-
كۈز - [نەسىر-خاتىرىلىرىم]
2010-09-23
بىر تال غازاڭ دېرىزەمگە ئۇرۇلىدۇ-يۇ بىر خىل جىمجىتلىقنى ھېس قىلىمەن. ئاۋازلار يەنىلا ئاينىڭ سۇغۇق نۇرلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئەينەكتە ئەكىس ئېتىدۇ.
بۇ كۈز ئاخشىمى، دەيمەن غازاڭلارغا. تەنھالىق ھەققىدىكى باشقا بىر ئويلىرىمدا سېنىڭ غۇۋا كۈلەڭگەڭ، خاتىرەمنىڭ بىرىنچى بېتىدە سېنىڭ شەكلىڭ، كۈزىتىمەن قاراپ يوقلۇققا. سەن بۇرۇنلا شەكلىڭدىن ئازاد بولغان، شۇڭا بىز خەيرىلەشكەن. بىز خەيرىلەشكەن دەقىقىلەردە قارا تېرەك يۇپۇرماقلىرى لەرزان تەۋرىنەتتى... كۈن چۈش بولغانىدى... ئەمدى ئۇ دەملەر ئاۋۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن. سۇس قاراڭغۇلۇق بىردىنلا دېرىزەمگە ئۇرۇلدى. بىر تال غازاڭ دېرىزەم سىرتىدا لەيلەپ قالدى.
مەن يامغۇردا قېلىشقا ئامراق ئىدىم، بىر قېتىممۇ يامغۇردا قالمىدىم. بۇرنۇمغا تۇپا ھىدى ئۇرۇلۇپلا تۇرىدۇ. بۇ يەردە بىر ناخشا بار، ئېيتىلمايدىغان. مەن ئوغلۇمغا رەڭلەرنى مەڭگۈ چۈشەندۈرەلمەيمەن، ئۇ ئاسماننىڭ كۆك بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەي چوڭ بولىدۇ. بۇ ناخشا يەنىلا ئېيتىلمايدۇ. ئەمما مەن ئۇسسايمەن، ئوغلۇم ئۇ ناخشىنى مەندىن سورايدۇ. ئۇ ناخشا يەنىلا ئېيتىلمايدۇ.يەنە بىر غازاڭ دېرىزەمگە ئۇرۇلدى.شېئىرىمنى يىرتىپ تاشلىدىم، يېزىلمىغان شېئىرىمنى. يەنە بىر غازاڭ...
评论
http://generall.blogbus.com/
مەن قىلىۋالدىم\
http://sahabilar.blogbus.com/