-
رەئۇف پەرفى ئۆزتۈرۈك شىئېرلىرىدىن - [تەرمىلەر]
2010-08-19
رەئۇف پەرفى ئۆزتۈرۈك شىئېرلىرىدىن
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: بەرقى
تالانتلىق ئۆزبېك شائىرى رەئۇپ پەرفى ئۆز تۈرك 1943-يىلى
27-سىنتەربىردە تاشكەنت ۋىلايىتىنىڭ شورئەلىساي قىشلىقىدا
تۇغۇلغان.ئۆزبەكىستان خەلق شائىرى.تاشكەنت دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتىنىڭ
فىلولوگىيە فاكولتىتىنى تۈگەتكەن.ئىجادىي ھاياتى 1960-يىللاردىن
باشلانغان.1968-يىلى >>كارۋان يولى<<،1970-يىلى>> ئەكس
سادا<<،1973-يىلى>> تەسۋىر <<،1976-يىلى>> كۆزلەر<<،1981-يىلى >>
قايتىش<<،1986-يىلى >>سەبىر دەرىخى<<.1991-يىلى>> سۈكۈنات<<،2001-يىلى
>>تەۋبە<<،2006-يىلى >>ئاخىرىقى خوشلىشىش<< ناملىق شېئىر توپلاملىرى
نەشىر قىلىنغان.نۇرغۇن چەتئەل شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى ئۆزبەك تىلىغا
تەرجىمە قىلغان .2005-يىلى تاشكەنتتە ۋاپات بولغان.
1.سەترىلەركۆزلەرىڭگە قارايمەن،
سەن قارايسەن ئۆزگىلەرنىڭ كۆزلىرىگە ،
كىمنىڭ كۆزلىرىدىن ئىزدەيسەن مېنى؟
#########
ھايات جامى ئىچرە ئاقىمىز،
گاھى خۇرسەن ،گاھىدا ۋەيران.
تەۋەررۇككە ھەيران باقىمىز،
تەۋەررۈكنى قالدۇرۇپ ھەيران.
*********************
ۋۇجۇدۇم ياللۇغلىنار نەپىسىڭدىن،
سەن شۇنداق يېقىنسەنكى جانغا ئوخشاش ئاخىر،
بەرىبىر سېنى سېغىنىمەن سۆيگۈنىم.
************************
ئېيتچۇ،مېنى ئۇنتۇدىڭمۇ؟
گۈللىرىم قانلار يۇتتىمۇ؟
ئۇنۇتتىڭمۇ ئاھ بىر يولى،
يۇرۇق دۇنيادىن كەتتىمۇ،
مۇھەببىتىم تېرىغان گۈللەر؟
سېنى تاپقانغا قەدەر،
قانداق ياشىدىم مەن؟
ياشىمىدىممۇ يا؟
ئۆپۈپ خىيالىڭنى قانايدۇ دەردىم،
يىغلار خاتىرەمنىڭ غېرىپ باغلىرى .
سېنى چۈشلىرىمدىن سوراپ ئاقتۇردىم،
قايتۇرۇپ بولماس ھىچ ئاشۇ چاغلارنى.
########
كۆڭلۈمگە قىل سىغماس،
سەن بولساڭمۇ شۇنچىلىك شىرىن،
سەن بولساڭمۇ شۇنچىلىك تاتلىق.
##########
بوران ،دوستۇم نىچۈن جىمسەن،
نىچۈن جىمسەن چاقماق ئۇكام؟
سىڭلىم سۈكىناتنىڭ بېشىدا؟
########
مۆلدىرلەپ قاراپ تۇرىسەن قۇشقىچىم،
نىمىشقا شۇنداق قارايسەن؟
بەرىبىر ماڭا ئىشەنمەيسەنغۇ؟
######
بىر چوڭ تاغ مىدىرلايدۇ ئاۋازسىز،
بىر يېڭى چەكسىز قىر ئۇخلايدۇ ئۇيقۇ.
ئوتتۇرىسىدا بىر قەبرە كۆزگە چېلىقماس،
ھايقىرىپ ئويغىتار دۇنيالارنى ئۇ.
2.سېنى ماڭا بىتاب دىدىلەر
سېنى ماڭا بىتاب دىدىلەر،
بۇ سوز يامان، بۇ سوز بەك ئېغىر،
سېنى ماڭا بىتاب دىدىلەر،
ئاقتى يېشىم مىسالى يامغۇر.
