-
خۇرشىد دەۋران شىئېرلىرى - [تەرمىلەر]
2010-08-19
خۇرشىد دەۋران شىئېرلىرى
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: بەرقى
سەمەرقەند ھەققىدە ئاددىي سەترەلەر
مەن بىلىمەن ،ئۇ مېنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ.
ئۇ مېنىڭ چۈشلىرىمگە كىرمەك ئىستەيدۇ،
ئۇ مېنى باغرىغا باسماق ئىستەيدۇ،
كۆرمەك بولىدۇ سېغىنچىمنى.ئۇ بابالىرىم چۈشىنى سۆزلەپ بەرمەكچى،
پەقەت قورقار سىغارمىكىن مېنىڭ باغرىمگە.
ئۇ مېنىڭ بارچە ئارزۇلىرىمنى بىلمەكچى،
پەقەت قورقار سىغارمىكىن ئۇلار باغرىغا .
ئۇ مېنىڭ ئانامغا ئوخشايدۇ،
كۆزلىرى مەيۈسدۇر ئۇنىڭ ھەم.
ئۇ مېنىڭ بالالىغىمغا ئوخشايدۇ،
ئۇ ھەم ماڭا يازالمايدۇ خەت.1978-يىل
مەن سۆيىمەن
-مەن سۆيىمەن ،-شىۋىرلار ئايال،
-كىرلەرىڭنى يۇيۇپ بېرىمەن.
دەزماللايمەن كۆڭلەكلىرىڭنى،
سېنى قۇچقان قوللىرىم بىلەن.پەقەت بىر كۈن يېنىڭدا يېنىپ،
جىلمايغانچە شىۋىرلىسام بەس.
يۈرەگىمنىڭ ئاستىدا كىمدۇر؟
خۇددىي سەندەك ئالماقتا نەپەس.1979-يىل
سۆز- قۇشتۇر
سۆز -قۇشتۇر،
ئاۋايلا قۇشنى.
ئاۋايلا كۆكسىڭدە ئاڭا ئۇۋا قۇر.
قاناتلىرىنى سىلا ،ئەركىلە،
ئۆز قېنىڭدىن ئۇسسىىسا ئىچۈر .شېئىر ئۇچىۋاتقان قۇشقا ئوخشايدۇ،
قۇياشقا تەلپۈنەر ئۇ ئۇچۇپ -ئۇچۇپ.
شېئىرنىڭ تۆت مىسراسى
قەپەس بولۇشى
ياكى ئاسمان بولۇشى مۈمكىن سۆز ئۈچۈن.1979-يىل
دەريا يوقتۇر چېچىڭدىن باشقا
دەريا يوقتۇر چېچىڭدىن باشقا،
دولقۇنىدا ئاقاي دىسەم.
كۆزۈڭدىن باشقا يۇلتۇز يوق،
قاراي دىسەم ،باقاي دىسەم.ئىسمىڭدىن باشقا بىر سۆز يوق،
ئېيتاي دىسەم ،توۋلاي دىسەم.
كۆزۈڭدىن باشقا يۇلتۇز يوق،
ئوتىدا كۈيەي دىسەم.مېھرىڭدىن باشقا كۈندۈز يوق،
سۈيەكلىرىمنى توپلاي دىسەم.
كۆزۈڭدىن باشقا يۇلتۇز يوق،
ئۆزگە يولدىن كىتەي دىسەم .1980-يىل
سەمەرقەند قوشاقلىرى
بۈيۈك رائۇف پەرفىگە بېغىشلايمەن.
1
شاھىزىندە ئۈزرە كۆتۈرۈلدى ئاي.
