىش ھەم يەنە نىمىلەرگىدۇر ئاچكۆزلەرچە تەلپۈنۈش بىزنىڭ جىنسىيەت پىسخىكىمىزدىكى قانمايۋاتقان مۇدھىش بوشلۇقنىڭ قاپ-قارا سايىسىگە ئايلاندى. روھىي كىرىزىس ماھىيەتتە غۇرۇر كىرىزىسى، ئەرلىك كىرىزىسى ۋە يەر بىلەن يەكسان بولۇۋاتقان ئادىمىيلىك كىرىزىسىدۇر. مانا بۇلار شائىر ئىشارەتلەۋاتقان «" جىمجىتلىقنىڭ يەنە بىر يۈزى"
ئايال ئاپتاپتا،
يامغۇر تامچىلىماقتا...
جىمجىتلىق
خەنجەر بولۇپ چاقنىماقتا.ئەر يۈرەر خىيالدەك چېچىلىپ
ئىشىك يېپىلىدۇ يەنە ئېچىلىپ .
ئاي ئاسماندا ئۇلۇغ كىچىك تىنىدۇ،
دەرىزە تامدا قالدى ئېزىقىپ.جىگدە چېچىكى
ئېھتىماللىققا ئوخشايدىغان چىغىر يول
ئوتتۇز ياشتا يەتمىش ئۈچ ھىيلە...
ئاڭلىماققا بۇبىر ھېچنىمە.
«"چىچەك پەسلى"»دىن.شائىرنىڭ ھەممە نەرسىلەردىن يۇلقۇنغان مۇقەددەس جىمجىتلىققا سېغىنىشى شاۋقۇنلاۋاتقان دەريا بويىدا ۋايىغا يېتىدۇ. قىرغاق، شاۋقۇن ۋە تاشلار دەريا ئېقىنىدەك شائىرنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۆز مەنىسىگە قايىتقان ھالدا ھاياجان بولۇپ ئاقىدۇ. بۇ شائىرنىڭ سىرلىق دەريا كارتىنىسىسىدىن ئىزدىگەن ھەم قىپ- يالىڭاچ روھىي دۇنياسىدا سىزىلغان ۋاقىت مەنىسىدىن ھالقىغان جىمجىتلىقنىڭ يوچۇن تەسۋىرى.
چوڭقۇر تۇمان قوينىدا قىرغاق،
ئىبادەتتە قارا تاش...
سائەت سەككىز بولدى تۈنۈگۈنكىدەك
لېكىن مەن يالىڭاچ تۇيغۇدا.
«"جىمجىتلىقنىڭ يەنە بىر يۈزى"»دىن.ئاياللاردىكى ئەسلىي تەبىئىتىدىن ياتلاشقان مىسلىسىز قاتتىقلىق غېرىپ ئەرلەردە پەيدا قىلغان تاشتەك بېسىم، ئائىلە مەجبۇرىيىتىدىكى باش تارتىپ بولماس ئېغىر سىناقلار شائىرنىڭ يالقۇنلۇق تەلپۈنىشىنى تەۋەررۈك ۋە تۇتىيا جىمجىتلىق ئۈچۈن غەليان قىلدۇرىدۇ.
ئايالىم تاش،
بالام ئىمتىھان.
جىمجىتلىق
دەرىزېدە كۆتۈرەر چۇقان.
«"بايرام"» دىن.شائىر جىملىق ئۈچۈن چۇقان سالىدۇ. ھاياتلىق غەۋغالىرىدىن، تارىخنىڭ گۈلدۈرقاراسلىرىدىن، تىرىكلىك تەشۋىىشلىرىدىن، تۇرمۇش بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىن جىملىقنى تىمىسقىلايدۇ(ھىدلايدۇ) . جىملىق بەھرىنى تاپماقچى بولىدۇ. ئارامبەخىش جىملىق ئۈچۈن قەلەندەر سۈپىتىدە پەرياد چېكىدۇ. راست، شائىر تەلپۈنگەن ئۇنىڭ تۇيغۇ ھۆرلۈگىنىڭ پايانسىز زۇناسى ھىساپلانغان ئاشۇ گۈزەل، يېتىنچان جىملىق قەيەرلەردە؟!
نەدە ئۇ جىملىق؟...