سېنى ماڭا بىتاب دىدىلەر...
ماڭا دۇنيا غەمكىن تۇيۇلدى.
بۇلۇتلارغا تولدى ئاسمان -
ئاچچىق-ئاچچىق يېشى قۇيۇلدى.
سېنى ماڭا بىتاب دىدىلەر...
لېكىن كەلدىڭ، كەلدىڭ سەن ئۆزۈڭ.
قارا بۇلۇت تامام يوقالدى،
ھالبۇكى مەن... يىغلايدۇ كۆزىم.
3.قولىڭنى قويغىن يار
ئايلىنىب چۈشەر قار يولىمغا،
قولىڭنى قويغىن يار، قولىمغا.
سەن قالدىڭ مۆھىر كەبى لىبىمدە،
سەن - بىر دەرد ئەسەبىي - قەلبىمدە.
كۆزلىرىمگە بىكىتەي ۋە لېكىن
ياشتەك ئېقىب كەتمە، سۆيگىنىم
4.پۈتۈن كىچە ئويچان ۋە جىمجىت
پۈتۈن كىچە ئويچان ۋە جىمجىت،
خانە ئىچرە قالدۇق بىز تەنھا.
بىر ئويچانلىق روھىمغا ھاكىم،
شۇنداق ھاكىم روھىمغا ھەم سەن.
ئاھاڭ ئاقار ،تاملاردا سۈرەت،
كۆپ-كۆك دېڭىز ئۈستىدە كېمە.
ھۆكۈم سۈرەر تەنھالىق مۇندا
ۋە سۆيگۈگە ئوخشاش بىر نىمە.
مەن ئويلايمەن نەدىن باشلاي گەپ،
سەن ئويلايسەن نە قىلاي جاۋاپ.
ھەم يىغلايدۇ ھەم كۈلۈپ قەلب،
قاراقلىرىم ياشلىغان شاراب.
پۈتۈن كىچە ئويچان ۋە جىمجىت،
خانە ئىچرە قالدۇق بىز تەنھا.
مەن دىمىدىم سۆيىمەن سېنى،
سۆيەلمەيمەن دىمىدىڭ سەن ھەم.
5.تاڭ ئاتماقتا
تاڭ ئاتماقتا .تاڭ ئوقلار ئاتار،
تاڭ ئاتماقتا قۇياش زەمبىرەك.
يارىلانغان يەر شارى ياتار،
باشلىرىدا يېشىل چەمبىرەك.
تاڭ ئاتماقتا ، بۈگۈزەل تاڭغا ،
يۈرىكىنى تۇتار ئادەملەر.
شۇ تاڭ ئۈچۈن كەلگەن جاھانغا،
شۇ تاڭنى دەپ ئۆتەر ئادەملەر.
تاڭ ئاتماقتا.....
*********************************
6.ياش تۆكمە ئانا
نېمىدۇر ئۇ كۆزۈڭگە كەلگەن،
خىيالىڭغا ئانا نە كەلدى؟
يىغلاپ تۇرۇپ ھەتتاكى كۈلدۈڭ،
نېمىدۇر ئۇ كۆزۈڭگە كەلگەن؟
ماڭا بەكلا ئوخشايدۇ ئانا،
كۆزلىرىڭدە يالتىرىغان ياش.
مەندە ئەشۇ كۆز، ئەشۇ قاش،
ماڭا بەكلا ئوخشايدۇ ئانا.
ئانا، ئۇنى تۆكمە ئىلتىماس؟
كۆزلىرىڭدىن تۆكىلەي ئەگەر.
سېغىنچىڭدىن بەرمىسەم خەۋەر،
ئانا ئۇنى تۆكمە ئىلتىماس.
*******************************
7.ئاپپاق چۈش
دەېرىزەمگە ئۇرىلىدۇ قار،
جاراڭلايدۇ، جاراڭسىز كۈمۈش.
دەېرىزەمگە ئۇرىلىدۇ قار،
قارغا ئوخشاش ئاپپاق بولدى چۈش.
بىر ئاجايىپ قار ياغار بۇ كەچ،
ئۇچۇپ چۈشەر مېنىڭ يېنىمغا...
مەڭگۇ سېنى ئويلىماسمەن ھېچ،
سەن چۈشەرسەن ئەمما يادىمغا....