پەلەمپەيلەردىن پەستكە چۈشىرەر
خازانلارنى ئىشقتىن مەست شامال.2
ئاراسىياپ بويلاپ كىزىمەن-
كۆرمەيمەنۇ يانىمدا كىم بار
نەپەس ئېلىۋاتقىنىنى سېزىمەن.3
باش باھار.قەبرىستان
قەبرە ئۆزرە ئۆسكەن قىزغەلداق
بىلەن ئوينار رەڭداركىپىنەك.4
سۈكۈنات يالغۇزلىغى
يالغۇزلۇق سۈكۈناتى
ئارا سەرسان كىپىنەك.5
ئافرىسىياپ ئۆزرە ئاي
بالقىپ چىقىپ ئويغاتتى
سۇنۇق ساپال پارچەسىن.6
ئاي نۇرى جىلۋىلەندى
قولىمدىكى قەدەھكە
يۈرەكتىكى قايغۇدەك.7
نمىگە بۇنچە سىقىرايسەن دىل؟
نىمىگە بۇنچە خىرەسەن ھىلال؟
ھەمدەرد بولاي قاي بىرىڭىزگە؟8
بۇ ئۇچاقتا قاچانلاردۇر ئوت گۈكىرىگەن
ھازىر بولسا پەقەت قايغۇ
ئويغۇتار دىلدا9
كېچىدە يەر تىشىپ چىقىپ
ماڭا نىمىلەرنى شىۋىرلايسەن؟
ئەي ئەتىلا سولغۇچى چېچەك؟10
ئەي بابۇرنىڭ سېغىنىچلىق بەيىتى
يۈرەگىمنى قىيناماق ئۈچۈن
كېلىۋىرەسەنمۇ قايتىپ-قايتىپ.11
شاماللارغا بويسۇندۇڭ،
بويسۇندۇڭ بورانلارغا
نىمىشقا ماڭا بويسۇنمايسەن دىل؟12
مېنى قىيناش شۇنچە راھەتمۇ؟
لېۋىڭنىڭ چېتىدە تۇرىدۇ مۇدام،
سوغۇق تىغىڭ- كۈلۈمسىرىشىڭ.13
ئايغا ئۇزاق تەلمۈرۈپ قالدىم
كېتەلمىدىم بىر قەدەم بېسىپ.
ھەتتا سېنى ئەي يۈرەگىم ئۇنۇتۇپ قويدىم.14
تاغ شامىلى يۈرەگىمنى
ئېلىپ كەتكىن ئۆزۈڭ بىلەن
شەھەردە ئالۇچىلار گۈل تۆكۈپ بولدى.15
چۈشلەرىمگە كىردى باھاردا
بەرگى خازان باشلانغان كۈنلەر.
يۈرەگىم بىر ئەنسىز قۇش.16
تەڭ تۇشلىرى ئۇرۇشسا
نىمە قىلىشنى بىلمەي
كۆز ياش تۆكەتتى ئوغلۇم.17
كىمنى ئەسلەۋاتىسەن،كىمنى سېغىندىڭ،
ئەي ئىگەلەرى كۆچۈپ كەتكەن ھويلىدا
نەچچە يىل گۈللىمەي گۈللىگەن ئالۇچا؟
18ئافراسىياپ تۆپىلىكىدە
كىمنىڭ نەفەسىنى يەر يۈزىگە
ئېلىپ چىقتىڭ لالەقىزغەلداق.19
ھاۋا سۈزۈك،بىغۇبار
بۇلۇتلارنىڭ كارۋىنى
گۆرمىر(گۆر ئەمىر) ئۇزرە سۇزار.20
باھارقى يامغۇرتىندى
پاقىرايدۇ ئاسماندا
گورمىرنىڭ گۈمبىزى.21
سەن شۇنچىلىك راسچىلسەن
مانا شۇ راسچىللىغىڭ
ئالداپ كىلىدۇ مېنى.22
ئۇزاقلارغا كەتتى كۈز،
خۇددى مەيۈس دەيدۇ قىز،
ئەمدى ئۇ قايتارمۇ؟23
گۈل بەرگىدە شەبنەم تامچىسىشۇنچىلىك چىرايلىقسەن
شۇنچىلىك سۈزۈكسەن
ئۆلۈمدىن قورقماي قويدۇم!24
باغلاردا كۈز كىچەر
ھاسىغا تايانغانچە
چال نىمىنى كۈتمەكتە؟25
ئاستانىدا توختاپ قالدىم،
بىرىنجى قار قاپلانغان
يۆلەك شۇنچىلىك گۈزەل.26