كىتاپلار قېتىدىن چىقماقتا
جەڭ ئاتلىرىنىڭ دۈپۈرلەشلىرى.
ئوغلۇم يىغلار چېچىمنى تارتىپ،
چۈشتى دەپ كۆزۈمگە تۈننىڭ ياشلىرى.
«"جىملىق ئۈچۈن"» دىن.ۋۇجۇدىنىڭ چەكسىز پاكلىققا سېغىنىشى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن تۇيغۇ ئېنىرتسىيىسى شائىرنى چۇقان سالدۇرىدۇ.شەھەر شاۋقۇنلىرىنىڭ قاتقان، سۆرۈن گىرداۋىدىن قۇتۇلۇشنى ئىزدەپ ھىدايەتلىك پاك نۇر ئۈچۈن تىمىسقىلايدۇ. ئۆز ئەشئارىدا قەلىبلەرنى لەرزىگە ئۈندەيدىغان ئىنچىكە ھەم تېرەن ھېس تۇيغۇ ھەم بايقالمىلارنى سەمىمىي كۆرسۈتۈش ھەم بىشارەتلەش يۈرىگىدە نۇر پارلايدىغان شائىرلار ئۈچۈنلا خاس بولسا كېرەك...
ئېلىپ كەت، مېنى ئەي قاتتىق بىنا!يالغۇز ئىدى بالام ئۆيۈمدە.
ئىبادەتنىڭ ئىشىكىنى چەككەن كېچىنى
ئەسلەش مۇمكىن پەقەت كۈيۈمدە.
«"يەتتىنچى ئايدا"»دىن.شائىر زاماننىڭ شاۋقۇن رېتىملىرىغا ياندىشىپ ماڭغان مەغرۇر پاراسەت ۋە ئۆزلەمچى ئىدراكنىڭ كەينىدىكى ئېغىر ھەم تولدۇرۋالغۇسىز بەدەللەرنى ۋە ئۇ تۈپەيلى كەيىپلەردە قارار تاپقان خۇرسىنىش، بېسىم ۋە قاتتىقلىقنى ئىما قىلىدۇ:
بىلىمەن ئىشىكتىن ماراشنى.
ئازاپنى ھىس قىلىمەن كومپىيوتۇردىن،
كۆتۈرۈپ يۈرىمەن بىر قۇچاق تاشنى.
«"بۈگۈنكى زامان ئادىمى"»دىن.ھاياتنىڭ مەجبۇرىيەتلىك بېسىملىرى ئالدىدا روھىغا ھار ئېلىۋاتقان شائىر ئاچچىق خۇرسىنىشلىرىنى ئادەمىيلىك نۇقتىسىدن ئىزاھلاپ رەسمىيەت ھەم شەكىلگە ئايلانغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردىكى تۇنجۇققان ئىستەكلىرىنى يالىڭاچلاپ كۆرسۈتىدۇ. قەلەندەردەك تەلمۈرۈش، خورلۇق ھەم تەمەدىن پۈتكەن جاھانسازلىق، ئادىمىي پايخانچىلىقنى شەرت قىلغان تىرىكچىلىك تەلەپلىرى شائىرنىڭ يۈرىگىدىن ئوقچۇغان جاراھەتلىك لەھزىلەرنى ئاشكارىلايدۇ:
بىلىمەن، بۇ كۈنلەر كۈتىدۇ مەندىن،
زۇۋانسىز ھەم يەنە جىمجىت تۇرۇشنى.
قارىشىم كېرەكتۇر ئۆزگە قوللارغا،
ئېسىمدىن چىقىرىپ ئادەم بولۇشنى.
«"قەپەز ئىچىدە"»دىن.ھەممە شائىر كۈيلىگەن، ھاياتلىقنىڭ تۇز تەمى بولغان، بارچە يۈرەكلەر تەشنا بولغان، ياشلىقنىڭ ئېزگۈ جۇلاسى بولغان بىر نەرسەبار .ئۇ-مۇھەببەت!ئۇ قىز تەلپۈنىشىدە ئۆتكەن ئوتلۇق جانغا ھارارەت. شائىر ئىنسان تۇيغۇلىرىدىكى بىباھا گۈزەللىك ھىساپلانغان ئەنە ئەشۇ چاڭقاق كۆڭۈل بوشلۇقىنى تولدۇرغۇچى ھاياتبەخىش كەيىپنى ئۆز ئاۋازىدا بەك چىرايلىق كۈيلەيدۇ:
تاغلار چاقىرار سېنىڭ ئىسمىڭنى
(ئاۋازىدا جىمجىت بىر يالقۇن).