*********************************
8.مەن ئالەمدىن ئۆتكەندە جېنىم
ئىشىق ۋاپادىن سۆزلىگەنلىرىم،
يېتۇر ساڭا ئاھۇ پىغانىم.
ئەسكە چۈشەر بوزلىغانلىرىم،
مەن ئالەمدىن ئۆتكەندە جېنىم.
قالدۇرارسەن ئېچىپ سەزگۈدىن،
ھەربىر سۆزۈم–ئوچۇق جاھانىم.
جۇدا بولدۇڭ بۈيۈك سۆيگۈدىن،
مەن ئالەمدىن ئۆتكەندە جېنىم.
سەن قېشىمدىن كەتكىن ئۆلمەسسەن،
كۆزلىرىڭدە تۇرايمەن يېنىپ.
سۆيگۈمنى رەت ئەتكىن ئۆلمەسسەن،
مەن ئالەمدىن ئۆتكەندە جانىم.
9.كۆزۈمدىكى مەنە
مەنە ئوقۇ كۆزۈمدىن
مەن كۆيۈپ مۇھەببەتتە
ئاداشسام گەر سۆزۈمدىن،
قېشىڭدا خىجالەتتە .
مەنە ئوقۇ كۆزۈمدىن.
سەن جەبىرگە ئۇستا سەن،
ئەمما مەندە كۆپ مېھىر.
سۆيۈمەن ،ھەتتا ئىستىسەم
تەرك ئەتمەككە مەن قادىر.
مەن مۇھەببەت ،مەن سىتەم.
چاڭگا ياساپ بېشىمدا
سېنى ئېلىپ قالغايمەن.
غەمكىن بىر قارىشىمدا
ئۆز دېڭىزىمغا سالغايمەن.
ئۈزەرسەن كۆز يېشىمدا
10.مېنىڭ يۈرىگىمگە كىتەيلۇق
ياسىتىپ قويۇپتۇ ساڭا بىر دۇنيا،
ئارزۇ قىپ كۈتىدۇ بۈگۈن يۈرىگىم.
مېنىڭ يۈرىگىمگە كەلگىن مەرھابا،
مېنىڭ يۈرىگىمگە كەلگىن مەلەكىم.
مۇھەببەت بەختىنى تاپىدۇ ئۇندا،
كەلگىن ئەپسانىلەر ئېيتماقتا باغلار.
ئەزىز بېشىڭ ئۈستىدە يالتىراپ كۈندە،
ئالتۇنغا ئايلىنار كۈيچى ياپراقلار.
مېھرىبان يەللەرنىڭ قاناتلىرىدا،
قېنى يۈر ،بارايلىق ،لالە تەرگىلى.
ئاجايىپ گۈللىرىم باردۇر نېرىدا،
گۈلۈم كۆرمىگەنسەن ئۆمرىڭدە تېخى.
قارىغىن نەقەدەر تىنىقتۇر ئاسمان،
ئۇنىڭ ھوزورىغا يۈرگىن بارايلىق.
ئۇ يەرگە قارا تۈن يولىماس ئەسلا،
بۇلۇتلار قايغۇدىن كەتمەس قارىيىپ.
قېنى قوللىرىڭنى قولۇمغا قويچۇ،
مېنىڭ يۈرەگىمگە كېتەيلى بىللە.
كەتمەيلى ئۇ يەردىن ھەرگىزمۇ كۆچۈپ،
ئاچچىق تەجرىبىلەر ئارتىپ تەقدىرگە...
11.سېنى كۈتتۈم كۆيۈپ ئاتەشتە
ئايلار ئۆتتى ۋە يىللار ئۆتتى،
لېكىن سەندىن بولمىدى خەۋەر.
يالغۇز سېنى، مەن يالغۇز كۈتتۈم،
كۈتىۋۋېرىپ خۇن بولدى جىگەر.
مانا ئاخىر سەندە نامايەن،
مۇھەببىتىم ،كۆزۈم ،ئىسمىتىم.
ئوڭۇممۇ ،چۈشمۇ،ياشىرىن ئارمان؟
بىردىن يىراقلىدى قىسمىتىم.
سەن ئەشۇغۇ خىيالدا كۆرگەن،
ئەشۇ نىگاھ ،ئەشۇ تەبەسسۇم.
ئەشۇ ئاھۇ كۆزلەر تىغ ئۇرغان،
ۋە يۈرەككە باشلىغان ھۇجۇم.