سەن شۇنچىلىك راسچىلسەنكى
يۈرەكدىكى سىرىمنى
قىيىن ساڭا ئاچمىغىم.دوستۇم شەۋكەت راھمانغا
ھەمدەرد ئىزدىگەن چاغىم،
توساتتىن سېنى ئەسلەپ
سىقىرايدۇ يۈرىگىم.28
دەردلەرىمنى ئەيتاي دەپ
سېنى ئىزدەپ بارغانتىم
دېرىزەڭ قاپ-قاراڭغۇ.29
ئاخىرمەن يەنە
ساڭا دەردىم ئەيتتىممۇ؟
بۇلۇتلارغا يوشۇرۇنغان ئاي.30
كاشكى مېنى چۈشەنسەڭ،
كاشكى داردىمنى بىلسەڭ
مەندىن خاپا يۈرگەن دوست!31
دۈك-دۈك ئۇرۇشتىن باشقا ئىشى يوق،
سېنى ئۇنۇتتى يۈرەگىم،
تامام ئۇنۇتتى.32
يىراق تاغلار ئارا ياسانغان دالا
پادا بېقىپ يۈرگەن قويچى بالا
پەلەكتە ئۈزۈپ يۈرگەن كېمىدىن كۆزىن ئۈزمەس.33
ئۇ ھاياتتىن تويدى دېدىلەر،
ئۇ سۆيمەستىن قويدى دېدىلەر،
بۈيۈك قەلبلىك ئىنسان ھەققىدە.34
ئۈزۈلگەن ئەتىرگۈل
تېخى ئۆلگىنى يوق،
تىخى بوي تارىتار ئۈمىدۋار.35
قارغا بەرىبىر
گۈللەپ تۇرغان چېچەكنىمۇ
جانسىز تاشلارنىمۇ ئوخشاشلا يوشۇرماقتا .36
شاپتۇل گۈلى تۈكىلەر
رائۇف پەرفى قەبرىسىگە-
نىمىدىگەن مېھرىبانسەن باھار!2000-2005 yillar.
سەمەرقەند ھەققىدە ئاددى سەترەلەر
(ئۇكام جەمشىدگە)
مەن بىلىمەن،
ئۇ مېنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى.
ئۇ مېنىڭ چۈشلىرىمگە كىرمەك ئىستەيتتى،
ئۇ مېنى باغرىغا باسماق ئىستەيتتى،
كۆرمەك بولاتتى سېغىنىشىمنى.ئۇ ئەجداتلىرىم چۈشىنى سۆزلەپ بەرمەكچى ،
پەقەت قورقار سىغارمىكىن ئۇلار باغرىمغا.
ئۇ مېنڭ بارچە ئارزۇلۇرىمنى بىلمەكچى،
پەقەت قورقار سىغارمىكىن ئۇلار باغرىمغا.ئۇ مېنىڭ ئانامغا ئوخشايتتى -
كۆزلەرى مەيۈستى ئۇنىڭ ھەم.
ئۇ مېنىڭ بالىلىقىمغا ئوخشايتتى -
ئۇ ھەم ماڭا يازالمايتتى خەت.1978
٭ ٭ ٭
تۈندە سىلكىتەركەن دەرەخنى شامال،
دەرەخلەر تىترەركەن مەھزۇن،مۈكچىيىپ.
دەرەخلىك قوينىغا كىرەر بىر ئايال،
نازۇك ئاياقلىرىنى شەبنەمگە مىلەپ.ئۇ گۈللەر چاچاتتى ئۇچۇم-ئۇچۇملاپ،
ھەيرەتكە تولاتتى ئارمانلىق باغلار.
ئۇ كۈيلەر باشلىسا گۈللەرنى چىشلەپ،
ئويغۇنۇشقا باشلايتتى قۇرىغان شاخلار.1978
شۈكۈر بورھان ھەققىدە قوشاق
شۈكۈر بورھان ھەم قېرىپ قالدى،
ئوخشاب قالدى قەدىم قەلئەگە.
قىيسايغان تاملار قەددىن تىكلىدى،
شۈكۈر بورھان چىققاچ سەھنىگە.
ئەمدى ئۇندىن كۈچلۈك ئادەم يوق،
يېڭەر مەن-مەن دىگەن يىگىتنى.
ئۈ كۈيلەدى مىسالى قوشاق
سۆزلەر ئارا يۈتكەن سۈكۈتنى.