ئاي ھەر كېچە،
ئۆلتۈرىدۇ ئۆزىنى نەچچە
يالىڭاچ دەرەخلەر تەپەككۇر قىلماس
سۆيگۈ تولغىنىدۇ ئۆز مەنىسىدە.
« "مۇھەببەت شېئىرى" »دىن.ئىنسانىي پىراقنىڭ تەمى، روھتا پارلاپ يېنىشنىڭ مۇقەددەسلىكى، ھەممىدىن ھالقىغان بارچە زامان ئۆلچەملىرى ۋە چەكلىرىدىن مۇستەسنا تۇرغان تەبىئەت كۆرۈنۈشلىرى بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن ئۇلۇغ زارىقىش ھەم ئىزتىراپ شائىرنى ئۆز تېرەنلىكىدىن ئوقچۇتىدۇ. مانا مۇشۇنداق روشەن ئىستەك ۋە تۇيغۇلارنىڭ ئىنچىكە، نازۇك جىلۋىسىدە شائىرنىڭ يارقىن دۇنياسى كۆرۈنىدۇ. قارچۇقلىرىمىز بارغانسېرى سۈزۈلۈپ، نىگاھلىرىمىز سەتھىدە شۇ نەرسە روشەنلىشىپ چىنلىق سۈپىتىدە قارار تاپىدۇكى، جان بېقىش تەققازاسىدا ساياقلىشىۋاتقان روھلار سايىسىدە،نەپىس-ئىستەكلىرىنىڭ قايناق بازارلىرىدا،ئاللىكىملەرنىڭ مەئىششەت ئېرەمبېغى بولۇپ كۈندىن كۈنگە قىستا-قىستاڭلىشىۋاتقان ئەبجەش دۇنيادا ئۆز روھىغا چوڭقۇرلاپ، پايانى چەكسىز تەبىئەت بىلەن گىرەلىشىپ گۈزەللىكنى تېرەن ھىس قىلالىغىنى شائىر، گۈزەللىكنى مەردانە جاكا قىلالىغىنى ھەم شائىر! ......
بىز گۇناھ قىلمىدۇق ماختىغۇدەك،
تاغلار تالقان بولمىدى ھەم ئاتقۇدەك.
خەت يازمايمىز، ساۋادىمىز يوق،
پەقەت كۆيىمىز مۇقەددەس ئوتتەك.
«"ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى"»دىن.مەڭگۈ تاشتەك قاتقان ئەستىلىك، چۈشتەك يىراققا ئاققان ئېقىنلارنىڭ ئەبەدىيلىك دەقىقىسىدە گۈزەل چۆچەككە ئايلانغان ۋىسال خاتىرىسى ، بىر ئۆمۈر جانغا تېتىيالايدىغان خۇشپۇراقتەك بىباھا سېغىنىش، ھاياتنى ئاستىن- ئۈستۈنلىكتىكى تەقدىر چوققا- ھاڭلىرىدا مۇۋازىنىتلەپ كەلگەن ئەنە ئەشۇ ئۇلۇغ مۇھەببەت فوتېنسىئالى ئۇنى دەقىقە تىمسالىدا يەنە ئاستىن-ئۈستۈن قىلدۇرىدۇ.گويا بىر ئۆمۈرلۈك مۇساپىلەر جەريانلىرىدا ئۇنتۇلدۇرىدۇ،يېتىنچان تۇيغۇلارنىڭ ماگمىدەك ئۇرغۇشى دىمەك،يۇرەكتە تەبىئىيلىككە ئايلانغان پاكىزە زىيالارنىڭ ئۆز بۇرجىدىن مۇناسىپ جاي ئالالىغىنىدىن بىشارەتتۇر:
سېنىڭ دەرياغا كىرگىنىڭنى ئاڭلىغانمەن
سۇ ئوخشىمايتتى ھېچنەرسىگە.
توۋلىغان ئاۋازىڭ جىگدە چېچەكلىرىدە قېتىپ قالغان
خېتىڭ ھېلىمۇ خاتىرەم بەتلىرىدە...