ساڭا بەكمۇ غەلەت تۇيۇلار،
بەلكىم سۆيگۈڭ بىلەن يانغىنىم.
ماڭا ئوغا كەبى قۇيۇلار،
شۇنداق بۈيۈك ئىشقتىن تانغىنىڭ.
ئايلار ئۆتتى ۋە يىللار ئۆتتى،
يۈرەك لېكىن ئىشەنچ ۋە غەمدە.
كۈتتۈم ،كۈتتۈم شۇنچە ئۇزاق ۋاقت
سېنى كۈتتۈم كۆيۈپ ئاتەشتە.
12.ئارتۇق كۆرۈشمەيمىز
ياق،كۆرۈشمەيمىز خەير ئەمدى،
ئارتۇق كۆرۈشمەيمىز يۈزمۇيۈز.
سەھرالاردا سۆيگىمىز قالدى،
قار ئاستىدا قالدى سۆيگىمىز.
ئارتۇق كۆرۈشمەيمىز يۈزمىيۈز،
مېھىر تولا يېنىق يۈز بىلەن.
ياق،ياق ئەمدى ھېچ قارىمايمىز،
ئوتتۇرىدا بىر قارا تۇمان.
سەھرالاردا سۆيگىمىز قالدى،
كۆيگەن يانتاق مىسال قۇياشتا.
خاتا سۆيگۈ قوشۇلۇپ تامدى،
زەھەر-زوقۇم بولۇپ كۆز ياشتا.
قار ئاستىدا قالدى سۆيگۈمىز،
شورلۇق سۆيگۈ تاپمىدى ئامان.
يەككە -يەككە بولدى ئىسمىمىز،
ھەرخىل يولدىن كەتتۇق ھەر تامان...
13.قايتماسمەن ھېچ
خەير ساڭا ياخشى قال ئەمدى،
پەرياد ئۇرار كۆزۈڭدە سېغىنىچ.
خىياللارغا چۆمگىن سەن ئەمدى،
ھوزۇرىڭغا مەن قايتماسمەن ھىچ.
سېنى ئۆرتەر ئاچچىق پۇشايمان،
ئايرىلماقتىن قورقمايسەن مەندىن.
سۆيگۈ ئۈيى قىلىنغان ۋەيران ،
بىر تەسەللى تىلىمەس سەندىن.
بىر كۈن كۆرۈپ مېنى كوچىدا،
ئەنە ئۇ دەپ قولۇڭنى سوزغىن.
يادىگارلىقتەك سوڭغى كېچىدە،
يول ئۈستىدە بىر پەس توختىغىن .
بېشىڭ ئېگىپ كەلمە مەن تامان،
سەن كېتىۋۋەر يېنىمغا قايتما.
كۆرۈپ قالساڭ ئۇندىن ھەم يامان،
ياق،ياق مېنى كەچۈر دەپ ئېيتما.
خەيرى ساڭا كېتەر بولدۇمممەن،
كېتەر بولدۇم شۇ قاپ-قارا كەچ.
قايتمىسام گەر مۇھەببىتىمدىن
ھوزۇرىڭغا قايتماسمەن ھېچ.
14.ئەتراپتا باھار
تەلمۈرىمەن چەكسىز ئۇپۇققا،
پاتقان كۈندىن قالمىشتۇر داغلار.
يامغۇر ئۇرار قاراڭغۇلۇقتا،
سوغۇققىنە شىۋىرلار باغلار.
يەنە كەلدىم مەھزۇن كوچىغا،
بۇندا بىر نەي يېتىپتۇ سۇنۇپ.
قوي سېغىنما ئارتۇق ئۇ ساڭا،
قوي سېغىنما ئۇنى سۆيگىنىم.
مەن ھىچ نەرسە سورىماسمەن دىلبەر،
ئۆتمۈشىڭدىن سۆزلىمە زىنھار.
مەن ھەم بىر چاغ سۆيگەنمەن يېتەر،
قارىساڭچۇ ئەتراپتا باھار...
15.ئارىسال سۆيگۈ
بەكمۇ بەختلىك ئىدىڭ ئۇ بىلەن،
دۇنيانى تولدۇرۇپ يۈرەتتىڭ.
سەن ئۇنى ئويلايسەن ھامان،
ئۇنىڭ بىلەن بەند يۈرىگىڭ.
ئۇنىڭ بىلەن كەچكەن دەملەردىن،
ساڭا قالغان شىرىن خاتىرە.