تەننەپۇستا يەنە ھارغىنلىق،
يەلكىسىگە تاشلايدۇ كۈچىن.
يۈرەگىدە ئۇخلار ئۇلۇغبەك،
ئاخىرقى سەھنىدە سۈرەن سالماق ئۈچۈن.... شۈكۈر بورھان تۈندە چۈش كۆرەر،
تاڭغا قەدەر داۋاملىشار چۈش.
ئابدۇلەتىپ ئاچچىق ۋاقىراپ
ئابباس خەنجەر بىلەپ يۈرەرمىش.
يالغۇز پانۇس يۇرۇپ تۇرار سۇس،
تۆكىلەرمىش يۇلتۇزلار ھەريان.
يۈرەگىدىن ئازاپقا پاتقان ،
قارا تۇپراققا تامچىلارمىش قان.
شۈكۈر بورھان چۆچۈپ ئويغىنار،
باسالماستىن شۇ ھاياجاننى.
ۋە بەقۇۋۋەت قوللارى بىلەن
كۆكرىگىدىن سۈرىتىپ قاننى.1978
ساددا شېئىر
شائىرلاردىن ئايرىلماسۇن غەم،
ياپرىغىدىن ئايرىلماسۇن تال.ئايرىلمىسۇن بايراقتىن شامال،
ئايرىلماي ھەم سەندىن ھىچ مەن ھەم.تاڭ قۇياشنى ئاسمانغا بەرسۇن،
قۇياش گۈلگە بەخش ئەتسۇن ياپراق.ئىشقىم دىلدا بىر ئۆمۈر تۇرسۇن،
دۇنيا تۇرسۇن مەڭگۈ ۋە تىنچراق.
بۇ ئادەملەر
بۇ ئادەملەر ھەسرەتكە تولۇپ ،
قانداق ئوينى سۈرۈپ بارارلەر؟
-تاڭنى ئېلىپ كەلمەكچى بولۇپ،
تۈن قوينىدا يۈرۈپ بارارلەر.بۇ ئادەملەر يۈرەگى كۆيۈپ،
قاي مەنزىلنى كۆزلەپ يۈرۈرلەر؟
-ئۇلار ئاسان يوللارنى قويۇپ،
خەلقىم دىبان بۇزلاپ يۈرۈرلەر.بۇ ئادەملەر كۆكسى ،بوغۇزىدىن،
كۆزلىرىدىن نىچۇن ئاقار قان؟
-بۇ ئادەملەر تۆككەن قانلاردىن
تۈن باغرىدا كۆكىرەدۇ تاڭ.
1986-يىلى
ماۋزۇسىز
دەرتلىرىمنى ئېيتسام تۈنلىرى،
جىم ئولتۇرۇڭ دەيدۇ خوتۇنۇم.
قوشىق ئيېتسام ،كۈي كۈيلەسەم،
جىم بولۇڭ دەپ ۋاقىرار قوشنام.جاراڭلار كەتسە كىشەنىم،
جىم بول دەيدۇ قېرى دۈشمىنىم.
گۈلزار ئارا سايرىسا بۇلبۇل،
جىم بول دەيدۇ سولغان ئەتىرگۈل.ئۇسۇل ئوينىسا ،ئەركىلىپ كەتسە ،
جىم ئولتۇرغىن دەيمەن بالامغا.
جىم بول،يېتەر دەپ ۋاقىرايمەن،
دىلىمدا بۇزلىغان نالەمگە.جىملىق مېنىڭ ئۆمرۈم -ھاياتىم،
جىملىق مېڭنىڭ سوڭغى پەريادىم.
جىملىق ئارا ئەقلگە باسما-باس،
پەقەت يۈرەك...
يۈرەك ئەمەس جىم.
2001
ماۋزۇسىز
چىشلەنگەن ئالما،
پۈتمىگەن شېئىر-
ئارقىدا قالغىنى شۇ بولدى پەقەت.
ئۇنى يۇتتى بىردىن زۇلمەتنىڭ قارنى،
پىچىرلاپ قالدىلەر :زامان بىشەپقەت.خوتۇنى قارنىدا بالىىسى قالدى،
كۆزلىرى كور بولۇپ ئانىسى قالدى.