«"ئىشەنمەيمىز"»دىن.ئادەملىكنى سۇدەك ياشارتىدىغان ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز، بىباھا تۇيغۇلار شائىر قەلىمىدە يەنە مۇنداق ۋايىغا يېتىدۇ:
بۇ يەردە بىزلا بار،
بىزدىن باشقا چۆل يوق دۇنيادا.
بىز گۈل ئۆستۈرۈشكە ھەۋەس قىلمايمىز،
قېرىماقتىمىز خۇشپۇراقلاردا.
«"قېرىپ كەتتىم بىردىنلا"» دىن.ھاياتلىق سەپىرىگە ئاتلانغان ئىككى ھەمراھ كېتىۋاتىدۇ.ئۇلار باقاسىز خەيرىيەتلەر بىلەن ھەلەك بولغان رەۋىشتە ئۆزئارا سىڭىشىپ ئۆز مەنىسىدىن ھالقىپ سوغۇق رىئاللىقنىڭ ئىككى قارا چېكىتىگە ئايلىنىدۇ. ئۇلار يەنە ئۆز ئەتراپىدىكى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغاندەك تۇيۇلىدىغان يوللار ھەم دەل-دەرەخلەردىن ھالقىيدۇ. تۇيۇقسىز ئۇلار بارسا-كەلمەس يىراق بىر جاينى قىياس قىلىدۇ.قاپقارا ۋەھىمە سۈرلۈك خاۋاتىرسىزلىك ئۇلارنى ئاستا-ئاستا قاپلايدۇ. ھاياتلىق ئەنە ئەشۇنداق تاتلىق ھەم ئاچچىق نەرسە! سەن خىرامان كېتىۋاتقىنىڭدا، باشقا جايدىن ئەمەس دەل- ساڭا ئەڭ يېقىن تۇرغان يۈرىگىڭ قاتلىرىدىن تېخى سەن قېچىۋاتقان سادانى تىڭشايسەن. كۆزۈڭ بەتلىرىدە سېنى سەن قىلغان مەۋجۇدات بىلەن قوشۇلۇپ بىر قارا قىيان بېسىپ كېلىدۇ. شائىرنى جىمجىتلىق پايانىغا سېغىندۇرغان ماھىيەت ئەنە ئەشۇ رەۋىشتە ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ:
قورغاق سوغۇق قولىقىمغا پىچىرلايدۇ
ماي يوللار غىچىرلايدۇ
مەن ۋە ئايالىم بۇ يەردە يوق
دەرەخ شاخلىرى جىمجىت ئاي نۇرى
قورققان، تەلمۈرگەن...
يىراقتىكى قەبرىستان
بىر زور قىيان بولۇپ قەلبىمگە قويۇلىدۇ.
«"يېزا-چۈشتىن كېيىن" » دىن.شائىرلىق ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر خىل تاللاش ئەمەس بەلكى بىرخىل تەقدىر سۈپىتىدە ئۆز بولغانلىغى روشەندۇر. ئۇنىڭ مەنە مەنزىللىرى نوقۇل شائىرلىق ئۈچۈنلا شائىرلىق مايىللىغى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ھەم تىرىكلىكىنىڭ خاس گارمونىيىسىگە ئايلانغان بىر خىل بۈيۈك مەنەۋىي ھالەت ھەم ئۈستۈن ھاياتىي كەيپى بىلەن مەزمۇن تاپىدۇ. ۋىجدان يورۇقلىقى ۋە قەلبنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن توختاۋسىز ئىزدىنىۋاتقان شائىرنىڭ ئۆز دوستلىرىغا تەسسەددۇق قىلىۋاتقىنى باشقا نەرسە ئەمەس دەل يەنىلا ئۇنىڭ ھارارەتلىك يۈرىگى ھەم سەمىمىيەتلىك مەۋقەسىدۇر! ھايات چاقى توختىماي چۆرگىلەيدۇ.تىرىكلىك غەۋغاسى ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن قوشۇلۇپ يەنە بىر تەسىرلىك شېئىرغا ئايلىنىدۇ. يالىڭاچلانغان تۇيغۇلارنىڭ كەينىدە كۆرۈنگىنى ھاياتنىڭ ئاپتاپتەك ئوچۇق ماھىيەتلىرى... مانا بۇ رىئاللىقنىڭ ۋە مەنەۋىيەتنىڭ تۇتاش ئاراچلىرىدا ئۆز يۈرىگىنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن شائىرنىڭ روشەن كارتىنىسى:
مەن شېئىر يازماقچى ئەمەس،
سىلەرنى ئالداش قولۇمدىن كەلمەيدۇ.