مېنىڭ ئەمما ئاچچىق غەملەردىن ،
تارتىپ كەتتى كۆزلىرىم خىرە.
لېكىن سۆيگۈم جاي تاپالمىدى،
خاتىرىلەر ياتقان قەلبىڭدىن.
سەن ئۇنى ھىچ ئۇنۇتالمىدىڭ،
مەن ھەم كېچەلمەي قالدىم سەندىن...
16.خازان قوشىقى
شىۋىرلايدۇ ئايىغىمدا ياشاپ ئۆتكەن خازانلار،
كۆزلىرىمگە يىڭنە يەڭلىغ سانچىلماقتا مېزانلار.
ھۇۋۇلدىغان قىشلار ئارا قويۇق تۇمان چۆكمەكتە،
يىراقلاردا نەي كۆڭلىنى سوڭغى نۆۋەت تۆكمەكتە.
دالا بوم-بوش كۆمۈلگەندەك ئاڭا كونا سۇئاللار،
پەقەتقىنە كېزىپ يۈرەر شۇ ئىزغىرىن شاماللار.
پەقەتقىنە كۆرىنەدۇر كۆيگەن دەرەخ مۇڭلىنىپ،
قايدا قالدى مەڭگۈ باھار،نەگە بولدىڭ سەن غايىپ.
17.قولىڭنى قويغىل يار
ئايلىنىپ چۈشەر قار يولۇمغا،
قولىڭنى قويغىل يار قولۇمغا .
سەن قالدىڭ مۆھۈر كەبى لېبىمدە،
سەن بىر دەرد ئەسەبىي قەلبىمدە.
كۆزلىرىمگە بىكىتەي ۋە لېكىن،
ياشتەك ئېقىپ كەتمە سۆيگىنىم.
18.ھەي بالا
ھەي بالا-بالا ،ھەي بالا،
بەس قىل شادلىق راۋابىن.
مانا دۇنيا بىر پىيالە ،
تۇتار ساڭا شارابىن.
ئىەي بالا-بالا ،ھەي بالا،
ھىچ قورقماستىن ئۇنى ئال.
بىر پىيالە ،بىر پىيالە ،
دۇنيا غېمى ئىچىۋال.
19.بىر قۇشقاچ
بىر قۇشقاچ دەرىزەم يېنىدا،
ئولتۇرار پەرىشان ۋە غېرىپ.
يىغلايدۇ كۆزلىرى يانىدۇ،
كۆزىدە ئىككى تال مەرۋايىت.
ئوخشايدۇ ئاجايىپ ناۋاغا،
شائىرغا ئوخشايدۇئۇ ئەجەپ.
مىسكىن ساز چالماققا شەيدادۇر،
دەردىگە بار چوقۇم بىر سەۋەپ.
مەن ئاڭا قارايمەن پەرىشان،
مەن قۇشقاچ ھالىغا يىغلايمەن.
ۋە لېكىن بىلمەيمەن نە ئىستەر،
بىلمەيمەن ھېچقاچان بىلمەيمەن.
20.بىرگە تۇغۇلدۇق يۈرىگىم
بىرگە تۇغۇلدۇق،يۈرىگىم
جاھاننى كەزمەككە پىيادە
قەدەملىرىمىز بىردۇر بىزنىڭ،
شۇ بەختلىك ،شۇ بەدبەخت دۇنيادا.
بىر گە تۇغۇلدۇق يۈرىگىم،
نېسىپ ئەتكەندە ھەم مەڭگۈلۈك
سەن ياشاۋۋەر ،سەن مېنى كۈتمە،
مەن ئىسمىڭمەن خالاس،
ۋە لېكىن
يۈرىگىم ئىسمىڭنى ئۇنتۇما.
21.رەئۇپ پەرپى دىگەن بىر ئادەم
رەئۇپ پەرپى دىگەن بىر ئادەم،
كۆزەينەكلىك،چېچى ئاق دەرۋىش.
ئېغىر-ئېغىر باسىدۇ قەدەم،
يەلكىسىدە ئۇخلاپ قالغان قىش.
رەئۇپ پەرپى دىگەن بىر ئاسمان،
ئاغرىق يۇلتۇز چاراقلاپ تۇرار.
ئازاپ تولغان ،دەرتلىك بىر داستان،
كۆكتە تىغدەك يالتىراپ تۇرار.