ئۇنى ئېلىپ كەتتى بىر تۆمۈر قەپەر،
بىر ئادەم دۇنيادىن ئىزسىز يوقالدى.پۈتمىگەن شېئىرنى ئوتقا ياقتىلەر،
ئاسمان ھەم كۆك رەڭلىك ئەڭلىنى كىيدى.
ماۋزۇسىز
يىراق-يىراقلارغا كەتمەك ئىستەيمەن،
ھاۋالىق جايلارغا ،يۈكسەك جايلارغا.
كاتتا شېئىر يازماق ئىستەيمەن،
ئوخشىسۇن كۈزدىكى تۇلۇن ئايلارغا.باھاردىكى قىرلاردا چىچەك شىۋىرلار،
شېئىرىم سۆزلەرىنى ساڭا يەتكۈزسۈن.
مېنىڭ ئارمانلىرىم،مېنىڭ دەرتلىرىم،
سەن كەزگەن باغلارنى ئىنتىزار كەزسۇن.بىر چاغلار چېچىڭنى سىلىغان شامال،
تۈنلەرنىڭ قوينىدىن يېنىمغا قايتسۇن.
دەريا بويىدىكى سوڭغى مەجنۇنتال،
قىرىق كېچە دەردىمنى سۇلارغا ئېيتسۇن.مەن ھەم ئەشۇ دەريانىڭ ئارقىسىدىن باراي،
بۆلىنىپ،بۆلىنىپ كىتەي سايلارغا.
مەن ئەشۇ سۇلارنىڭ ئارقىسىدىن باراي،
ھاۋالىق جايلارغا ،ئايدىڭ جايلارغا.ئەشۇ يىراقلارغا يېتىپ بارسام مەن،
چەككەن ھەسرەتلىرىم تامام پۈتەرمۇ.
خۇددى ئانار كەبى قارنىمنى يارسام،
ئەشۇ كاتتا شېئىرغا قېنىم يىتەرمۇ؟
بىر ئۇخلاپ ئويغانسام
بىر ئۇخلاپ ئويغانسام،كىلىپتۇ باھار،
ئاندىن ياز ،كېيىن كۈز..
كېيىن قەھرىتان...
قانچە ئۇخلاپ ئويغانما ،
ئايىقىڭ
ئۈزۈلمەيدۇ يەردىن ھىچقاچان.كىرىپ كەلمەس پەقەتقىنا ئەرك،
ئۇنىڭ ئۈچۈن ئويغانماق كېرەك.
1986
ئۇ ھەممىدىن بەكراق ئاشىق ئىدى
ئۇھەممىدىن بەكراق ئاشىق ئىدى-
دەھشەتتىن تىترىگەن بارماقلىرىنى
قوينىغا يوشۇرۇپ كوچىغا چىقتى.چىقتىيۇ بوغىزىغا تىقىلىپ قالغان
قورقونۇچتىن ۋاقىرىدى-چۆچۈپ ئويغاندى
ئەتراپتىكى ھەممە قورققاقلار...
1986-يىلى
ماۋزۇسىز
تامنىڭ قۇلىقى بار دەيدۇ كار ئادەم
تاڭنى كۈتۈپ ئولتۇرغان كۆزى كور ئادەمگە.
1986-يىلى
كېرەك بولسا
كېرەك بولسا قىلىچ ئۇچىدا ،
ياشا،سۆيگىن سەن مەجنۇن بولۇپ.
سېرىق رەڭلىك گۈللەر ئىچىدە،
ئېچىل كېيىن قىزىل گۈل بولۇپ.دىلىڭدىكى سۆزنى ئېيت پەقەت،
بەختلىك قىل سۆيگەن ئايالنى.
ئاڭا سەن زەر،تىللانى ئەمەس،
ئىئام ئەتكىن ئاينى شامالنى.ئۆچىڭنى ئال ياۋدىن ،زۇلمەتتىن،
ساتقىنلاردىن ئاخىرقى مەيدان.