سائەت مېنىڭ تىرىكلىكىمدىن بىشارەت بېرىپ
ئوغلۇم چۈشەكەپ نان دەيدۇ.
«"ئونبىرمىڭ بىريۈز ئاتمىشىنچى كېچە"» دىن.......
ئۈمىت-ئىستەكلەر پايانىدا ئۈزىۋاتقىنى شائىر،ھەسرەت- پىراقلار قاينىمىدا چۆكۈۋاتقىنى شائىر.ئىنسانىي تۇيغۇلار بەھرىگە چۆمۈلۈپ سۈزۈك،نۇرلۇق، ھاياتبەخىش چەكسىزلىكلەر ئۈچۈن تەلپۈنىۋاتقىنى شائىر. ئۇ ئىنسان روھىي ئالىمى ۋە رىئال قىسمەت بەشىرىلىرىنىڭ بارامومېتىرىغا ئايلىنىپ چىن ئەزەللىك لەۋھەسىنى لەپىلدەتمەكتە. قۇرداش قەلەمدارلار ئارىسىدا يازۇلىرىنىڭ پىسخىك دۇنياغا يېقىنلىقى،ئوبيېكتېۋنى كۈزىتىشتىكى ئېزگۈ ماھارەتچانلىقى بىلەن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرۇشى ئۇنىڭ ئامىتىدۇر. ئەمىسە، ئۇنىڭ تەلەيسىزلىكىچۇ؟ مودىغا ئايلانغان باھا بېرىش كۆزىمىز بىلەن ئۇنى كۈزەتسەك:ئۇنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق مۇقىم تۇرالغۇسى يوق. بايۋەتچىلەرگە ئوخشاش مەئىشەت سۈرىدىغان پۇرسەتلىرى يوق.ئىشلىسە-ئىشلىمىسە قولىغا ئۆكسىمەي تېگىپ تۇرىدىغان تۇراغلىق ئاقچىسى يوق.يەنە سوئال قويايلى، ئۇ ئۇنداقتا سەرگەردانمۇ ؟ياق! ئۇ ئۆزىنىڭ روھىي پايانىدا ئۈزۈپ يۈرگەن سەيياھ! ئۇنىڭ ھاياتقا ئۈمىد بېغىشلايدىغان ھەم ئۇنى ئۆز ئەشئارلىرىدەك كەلگۈسىگە ئۇلاش ئۈچۈن ئۆسۈۋاتقان ئىككى ئوغلى، ئۇنىڭ ئارمانلىرىدىن تارتىپ تۇيغۇلىرىغىچە چۈشىنىدىغان ھەم خەيرىخاھ بولالايدىغان مېھىرلىك ئايالى بار. ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ پاكىزە ھەم سۈزۈك نەزەر بىلەن دۇنيانى كۈزىتىدىغان پىسخىك ساپاسى، تەبىئەت كۆزى تىمسالىدىكى ئادىتى ھەم ئىقتىدارى بار. ئۇنىڭ ھاياتنى ھەم ئىنسانىيەتنى قۇچاقلاشقا تەييار تۇرغان ھارارەتلىك يۈرىگىدە ئوقچۇۋاتقىنى مەۋىج ئۇرغان قان-ئادىمىي ئەسلىيەتكە تويۇنغان سۈزۈك ئارمان!خۇددى ئۇ ئۆز روھىي چىڭقىلىشىدا مۇنداق پىچىرلىغاندەك:مەن تاش ئەمەس
لېكىن ھەسرەت ئېزەلمەس مېنى.
كۆڭۈلچەك دەرىزەمدە سۇنار قۇياش، ئاي
ئەسلىتىپ تەقدىرىڭنىڭ قۇرغاقلىقىنى.
مېنىڭ كۆز يېشىم
تەكچىدىكى قەدىمىي ئەينەك.
قاراپ ئاڭا ئىختىيارىچە
تۈزەشتۈرەر ئۆزىنى ھەركىم.
«"مەن تاش ئەمەس"» دىن.