رەئۇپ پەرپى دىگەن بىر دەريا،
شاقىرايدۇ تىنماي ھەمىشە.
سەھەرلەردىن قېچىپ چاڭقىغىن،
قاندۇرىدۇ تۈندە بىنەپشە.
رەئۇپ پەرپى دىگەن بىر دەرەخ،
ياپراقلىرى سېرىق ،سارغايغان.
قۇياش لېكىن ئۇنىڭ شېخىدىن،
بەرگ ھەركۈن ئۇچۇپ چۈشىۋاتقان .
22.ماۋزۇسىز
ئاپتۇبۇس دەرىزىسىدىن قاراپ كەتسەڭ
ئۇزاق-ئۇزاقلارغا،
مۇساپىلەر سۈرىتىنى ئېلىپ كۆزلەرگە،
خۇسۇسەن ئاي بۇلۇتلار ئارىسىغا بېكىنىپ تۇرسا.
خۇسۇسەن يۇلتۇزلار پاتقاندا،
خۇسۇسەن يورۇۋاتقان تاڭ چېغى،
شۇنداقلا شەھەرنىڭ شاۋقۇنى سېنى زېرىكتۈرسە،
شۇنداقلا سۆيگۈنىڭ سۆيمىسە سېنى...
شۇنداقلا غەيۋەتلەر تارقىسا،
دوستلىرىڭ:
يىراقلارغا قاچار قىسمەتلەر،
ئاپتۇبۇس دەرىزىسىدىن قاراپ كەتسەڭ.
23.مەڭگۈ تاش
-ئەزىزخان قەيۇمۇۋغا بېغىشلاپ
پىردەۋس بىر چاغدا ئېيتقان كەبى،
ھەر نە ئۆتكۈنچىدىدۇر،فانانىڭ ئۆزى،
پەقەت ئىككى نەرسە قالار ئەبەدىي،
باتۇرنىڭ شەۋكىتى ،دانانىڭ سۆزى.
ئەجداتلار ۋەتەن دەپ جان پىدا قىلغان،
بىھۇدە گەپ سېتىپ يۈرمىگەن ئۇلار.
مانا مىڭ يىللار كۆتۈرۈپ كەلگەن،
مەڭگۈ تاش ئانا- يەر ھەققىدە كۈيلەر.
ۋاقت قۇيىنىدا نە دەۋرۇ دەۋران،
بۇ تاشلارغا ئايلانغان ئەركتۇر ،بەرداشتۇر.
بۇ ۋەتەن ئاتالغان مۇقەددەس ئارمان.
ئاڭا قارايمەنۇ بىر ھىس تۇيىمەن،
بۇ يۇرتۇم مىسالى بىر مەڭگۈ تاشتۇر.
يۈرىگىم تېشىغا شېئىرىم ئويىمەن.
24.قايدا سەن؟
يامغۇر يېغىپ چىقتى تۈن بويى،
تاڭ ئاقاردى، تىنمىدى يامغۇر.
بۇزۇلغاندەك ئاسماننىڭ ئۆيى،
يەرگە قاراپ يىغلايدۇ ئېغىر.
مەن خانەمگە كىرمەيمەن ئەلھال،
يۈرەگىمدە كونا دەرت-ئۇھلار.
دەرىزەمگە ئۇرۇلار شامال،
قايدىسەن ؟قايدا شۇ روھلار؟
25.يادىڭدىمۇ سۆيگۈنىم
يادىڭدىمۇ سۆيگىنىم بىر كۈن،
چىقىپ كەلدىم يولۇڭغا.
بىنەپشىلەر تەردىم سەن ئۈچۈن،
ۋە ئۇزاتتىم قولۇڭغا.
يەنە ئەشۇ يولدا بارىمەن،
ھەر تەرەپنى كىزەر بۇ كۆزۈم.
خىيالىمنى ھەريان تارايمەن،
لېكىن سەن يوق ،مەن بىر ئۆزۈم...
ئاھ ياشلىغىم قالغان جايلاردا ،
ئۆرتىنىمەن مەن يېنىپ.
ئېيت ئىزلەيمەن سېنى قەيەردىن،
قانداق جايدىن تاپىمەن جېنىم؟
26.يالغۇز سەن ئۇخلايسەن
يالغۇز سەن ئۇخلايسەن يالغۇزۇم بالام،
مايسىلار شىۋىرلار ھايقىرىدۇ تاغ.