سان-ساناقسىز تېرەكلەر ئارا،
ئەڭ بەقۇۋۋەت چىنارغا ئايلان.ئەتراپ يالغان بىلەن تولغاندا ،
ئىچىڭگە يۇتۇپ تىترەك نالىنى،
چاللار يالغانچى بولۇپ قالغاندا،
ئالقىشلا چىن سۆز ئېيتقان بالىنى.
تەبەسسۇمىڭ يادىمدا ھامان
تەببەسسۇمىڭ يادىمدا ھامان،
يادىمدىدۇر خەندان كۆزلىرىڭ.
كۈلۈشىڭىنى ئەسلەيمەن بۇ ئان،
ئۇنۇتۇلغان يالغان سۆزلىرىڭ.ئەتىرگۈلنىڭ بەرگىدەك قىزىل،
ئالۋۇن ئىدى تەبەسسۇمىڭ ھەم-
ئەي كۆزلەرى خەندان ئۇرغان قىز،
نىچۇن سەندىن قالدى پەقەت غەم؟مەن بىلىمەن ئەڭ سوڭغى پەللە،
جانسىز بولۇپ تىترىسە قولۇم،
سېنىڭ ،سېنىڭ تەبەسسۇمىڭدا ،
كۆزلەرىمگە باقىدۇ ئۆلۈم...
1986
قوشاقلاردىن بىرى
مەن گارسىيا لوركا...
ياق،ياق ،پول ئېلۇيار..
ياق،ياق پابلو نېرۇدا...
مېنىڭچە ،ئابدۇلھەمىد چولپان
شېئىرىنى ئوقۇۋاتقان ئىدىم-
نىگاھىمدا توختىدى
سۆزلەردىن بىرى...كۆز ئالدىم يۇرۇپ كەتتى.
ناھات ئاڭلىمىغان بولساڭ مېنى دېدى.
سۆزلەرنىڭ بىرى.ياق دەپ باش چايقىسام،
ۋىلىقلاپ كۈلدى
سۆزلەرنىڭ بىرى.دېمەك خېلى دۇنيانى بىلمەيدىكەنسەن
دىدى سۆزلەرنىڭ بىرى.شۇندىن كېيىن قولۇمنى تۇتۇپ ،
يېتىلەپ كەتتى
سۆزلەرنىڭ بىرى.تاش ئاشتىم،دەريا كەچتىم،
ئۇپۇقلار تامان سەكرىدىم،
توڭلىسام ئىستتى،
ئاچ قالسام نانغا ئايلاندى،
سۆزلەرنىڭ بىرى.يۈكسەك-يۈكسەكلەرگە تەلپۈنۈپ ماڭدىم
قولۇمدىن يىتىلەپ ماڭدى
سۆزلەرنىڭ بىرى.ئولۇس-ئولۇسلاردا شۇنداق ۋادا بار -
ئۇندا قۇياش بار ،
مېھىر بار ،
مۇھەببەت بار ،
قەلبىڭ ئەشۇ يەردە دىدى
سۆزلەرنىڭ بىرى.
1986
رائۇپ پەرپى شېئىرىغا نەزىرە
قار يېغىۋاتقان ئاخشام
شەھەرنى كەزسەڭ،
خىرە-شىرە كوچىلارنى كەزسەڭ،
قوللىرىڭنى يونچۇققا تىقىپ،
قار ئېرىسە لەۋلىرىڭدە جىم.ئويلىساڭ نەلەردىدۇ،
قالغان كىمنىدۇر،
شۇ قارنى ئويلىساڭ قەلبىڭ ئەندىكسە،
ئاندىن ئۆزۈڭ سۆيگەن قىزنى ئويلىساڭ،
ئاندىن ئويلىساڭ ئاناڭنى.قار يەنە داۋاملىق يېغىۋۋەرسە جىم،
جىملىقتا تىنمىسا قەدىمىڭ.
ئۆزۈڭ ھەم قار ئۇچقۇنىدەك،
سىڭىپ كەتسەڭ تۈننىڭ باغرىغا .كىمگىدۇر يول بەرسەڭ ،
كىمگىدۇر سالام.
ئەمما ئۆزۈڭ بىلمىسەڭ بۇنى.
قار يەنە داۋاملىق يېغىۋۋەرسە جىم،
ئاداشساڭ ،سەزمىسەڭ ئاداشقىنىڭنى...
