-
360 كۈن - [شېئىرلىرىم]
2010-09-23
360 كۈن
ئۆزۈمنى ئوقۇپ چىقتىم
ئاخىر ئۆزۈمنى.
سۇزۇلۇپ يېتىپتۇ بىر پارچە ئېتىز
بىر پارچە ئېتىز ئۆزۈمدىن باشلانغان...
ئۆزۈمنى ئوقۇپ بولدۇم
ئۇرۇق چۈشتى ئېتىزغا.
كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلدىم
ئېتىز بېشىدىكى شۇ قىزغا.
ئۇ تەنھالىقنىڭ قارشى تەرىپىدە
ئېتىزغا سۇ باشلايدۇ
ئاقىدۇ ئۆزىنىڭ ئىچىگە
باشلانغان سۇ.
ئۈچيۈز ئاتمىش كۈن ـــ
مۇنبەت ئېتىز.
ئۇخلاپ قالدى ئېتىز بېشىدا
ئۇخلاپ قالدى ئاشۇ قىز.