شاقىرار دەريالار ،دالىلار ئويغاق
سۈكۈتكە پاتىدۇ تۈۋى يوق ئالەم.
ئۈمىدنىڭ كۆزى كور ،ئاچچىقتۇر پىراق،
ئاخىر مەن ئالەممەن،توۋلايدۇ ئالەم.
بۇ غالىپ تۇرقىدا بولار ئىدى جەم،
ئانا يۇرتۇم،ئېلىم،بۇ قارا تۇپراق.
ئويغان،ئويغان بالام،ئويغانغىن ،ئەي دىل،
ئويغاندى تامامەن ئۇخلىغان دۇنيا.
شاتلان،سېنى ئويلاپ كەتمەكتىمەن بىل.
ساڭىدۇر جان بالام مۈشكىلات -غەۋغا،
ئويغان ئويغان دەپ ئىڭرايدۇ ناۋا.
ساڭا بۇ ۋەتەندۇر ،ساڭا تۈركىي تىل.
27.سېنى ئويلاپ
سېنى ئويلاپ بۇ جېنىم ئاغرىر،
سېنى ئويلاپ قاندۇر ئويلىرىم.
مەنزىلىم ھەم يىراق ۋە ئېغىر،
تىغ ئۈستىدە بارار يوللىرىم.
تەلۋە،ئاتەش دەپ مېنى پىنھان،
ئويلىما سەن مېنىڭ يۇلتۇزۇم.
سېنى ئويلاپ ئۆتتى كۈن ئىشەن،
ئۆزۈمنى ھەم ئويلايمەن ئۆزۈم.
28.يۇلتۇزلارغا قارايمەن
يۇلتۇزلارغا قارايمەن،
يۇلتۇزلار ساماۋىي بىر خىيال.
مەن كۆپرەك زىمىنغا يارايمەن،
ماڭا كېرەك يەردىكى ھايات.
يۇلتۇزلارغا قارايمەن،
يۇلتۇزلار چاقنىغان ئارزۇلار.
ئالەمنى كىزىدۇ مىسكىن بىر ئادەم،
كۆكسىگە قونمىغان يۇلتۇزلار.
يۇلتۇزلارغا قارايمەن،
بەزىدە كېلىدۇ ھەۋىسىم.
بەزىدە باسىدۇ ئېغىر غەم،
بەزىدە يەتمەيدۇ نەپىسىم.
29.لەيلى
بەلكى ئۆچكەن ئىدىم يادىڭدىن،
شىرىن خىيالىڭنى بۇزدۇممۇ؟
لەيلى لەيلى ،سېنىڭ يېنىڭدا ،
ياپراق كەبى كۆردۈم ئۆزۈمنى.
شىرىن خىيالىڭنى بۇزدۇممۇ؟
سېنى ئويلاپ كەلمەيدۇ ئۇيقۇ،
قارا تۈننىڭ ئۆزگە سەھىرى بار.
چۈشلىرىمدە تاپاي دەپ گۇلرو
مەن ئۇخلارمەن مەڭگۈ ئېھتىمال.
گۈزەل چۈشلەر تىلەرمەن لەيلى.
يەنە پەيدا بولدۇڭ يولۇمدا،
يەنە يوللىرىڭدا بۇزلىدىم.
بىچارە قەلب سېنىڭ قولۇڭدا،
كۆزلىرىڭدە مېنىڭ كۆزلىرىم.
نىچۈن پەيدا بولدۇڭ يولۇمدا؟
30.ئويغان ئەي مەلەگىم
ئويغان ئەي مەلەگىم،تۇر ئورنىڭدىن تۇر،
ئاتەشلىك مۇزلاردا ئىسىنايلۇق يۈر.
ئۇ دەريادا غۇلاچ ئاتايلۇق،
بۇ يەردىن كېتەيلى ،پەقەت كېتەيلۇق.
ئۇندىن ھەم يىراق كېتەرمىز ھېلى،
ئۇندىن ھەم گۈزەلراق مېنىڭ گۈزىلىم.
قارىغىن ئەڭ يارقىن بىر يۇلتۇز يانار،
يورۇق بىر چىمەن
评论
ئابدۇرىشىت ئېلى ئاكا؟تېچ-ئامانلىقمۇ؟ھېيد مۇبارەك بولسۇن!ئۇزۇن بوپتۇ ئالاقىلاشمىغىلى،سالامەتمۇسىلەر؟...