.......................................ئىشىك ئېچىلدى،
لالما ئىت كەبى،
كەينىگە چېكىندى يېرىم قاراڭغۇلۇق.
بىر ئەركەك چىقتى كوچىغا ئەسنەپ،
گۈدەك يىغىسىنى يوشۇردى ئىشىك.ئەركەك قارا رەڭلىك يامغۇرلىقىنىڭ،
پۈرۈلگەن ياقىسىنى قويدى كۆتۈرۈپ.
ئېرىنىپ ئىزلىدى پاپىروسىنى،
ھودۇقماستىن ئوت تۇتاشتۇرۇپ.
.................
بۈگۈن تۈندە يەنە تىرىلدىم،
سەن ئىشىكنى ئاچتىڭ چۆچىمەي
شىۋىرلىدىم مانا مەن كەلدىم،
نىمىشقا ئاچمايسەن پەردىنى.نىمىنىدۇر ئىزدەيدۇ كۆزلەر،
نىمىنىدۇر ئىزلەرمەن...
شۇتاپ ...
كۆرۈپ قالدىم ياستۇق بېشىدا
ياتار ئىدى مەن سۆيگەن كىتاب.
..........................بىلەرسەنمۇ چۈش كۆردۈم سېنى،
ئەستە قالدى كۆزلەرىڭ پەقەت.
كۆرسەتمەكچى بولۇپ كۆزۈڭنى ،
ئېلىپ كەتتى يوللار بىشەپقەت.سېنى تاپتىم ،لېۋىڭدە تىترەك،
شىۋىرلىدىڭ تىنچلىقىمنى بۇزدۇڭ.
ئوتتۇرىمىزدا قىينالدى چىراق،
ئۇيقۇسىراپ يىغلىدى قىزىڭ.سەن بوشلۇققا تىكىپ كۆزۈڭنى،
شىۋىرلىدىڭ ئاھلىق پىغانلىق.
بىلەرسەنمۇ چۈش كۆردۈم سېنى،
ئەستە قالدى كۆزلىرىڭ پەقەت.
................
بالىلىق ھەققىدە شېئىر
ھېلىمۇ ئۇنۇتقىنىم يوق،
دەرەخلەرنىڭ تىلىنى.
قۇشلار بىلەن لوغەتسىز سۆزلەشكىنىمنى،
ھېلىمۇ ئۇنۇتقىنىم يوق.
ھېلىھەم ئىشىنىمەن ۋە قايغۇرىمەن،
يۇلتۇز ئاقسا تاڭغى ئاسماندىن.
مايسىلارنى مىجىقلايمەن،
مايسىلارنىڭ دەرەخكە ئايلىنىشىغا
بولغان ئىشەنچىمنى يوقاتمىدىم ھېلىمۇ.
ھېلىمۇ قورقىمەن
بالىلىقتىكى خوشنىمىزنىڭ ئىتىدىن.
ھىكايە كىتابلىرىمنىڭ تۈگەپ كېتىشىدىن قورقىمەن،
بۈگۈن يەنە ئانامنىڭ ئاپپاق ،
چاچلىرىغا قاراپ قورقىمەن.
1980
قىز ۋە شامال ھەققىدە قوشاق
دەردلىرىمدەك ئۇزۇن كوچىنى،
ئاياقلىرىڭ تىۋىشى ئۆپەتتى.
ئۇخلاپ قالغان ئايدىڭ كوچىنى،
ئويغىتاتتى ساچلىرىڭ ھىدى.ئۇزاقلاردىن ساڭا ئىزمۇ ئىز،
ئاشىق شامال ئەگىشىپ كېلەر.
ياۋۇراتتى ئۇ ساڭا ئۈنسىز،
يالۋۇراتتى يۇمران مايسىلار.كۆزلىرىڭگە ئاي باقار قېنىپ،
كۆزلەرىڭ ئاي نۇرىدەك تازا.
مانا كەلدىڭ ،بوغىلىپ ،يېنىپ،
سېنى يۇتار كونا دەرۋازا.شامال يەنە كوچىدا قالار،
مىدىرلىماس ،قاناتلىرى تىنىچ.
پارچە-پارچ
评论