-
تاش ياكى ئاسمان - [شېئىرلىرىم]
2010-09-23
تاش ياكى ئاسمان
بىرىنچى شېئىر تۈندىن باشلىنىدۇ
تۈن بىر پارچە تاش، ئۆزىدە قاتقان.
ھېكايىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا
يۇلتۇزلارغا تولغان بىر ئاسمان.
يۇلتۇزلار
ئېھ، ئۈزۈلگەن تارلار
ھېس قىلىمەن، قاراڭغۇلۇقتا
تۈن تاشلارغا پاتىدۇ ئاستا.
قەغەزگە قارايمەن-
ئاپئاق قەغەزگە.
قەغەزنىڭ بىر بولۇڭىدا
سۆزلىنىدۇ ئاشۇ ھېكايە.
كەچۈر، مېنى ـــ
ئەي يېزىلىش ئالدىدىكى شېئىر
ئەي تاش ياكى قاراڭغۇلۇق
ھەممىسى ــــ
ھەممىسى چېچىلغان يۇلتۇزدۇر ئاخىر.